چاڭ

چاڭ- ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى چاڭ
باشقا نامى قالۇن
تۈرى چالغۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 چاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىلمۇ خىل شەكىلدىكى مۇزىكىلار، بولۇپمۇ شاد – خورام ھېسسىياتقا ئىگە ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشقا ناھايىتى ماس كېلىدىغان چالغۇلارنىڭ بىرى.

ئۇنىڭ ئەكىس سادا ساندۇق قالۇنغا ئوخشاش كەڭ، ياپىلاق بولۇپ، ئالدى تارى كەينىگىرەك، ئىككى تەرىپى ئوخشاش ياسالغان.

چاڭ جازىغا ياكى يەرگە تۈز ياتقۇزۇلۇپ، بامبۇكتىن ياسالغان بىر جۈپ چوكا بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ. چوكىنىڭ ئۇچىغا رېزىنكە ياكى كىگىز قويۇلغان بولۇپ، ئاۋاز جاراڭلىق، تولۇق سادالىق بولىدۇ. بەزى ئالاھىدە ھېسسىيات تەلىۋىگە بىنائەن سول قول بارماقلىرى تارىلارنى چېكىپ بېسىپ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق قالۇنسىمان تېيىلما ئاھاڭ شەكلىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ، مۇزىكىنىڭ يېقىملىقلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

چاڭنىڭ قوش پازىلىق(چوڭراق) ۋە يالغۇز پازىلىق(كىچىكرەك) قاتارلىق ئىككى خىل نۇسخىسى بار. ئادەتتە ئۈچ ياكى تۆت پولات سىم بىر گۇرۇپپا قىلىنىپ، بىرلا ئاھاڭغا تەڭشەلگەن. چاڭنىڭ دەسلىپىدە ئىككى ئۈچ گۇرۇپپا ئاۋازلىق شەكىللىرى بولغان. ھازىر يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغانلىرى تۆت گۇرۇپپىدىن ئاشقان.

چاڭنىڭ تەڭشىلىشى يەتتە ئاھاڭلىق تەبىئىي ئاۋاز باسقۇچ تەرتىپلىرى بويىچە ئۈچ ياكى تۆت قۇر تىزىلغان ھالەتتە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#