قوشقار سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى

قوشقار سوقۇشتۇرۇش

قوشقار سوقۇشتۇرۇش-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان ھېيت-بايرام، بازار كۈنلىرى جامائەت سورۇنلىرىدا قىزىقىپ كۆرۈپ، كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنلىرىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قوشقار سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى
خەنزۇچە ئىسمى 对撞公羊游戏

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قوشقار سوقۇشتۇرۇشقوشقار سوقۇشتۇرغۇچىلار كۈچلۈك، كۆركەم، مۈڭگۈزلۈك، سوقۇشقا ماھىر قوشقارلارنى تاللاپ باقىدۇ. ئويۇن باشلانغاندا مەيدان باشقۇرغۇچى سوقۇشماقچى بولغان ئىككى قوشقارنى قويۇپ بەرگۈزىدۇ. مەيدانغاچۈشكەن قوشقارلار ھەر قېتىم ئۈسسۈشكەندىن كېيىن، كەينىگە بىر قانچە قەدەم داجىپ يەنە ئالدىغا كۈچ بىلەن يۈگۈرۈپ ئۈسسۈشىدۇ. مۇشۇ خىلدا سوقۇشۇپ ئاخىرىدا قاچقىنى، بەدىنىنى يالاپ، بېشىنى سىلكىپ تۇرۇۋالغىنى، ئارقىغا يېنىپ سوقۇشۇش ھەرىكىتى ئىشلىمىگىنى يېڭىلگەن ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىقىدەك يېڭىلگەنلىك ئىپادىلىرى كۆرۈلگەن قوشقارنى يەڭگۈچى قوشقار ھەرگىزمۇ ئۈسمەيدۇ.

ئەگەر سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن سورۇنغا ئېلىپ كېلىنگەن قوشقارنىڭ سانى كۆپ بولسا، ئۇ ھالدا ئۈچ قوشقارنى يەڭگەن قوشقار مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بەزىدە تاللانغان ئىككى قوشقارنى سوقۇشتۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، قايسى قوشقار يەڭسە شۇ قوشقار داڭلىق قوشقار نامىغا ئېرىشىدۇ. 

قوشقار سوقۇشتۇرۇش پائالىيىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىزىلسۇ، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە كۆپرەك ئېلىپ بېرىلىدۇ. ياش-قېرى، چوڭ-كىچىك بارلىق كىشىلەر بۇ ئويۇن سورۇنىغا يىغىلىپ تاماشا كۆرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#