قەنت سىيىش كېسىلى

قەنت سىيىش كېسىلى
قاندىكى قەنتنى تۆۋەنلەتكۈچى ھورمۇن بولغان ئىنسۇلىننىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە باشقا سەۋەبلەردىن قاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرىلاپ ،كىلىنىكىدا كۆپ يېيىش ،كۆپ ئىچىش  ،كۆپ سىيىش ،ئورۇقلاش ،ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان ، ئېغىرلاشقاندا بەدەن يۇقۇملىنىشقا مايىل بولۇش ،تېرىلەرگە چاقا -جاراھەتلەر چىقىش، بۆرەك ۋە يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى قەنت سىيىش كېسىلى
خەنزۇچە نامى 糖尿病
تەۋە بۆلۈم ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى diabetes mellitus,DM
ئاساسلىق ئالامىتى كۆپ ئۇسساش، كۆپ يېيىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئەرلەر
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەنت سىيىش كېسىلىدىيابىت (diabetes) كىسىلى يەنى قەنت سىيىش كىسىلى، شىكەر كىسىلى ياكى تاڭنىياۋبىڭ (糖尿病) دىگىنىمىز بەدەندىكى ئىنسۇلىن (Insulin) يەنى يىداۋسۇ (胰岛素) دەپ ئاتالغان ئاشقازان ئاستا بىزى (Pancreas) (胰腺) دە ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بىر خىل ھورمۇننىڭ كەملىكى ياكى يىتەرلىك خىزمەت ئوتىيەلمەسلىكى سەۋىبىدىن كىلىپ چىققان كىسەللىك .

ئادەتتە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. 

دىيابىت كېسىلىنىڭ بىرىنجى تۈرى

ئىنسۇلىنغا تايىنىدىغان دىيابىت كىسىلى ياكى 1-تۇردىكى دىيابىت كىسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى دىيابىت كىسىلى بالىلاردا ياكى ياشلاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ كەم بولىدۇ، يەنى بۇ خىلدىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بىزى ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ ئىشلەپ چىقارمايدۇ ياكى يىتەرلىك .ئىشلەپ چىقارمايدۇ. ئۇلار پۈتۇنلەي دورا قىلىپ بىرىلگەن ئىنسۇلىنغا تايىنىپ ياشايدۇ.

دىيابىت كېسىلىنىڭ ئىككىنجى تۈرى

چوڭلار دىيابىت كىسىلى ياكى 2-تۈردىكى دىيابىت كىسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈردىكى دىيابىت كىسىلى چوڭلاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. بۇ خىلدىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ بەدىنىدە ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ نىڭ مىقدارى يىتەرلىك بولمايدۇ ياكى ئىنسۇلىننىڭ ئىشلىتىلىشى ئۇنۇملۇك بولمايدۇ.

چوڭلاردا بولىدىغان دىئابىت كىسىلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 2-تۇردىكى دىيابىت كىسىلى بولۇپ، 2-تۇردىكى دىيابىت كىسىلى پۈتۇن دىيابىت كىسىلىنىڭ 90% نى ئىگەللەيدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئىشىپ بىرىشى، بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى سىمىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئىغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ 2-تۈردىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ يىشىمۇ كۈنسايىن ياشلاشماقتا. 

بۇ كېسەللىك، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئاجراتما ماددا چىقىرىش ئىقتىدارى ۋە بۆرەك پائالىيىتى ئاجىزلاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1. ئىنسۇلىن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ .

   ئاشقازان ئاستى بەز ئارالچىلىرىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى بەدەندە ئىنسۇلىن نورمال بولغان شارائىتتىمۇ بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىقى سەۋەبىدىن، قاندىكى قەنتنىڭ ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىشى تورمۇزلىنىپ، جىگەر گىلىكوگېننىڭ پارچىلىنىپ قانغا كىرىشى كۈچىيىپ، ماي ئاقسىللىرىنىڭ بىرىكىشى ئازىيىپ، پارچىلىنىشى كۈچىيىپ، كۆپ مىقداردىكى ماي قەنتكە ئۆزگىرىپ ئاخىرىدا قاندىكى قەنت قويۇقلۇقىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

 2. خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

  ھەرخىل ئامىللار تەسىرىدىن تۆت خىلىت (قان، بەلغەم، سەپرا، سەۋدا) نىڭ بەدەندىكى تەڭپۇڭسىزلىقى بۇزۇلۇپ، پۈتۈن بەدەننىڭ تەبىئىي مىزاجى ئۆزگىرىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى، بۆرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ خىزمەت فۇنكسىيەسى قالايمىقانلىشىپ، نەتىجىدە قەنت سىيىش كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ .

