نېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى

نېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى (Federal Democratic Republic of Nepal) قىسقارتىلىپ نېپال دەپ ئاتىلىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھىمالايا تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت.

ئۇيغۇرچە نامى نېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى نېپال 尼泊尔
ۋاقىت رايونى UTC+5:45
دۆلەت شېئىرى 《唯一百花盛开的国度》
سىياسى تۈزۈلمىسى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 尼泊尔联邦民主共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا قىتئەسى
پايتەختى كاتماندۇ
دۆلەت تىلى نېپال تىلى
نوپۇسى 28 مىليون 500 مىڭ ئادەم (2015-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى (Federal Democratic Republic of Nepal) قىسقارتىلىپ نېپال دەپ ئاتىلىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھىمالايا تاغلىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. 

نېپالنىڭ ئاھالىسى 16 مىليوندىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ ئاساسىي قىسمىنى نېپاللىقلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ %89.5 ى ھىندى دىنى غا، %5.3 ى بۇددا دىنى غا ئېتىقاد قىلىدۇ. نېپال تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئورتاق قوللىنىدۇ.

نېپالنىڭ يەر مەيدانى 147.181 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 20 مىليون 390 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە گورلار %50 نى، تارۇلار %30 نى، قالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر %20 نى تەشكىل قىلىدۇ. ھىندى دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ، %90 ئاھالە بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى كاتماندۇ. پۇل بىرلىكى نېپال رۇپىيىسى.

نېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنېپالدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردىلا پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇلغان. مىلادىيە 4-ئەسىردىن باشلاپ دۆلىتىمىز بىلەن زىچ ئىقتىداس ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ كەلگەن. 1814-يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1950-يىلى ئەنگلىيە نېپالدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان، 1951-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى پادىشاھ ترىبوۋن ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇنى ئېلان قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويغان. شۇ كۈنى نېپالنىڭ مۇستەقىللىك كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. 1955-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1961-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى نېپال بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا چېگرا شەرتنامىسى ئىمزالانغان. 

جۇغراپىيەلىك ئورنى 

نېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنېپالنىڭ شىمالى جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونى بىلەن، جەنۇبى ھىندىستان، شەرقىي سىككىم بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 147 مىڭ 181 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىقلار، ئېگىزلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ. يېرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 900 مېتىردىن ئاشىدۇ. نېپال بىلەن جۇڭگو چېگرىسىغا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئېگىز چوققا جۇمۇلاڭما چوققىسى (8848 مېتىر) جايلاشقان، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىدە تۈزلەڭلىكلەر ئورۇن ئالغان، يەر ۋەزىيىتى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ پەلەمپەي ھالەتتە پەسىيىپ بارىدۇ. 

كىلماتى 

نېپالنىڭ كىلماتى شىمالى بىلەن جەنۇبىدا زور پەرق بار، ئۇنىڭ جەنۇبى سۇبتروپىك ئىقلىمىغا، ئوتتۇرا قىسمى مۆتىدىل بەلباغ ئىقلىمىغا، شىمالى ئېگىز تاغ سوغۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرا جەنۇب قىسىملىرىنى قېلىن ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. 

دۆلەت بايرىقى

نېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىتاغلىق دۆلەت نېپال ھىمالايا تاغ تىزمىلىكىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 7000 مېتىر ئېگىزلىكتە تۇرىدىغان نۇرغۇن تاغلىرى بار، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا- جۇمۇلاڭما چوققىسى نېپال بىلەن جۇڭگونىڭ چېگىرداش جايىغا جايلاشقان. تاغلىق دۆلىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە نېپالنىڭ دۆلەت بايرىقى باشقا ئەللەرنىڭكىگە ئوخشاش ئۇزۇن چاس ئەمەس، بەلكى ئاستى-ئۈستى ئۇلانغان ئىككى ئۈچ بۇرجەك بىلەن تەركىب تاپقان. دۆلەت بايرىقى قىزىل بولۇپ، چۆرىسى توق كۆك رەڭ بىلەن قىرلانغان، قۇياش ۋە ئاي نېپالنىڭ دۆلەت دىنى-ھىندى دىنىدا مۇقەددەس بىلىدىغان بەلگە بولۇپ، نېپاللىقلارنىڭ؛ ۋەتىنىمىزنىڭ قۇياش ۋە ئايغا ئوخشاش ئەبەدىلئەبەد ياشىسۇن دېگەن گۈزەل ئارزۇ-تىلىكى بېغىشلانغان. ئىككى ئۈچ بۇرجەكلىك بايراقنىڭ ئۇچى ھىمالايا تېغىدىكى ئىككى چوققىنى بىلدۈرگەن.

دۆلەت گېربى

نېپال فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدۆلەت گېربىدە تاغلىق دۆلەتنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، ھەيۋەتلىك ھىمالايا تېغى ئالدىدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان دەريالار ۋە جىلغىلار نامايان قىلىنغان. پورەكلەپ ئېچىلغان كاككۇك گۈلى نېپاللىقلارنىڭ دۆلەت گۈلى بولۇپ، گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى ۋە بەخت-سائادەتنىڭ بېشارىتىدۇر. ئاق كالا نېپاللىقلار مۇقەددەس بىلىدىغان مىللىي چارۋا، يېشىل ئۆردەك بۇ يەرنىڭ ئەتىۋارلىق ھايۋاناتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ساكيامۇنى نېپالدا تۇغۇلغانىكەن، ھىمالايا تېغىدا ساكيامۇنىنىڭ بىر جۈپ ئاياغ ئىزى قالغانىكەن. ئۇنىڭ ئىككى يېنىغا ئىككى يان پىچاق ئىككى نېپال دۆلەت بايرىقى ئاچا شەكىلدە قادالغانىكەن. چوققىسىغا شەكىلى ئالاھىدە ئالتۇن تاج سىزىلغان. ئاساسلىق سۈرەتنىