قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك

قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك

قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك 21-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كېيىن تەرەققىي قىلغان يېڭى تىپتىكى كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك
باشقا نامى يانتۇ كۆۋرۈك
خەنزۇچە نامى 斜拉桥
ئىشلىتىلشى يول ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈكقىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك 21-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كېيىن تەرەققىي قىلغان يېڭى تىپتىكى كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. 

مۇنار تۈۋرۈكى ھەر خىل شەكلىدە بولىدۇ، مەسىلەن، قوش تۈۋرۈكلۈك، ئىشىك شەكىللىك، تاق تۈۋرۈكلۈك، تەتۈر Vشەكىللىك، H شەكىللىك قاتارلىقلار. ئارقان چىدامچانلىقى يۇقىرى پولات سىمدىن ياسىلىدۇ. يوغان ئارقاننىڭ بىر ئۇچى مۇنار تۈۋرۈكىگە مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، يەنە بىر ئۇچى كۆۋرۈكنىڭ ئاساسىي لىمىغا چىڭ تارتىلىدۇ، ئاساسىي لىم ئۈستىگە يول يۈزى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شۇڭا ئارقان پۈتكۈل كۆۋرۈك يۈزى تارتىلغان «ئېغىرلىق» قا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. غايەت زور كۆۋرۈك گۇندىسىنىڭ ھەم كۆۋرۈكنى تىرەپ تۇرۇش رولى بار، ھەم مۇنار تۈۋرۈكىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولى بار. ئارقاننىڭ ئوخشاش بولمىغان تىزىلىش شەكلى بىلەن مۇنار تۈۋرۈكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكلى ھەر خىل قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈكلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك كۆۋرۈك گۇندىسى، مۇنار تۈۋرۈكى، ئارقان، ئاساسىي لىم قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپىدۇ. 

قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ھالقىپ ئۆتۈشچانلىقى چوڭ، ماتېرىيال تېجەش ۋە ياساش قۇلايلىق بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاچقا، كۆۋرۈك لايىھىلىگۈچىلەر كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتمەكتە.

قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈكدۆلىتىمىزنىڭ قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ياساش تېخنىكىسى دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يەتتى. دۆلىتىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خۇاڭخې، چاڭجىياڭ دەريالىرىغا نۇرغۇن قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈكلەرنى ياسىدى. 21- ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا شاڭخەينىڭ خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىدا نەنپۇ چوڭ كۆۋرۈكى بىلەن ياڭپۇ چوڭ كۆۋرۈكى ياسالغان بولۇپ، ئۇلار دۆلىتىمىزدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈكلەر ھېسابلىنىدۇ. نەنپۇ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ مۇنار تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى 154 مېتىر بولۇپ، H شەكىللىك، كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 423 مېتىر بولۇپ، ئاساسىي كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا 46 مېتىر بوشلۇق قالدۇرۇلغان. ياڭپۇ چوڭ كۆۋرۈكى مۇنار تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى 220 مېتىر بولۇپ، تەتۈر V شەكلىدە كۆرۈنىدۇ، كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 602 مېتىر بولۇپ، مۇنار تۈۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جەمئىي 256 تال قىيپاش تارتىلغان پولات ئارقان ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كۆۋرۈكتە ئالتە ئاپتوموبىل يولى لايىھىلەنگەن، كۆۋرۈك ئاستىدا 48 مېتىر بوشلۇق قالدۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىككىنچى ئۇزۇن قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#