3. خىلىتسىز كەيپىياتلار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

  ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، زىيادە چارچاش، ئەقلى ئەمگەك بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش  ،كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بۆرەكنىڭ مىزاجى ئىسسىقتىن بۇزۇلۇپ، بۆرەك خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، بۆرەكنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، قەنت ۋە سۇنى ئۆزىدە تۇتۇپ تۇرالماي، كۆپ ئۇسساشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىماردا كۆپ سىيىش ۋە كۆپ ئىچىش شەكىللىنىدۇ ھەمدە قەنتنى كۆپلەپ چىقىرىۋەتكەنلىكتىن ماي ۋە ئاقسىللارنىڭ غەيرىي يوللار ئارقىلىق قەنتكە ئايلىنىشى كۈچىيىپ ئورۇقلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

4. باشقا سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ .

  سېمىزلىك، ھامىلىدارلىق، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش، پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرى قاتارلىقلارمۇ قەنت سىيىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن : سېمىز كىشىلەرنى ئالساق، ئۇلارنىڭ قېنىدىكى قەنتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ مىقداردا ئىنسۇلىنغا ئېھتىياجلىق، شۇڭا ئۇلارنىڭ بەدىنىدە گەرچە ئىنسۇلىن باشقا كىشىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش مىقداردا بولسىمۇ، ئۇ بەدەننىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن قەنت سىيىش كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلىتىلسە قەنت سىيىشمۇ ئۆزلۈكىدىن يېنىكلەيدۇ ياكى يوقىلىدۇ .

قەنت سىيىش كېسىلى5. ئىرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

  مەلۇم ئىرسىيەتلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ئاشقازان ئاستى بەز ھۈجەيرىسىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشى تۆۋەنلەپ، تەدرىجىي قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ يۇقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. [0]

ئالامىتى: كۆپ ئۇسساش، كۆپ يېيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ سىيىش، قاندا ۋە سۈيدۈكتە قەنت ماددىسى كۆپىيىپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئورۇقلاش، تېرە قۇرغاقلىشىش، چىش بوشاپ كېتىش، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئادەتتە بىز يىگەن يىمەكلىك ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق جىگەرگە بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە پارچىلىنىپ شىكەرگە ياكى گىلىكوزىغا ئايلىنىدۇ. ئاندىن كىيىن شىكەر ياكى گىلىكوزا يەنە قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى گىلىكوزىنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ. قاندىكى گىلىكوزا مىقدارىنىڭ ئىشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازان ئاستى بىزىدىكى بىتا ھۈجەيرىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە ھۇجەيرىلەر يىتەرلىك مىقداردا ئىنسۇلىن ياكى يىداۋسۇ ئاجىرتىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئىنسۇلىن گىلىكوزىنى بەدەندىكى مۇسكۇل ھۇجەيرىلىرى قوبۇل قىلالىغىدەك دەرىجىدە پارچىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى گىلىكوزا مۇسكۇل ھۇجەيرىسىگە كىرىپ، شۇ يەردە ساقلىنىدۇ ۋە مۇسكۇلنىڭ ھەركەت قىلىشىغا ئىھتىياجلىق بولغان ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

ئەگەر بەدىنىمىز ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقارمىغاندا، ياكى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىن يىتەرلىك بولمىغاندا ۋە ياكى بەدىنىمىزدە ئىشلەپ چىقىلغان ئىنسۇلىن ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۆتىيەلمىگەندە، گىلىكوزا مۇسكۇلغا كىرەلمەيدۇ، يەنى بەدىنىمىز قاندىكى شىكەر ياكى گىلىكوزىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى شىكەر ماددسىنىڭ ياكى گىلىكوزىنىڭ مىقدارى ئىشىپ كىتىپ، سۈدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرلىدۇ. شۇڭا بۇ كىسەل شىكەر سىيىش ياكى قەنت سىيىش كىسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.

