ئالاقاق يېزىسى
ئالاقاق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان غەربىي قىسمىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئالاقاق يېزىسىئالاقاق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. بىر كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چوڭ يېزا بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2095 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، قازاق، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق 8 مىللەت بار. يېزىغا قاراشلىق 11 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.
ئالاقاق يېزىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2095 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزا بويىچە جەمئىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 17900 مو، ئوتلاق 68300 مو، ئېچىلىۋاتقان يەر 20 مىڭ موغا يەتكەن.
ئالاقاق يېزىسىئالاقاق يېزىسىنىڭ سانائەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1764 تۈمەن يۈەن، يېزا-بازار كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۈچ مىليون 900 مىڭ يۈەن، 1999-يىلى پۈتۈن يېزىنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 8 مىليون 550 مىڭ كىلوگرام، بۇنىڭ ئىچىدە 6000 مو قوناق، بىرلىك مەھسۇلاتى 750 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 4500 توننا؛ سېرىق پۇرچاق 8200 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 220 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1800 توننا؛ باشقا زىرائەت 5200 مو، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 2250 توننا؛ ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزىپىسى 1 مىليون 700 مىڭ كىلوگرام . پۈتۈن يېزىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1711 يۈەنگە يەتكەن. چارۋا ئەڭ كۆپ بېقىلىش مىقدارى 127560 تۇياق (دانە)؛ يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان ئەڭ يۇقىرى سانى 87600 تۇياق (دانە) بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.