چوڭلاردا بولىدىغان دىيابىت كىسىلى ناھايتى ئاستا تەرەققى قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇن يىللارغىچە ئوزىدە دىيابىت كىسىلى بارلىقىنى بىلمەي يۇرىدۇ. دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم كىشىلەردە دەسلەپتە پەقەتلا بىر ئاز ھارغىنلىق ھىس قىلىشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ. كىيىنچە كىسەل تەرەققى قىلىپ تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. 

1. كۆپ سىيىش، يەنى سۈدىكى بۇرۇنقىدىن كۆپىيىش. بۇ ئاساسلىقى قاندىكى ئىشىپ كەتكەن شىكەرنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش نەتىجىسىدە كىلىپ چىقىدۇ.

2.  ئۇساش، يەنى سۇغا بولغان تەشنالىق بۇرۇنقىدىن ئىشىپ بارىدۇ. بىمار سۇنى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئىستىمال قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەغىزى يەنىلا قۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئاساسلىقى كۆپ سىگەنلىكتىن بولغان.

3. ياندۇرغۇسى كىلىش ياكى كۆڭلى ئىلىشىش.

4. كۆزى غۇۋالىشىش يەنى كۆزىنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاپ كىتىش.

5. تاماقنى شۇنداق كۆپ يىسىمۇ يەنىلا ئورۇقلاپ كىتىش.

6.  قايتا قايتا ياكى ئاسان ياللۇغلىنىپ قىلىش.

7. تېرە زەخمە بولغاندا، ياكى تىرادە يارا بولغاندا ئۇزۇنغىچە ئاسان ئەسلىگە كەلمەسلىك.

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەردە يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى بولۇشى مۈمكىن، يەنە بەزىلەردە بىر قىسمى بولۇشى مۈمكىن. بەزىلەردە يۇقارقى ئالامەتلەر ئىلگىرى كىيىن بولۇپ كۆرىلىشى مۈمكىن، يەنە بەزى كىسەللەردە ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھىچقاندا كىسەللىك ئالامەتلەر بولماسلىقى مۈمكىن.

دىيابىت كىسىلى ۋاختىدا داۋالىتىلمىسا ياكى قاندىكى شىكەر ماددىسى ياخشى كونتۇرۇل قىلىنمىسا تۆۋەندىكى ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.

1. كۆزى قارغۇ بولۇپ قىلىش.

2. يۈرەك قان تومۇر زەخمىلىنىش ياكى يۈرەك قان تومۇر كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش.

3. نېرۋا زەخمىلىنىش، بولۇپمۇ پۇت قولىنىڭ نىرۋىلىرى زەخمىلىنىپ، پۇت قولى قىچىشىش، يارا بولۇش ۋە قاتتىق ئاغرىش.

4. مىڭە قان تومۇر كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇش ياكى مىڭە قان تومۇر كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى ھەسسىلەپ يۇقۇرلاش.

5. بۆرەك زەخمە بولۇش، بۆرەك زەيىپلىشىش.

6. ئەغىر ئاياق ئاياللارنىڭ بالىسى مەيىپ تۇغۇلۇپ قىلىش.

7.  ھاياتى خەۋەپكە ئۇچىراش ۋە ئۆلۇپ كىتىش.

2-تۈردىكى دىيابىت كىسىلى ئاساسەن چوڭلاردا بولىدىغان بولۇپ، ھەرقاندا كىشىنىڭ بۇ خىلدىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى بار. بىراق بەزى ئامىللار كىشىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتا بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغان بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1. بەدەن ئغىرلىغى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بولۇش. 

2. قوساق ۋە بەل قىسمى بەك سىمىز كىشىلەر، يەنى قوساق ۋە بەل قىسمىدى كۆپ مىقداردا ماي بار كىشىلەر.

3. 45 ياشتىن ئارتۇق كىشىلەر.

4. ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا ئادەتلەڭەن، مۇھاپىق بەدەن چىنۇقتۇرۇشقا قاتناشمايدىغان كىشىلەر.

5. ئۆيدىكى ئۇرۇق تۇققانلاردا دىيابىت كىسىلى بار كىشىلەر.

6. ئېغىر ئاياق بولغان ۋاختىدا قاندىكى گىلىكوزىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن ياكى 4 كىلودىن ئارتۇق ئغىرلىقتكى بالا تۇققان ئاياللار.

7. قاندىكى پايدىلىق كولەستىرول يەنى HDL نورمالدىن توۋەن بولغان كىشىلەر.

8. قان بىسىمى يۇقۇرى كىشىلەر.

بۇرۇن 2-تىپتىكى دىيابىت كىسىلى گەرچە ئوتۇرا ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى سىمىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كۈندىن كۈنگە ياشلاشماقتا.

شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى، دىيابىت كىسىلى ھەرگۈزمۇ شىكەر مىقتارى كۆپ بولغان تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن بولغان ئەمەس، بىراق ئادەم ماي ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئاسان سىمىرىپ كىتىدىغان بولۇپ، يۇقۇردا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك سىمىزلىك كىشىلەرنىڭ دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى.

دىيابىت كىسىلىگە دىياگۇنۇز قويۇش ئانچە قىيىن ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە ئاچ قوساق قان ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر ماددىسىنى ياكى گىلىكوزىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىياگۇنۇز قويغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تەكشۇرۇشلەرنى ئادەتتىكى دوختۇرخانىلاردىمۇ ئىلىپ بارالايدۇ. ئەگەر قاندىكى شىكەر ماددىسى نورمال چىقسا، بىراق دوختۇر يەنىلا سىزدە دىيابىت كىسىلى بارلىقىدىن گۇمان قىلسا "شىكەرگە بەرداشلىق بىرىش تەكشۇرۇشى" دەپ ئاتالغان بىر خىل تەكشۇرۇشنى ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق، سىزدە دىيابىت كىسىلىنىڭ بار يوقلىقىغا ھۆكۇم چىرىدۇ. 

غەرب تىبابىتىدە داۋالاش

دىيابىت كىسىلى داۋالاپ ساقايىتقىلى بولمايدىغان كىسەل بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ كىسەلنى تولۇق داۋالاپ ساقايتالايدىغان ئۈنۈملۈك دورا يوق. بىراق دىيابىت كىسىلىنى مۇھاپىق تەبىر قوللۇنۇش ۋە داۋالاش ئارقىلىق پۈتۈنلەي كونتۇرۇل قىلغىلى بولىدۇ. 

دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە قانچىلىك ئىنسۇلىننىڭ بارلىقىغا، ۋە بەدەننىڭ ئاشقازان ئاستى بىزى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىننى قانچىلىك دەرىجىدە ئىشلىتەلەيدىغانلىغىغا ئاساسەن، ئىلىپ بىرىلىدىغان داۋالاشمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

2-تۇردىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى كىشىلەر بەدەن ئەغىرلىغىنى كونتۇرۇل قىلىش، دىيابىت كىسىلىگە ماس كىلىدىغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش يەنى تەركىۋىدە شىكەر كۆپ بولغان ۋە تاكى تاتلىق يىمەكلىلەردىن ناھايتى ياخشى پەرىز تۇتۇش، تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئامال قاتتىق كونتۇرۇل قىلىش، مۇھاپىق بەدەن چىنۇقتۇرۇش ئارقىلىق دىيابىت كىسىلىنى  كونتۇرۇل قىلىپ كىتەلەيدۇ. بەزى بىمارلار بولسا ئاشقازان ئاستى بىزىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ياكى بەدەندىكى ئىنسۇلىننى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە ياردەم بىرىدىغان بەزى دورىلارنى يئىستىمال قىلىش ئارقىلىق دىيابىت كىسىلىنى كونتۇرۇل قىلالايدۇ. بىراق دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كۆپلىگەن كىشىلەر يەنىلا ئىنسۇلىن ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ دىيابىت كىسىلىنى كونتۇرۇل قىلالايدۇ. 

ئەلۋەتتە 1-تۈردىكى دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن داۋالشتىكى بىردىن بىر ئامال ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش بولۇپ، ئۇلار بىر ئۆمۇر ئىنسۇلىندىن ئايرىلالمايدۇ. 

دىيابىت كىسىلىنى داۋالاشتا ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە يىمەكلىككە بولغان پەرىزنى ۋە داۋالاشنى بىر ئۆمۇر داۋاملاشتۇرۇش بولۇپ، كىسىلىم ساقايدى دەپ داۋالاشنى ئۈزۈپ قويۇشتىن قەتتى ساقلىنىش كىرەك. ئەڭ ياخشىسى قاندىكى شىكەر ماددىسىنى نورمال سەۋىيەدە كونتۇرۇل قىلىش، قاندىكى شىكەر ياكى گىلىكوزا مىقدارىنىڭ ئىگىز پەس بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك. بولمىسا كىيىنكى يامان ئاقىۋەتنى ھەرقانچە داۋالاپمۇ ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولمايدۇ.

دىيابىت كىسىلىنى داۋالاش باشقا كىسەللەرنى داۋالاشقا نىسبەتەن ئالاھىدىرەك بولۇپ، داۋالاشتا بىمارنىڭ ۋە بىمارنىڭ ئاھىلىسىدىكىلەرنىڭ ئوينايدىغان رولى دوختۇر بىلەن ئوخشاي مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ دىيابىت كىسىلىنىڭ كىلىپ چىقىش، تەرەققى قىلىش ۋە داۋالاش جەريانىنى تولۇق چۈشۈنىشى، داۋالاش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كوتۇرۇپ، دىيابىت كىسىلىنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىشتا بەكلا مۇھىم.

جۇڭيى تىبابىتىدە داۋالاش

1-رېتسېپ

تەركىبى: تاباشىر، رۇببىسۇس 100 گىرامدىن، قاراسۇنا ئۇرۇقى 200 گىرام، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 150 گىرام، قىزىلگۈل، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، گىلى ئەرمەنى، تۇخۇمى ھۇمماز، خولىنجان، دارچىن 50 گىرامدىن، شاقاقۇل، سۆئلەپ مىسرى 100 گىرامدىن، ئاقاقىيا، سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، ئاق سەندەل، ئانارگۈلى 20 گىرامدىن، كاپۇر 10 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى گۇلاب بىلەن بىر گىرام ئەتراپىدا قۇرس تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: كۆممىقوناق ساقىلى، پىلە غوزىكى سەككىز گىرامدىن، نېلۇپەر ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، تۆت گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرى سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: چىلان، قارىئۆرۈك، شاپتۇل قېقى 10 تالدىن، قىزىلگۈل ئىككى گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى قايناق سۇدا دەملەپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۇسسۇزلۇق قانغۇچە ئىچىلىدۇ. 

قەنت سىيىش كېسىلى    بۇ كېسەلنى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى يېمەك-ئىچمەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . 

    يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالىغاندا، بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، يېشى، كەسپىي، كېسەللىكنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ بار-يوقلۇقى قاتارلىقلارغا قاراپ، يېمەك-ئىچمەكنىڭ مىقدارى، سۈپىتى، كۈندىلىك قېتىم سانى، ھەر قېتىملىق مىقدارى، تاماق يېيىش ۋاقتى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق بەلگىلەش كېرەك. قەنت سېيىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار يالغۇز تاماقنىڭ ئۆلچىمىگە دىققەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېمەكلىكنىڭ تۈرى، تەركىبى قاتارلىقلارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش ھەم پەرھىز بۇيرۇغان يېمەكلىكلەرنى ھەرگىز ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك . 

    قەنت سېيىش كېسىلى بىلەن ئاغرىغان بىمارلار ئىمكانىيەت يار بەرسە يېڭى پاقلان گۆشى، باچكا، كۆك كەپتەر، قۇشقاچ، چۈجە، قىرغاۋۇل، چىلە، كەكلىك قاتارلىق قۇشلارنىڭ گۆشلىرىنى كاۋاپ قىلىپ يەپ بېرىش، كۆكتاتلاردىن تەرخەمەك، پالەك، سېمىز ئوت يوپۇرمىقى، يېڭى چۈشكەن قاپاق بالچۇقى (گۆش بىلەن پىشۇرۇپ بېرىلىدۇ ) ، ئۇندىن باشقا، سەۋزە، قىزىلچا، نوقۇت، ياڭيۇ، تۇخۇم سېرىقى، بېلىق ؛ مېۋىلەردىن سېرىق شاپتۇل (كۈندە ئىككى تالدىن توققۇز تالغىچە ) ، تاۋۇز (كۈندە بىر قېتىم) قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇلارنىڭ تەركىبىدە قەنت ماددىسى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئورگانىزمىنىڭ تۇز ۋە ۋىتامىنغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. [0]

قەنت سىيىش كېسىلى بار بىمارلار تەركىبىدە قەنت مىقدارى تۆۋەن بولغان مېۋىلەرنى تاللاپ يېيىشى كېرەك، مەسىلەن تاۋۇز، ئاپېلىسىن، ئاق تۇرۇچ، لىمون، شاپتۇل، ئۆرۈك، نەشپۈت ۋە بۆلجۈرگەن قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە قەنت مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاندىكى قەنتنىڭ مىقدارىنى ئۆرلىتىۋەتمەيدۇ. ئادەتتە بۇ خىل مېۋىلەرنىڭ ھەر 100گرامىنىڭ تەركىبىدىكى قەنتنىڭ مىقدارى 10گرامدىن تۆۋەن بولىدۇ.

قەنت سىيىش كېسىلى بار بىمارلار تەركىبىدىكى قەنتنىڭ مىقدارى يۇقىر بولغان مېۋىلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن چىلان، دولانا، قۇرۇق ئۈزۈم، ئۈرۈك قېقى ۋە لۇڭيەن قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى، ئالما، پەمىدۇر، قوغۇن، ئۈزۈم قاتارلىق تەركىبىدە قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك. بۇ خىل مېۋىلەرنىڭ ھەر يۈز گرامى تەمىنلىگەن ئېنېرگىيە ئادەتتە100 كىلوكالورىيىدىن يۇقىرى بولۇپ، قەنت سىيىش كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ ياكى كېسەلنى قوزغايدۇ.[1]

 داۋالاشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىقەت قىلىش كىرەك.

1. تاماقنى ۋاختىدا يىيىش، تاماقنىڭ مىقدارىنى مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. تاماقنىڭ ۋاختى ۋە مىقدارىدا ئىگىز پەس بولۇشتىن ساقلىنىش كىرەك.

2. يالغۇز شىكەر ماددىسى كۆپ بولغان  تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كونتۇرۇل قىلىپلا قالماستىن بەلكى مايلىق يىمەكلىكلەرنىمۇ مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىش كىرەك. ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئاقسىل ۋە ۋىتامىن تەركىۋى كۆپ بولغان، تالالىق تاتلىق بولمىغان كوكتاتلارنى، مايسىز سۇت ۋە ئورۇق گۆشلەرنى ئىستىمال قىلىش كىرەك.

3. قوساق ئىچىپ كىتىشتىن ياكى قاندىكى شىكەر مىقدارىنىڭ نورمالدىن تۆۋەن بولۇشىدىن ساقلىنىش كىرەك. ئەگەر قاندىكى شىكەر ماددىسى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن بولۇپ، كۆزى قاراڭگۇلۇشۇش، بىشى قىيىش، سوغاق تەر چىقىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، دەرھال ئازراق شىكەر ياكى نان يەۋىلىش كىرەك.

4. مۇھاپىق بەدەن چىنۇقتۇرۇش كىرەك. ئادەتتە موتىدىل ۋە ئۆزىگە ماس كىلىدىغان بەدەن چىنۇقتۇرۇش ئۇسۇلىدىن بىرەر ئىككىنى تاللاپ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا كۇپايە.

5. بەدەن ئغىرلىغىنى چۈشۈرگەندە بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك، ئاستا ئاستا چۈشۈرۈش كىرەك. ئەڭ مۇھىمى بەدەن ئغىرلىغىنى ئۇزۇن مۇددەت مۇھاپىق كونتۇرۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.

6. ئىشلەتكەن دورىنىڭ مىقدارىنى قاندىكى ۋە سۈدۈكتىكى شىكەر ماددىسىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن تەڭشەپ تۈرۈش كىرەك.

7. تاماكا چىكىدىغانلار تاماكىنى تاشلاش كىرەك.

8. كۆپ ھاراق ۋە پىۋا ئىچمەسلىك كىرەك. كۆپۈنچە ھاراق ۋە پىۋىنىڭ تەركىۋىدى كۆپ مىقتاردا شىكەر ماددىسى بولۇپ، ئۇلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش دىيابىت كىسىلىنى كونتۇرۇل قىلىشقا زىيانلىق.

9. قان بىسىمىنى، كۆزىنى، بورەكنى ۋاختىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كىرەك.

10. ئەڭ مۇھىمى يالغۇز دوختۇرنىڭ قىلىپلاشقان داۋالاش ئۇسۇلىغىلا تايىنىپ قالماستىن، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزى ئەڭ ماس كىلىدىغان خاسلاشقان داۋالاش ئۇسۇلىنى تىپىپ چىقىپ، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋالاشتۇرۇش كىرەك.[2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#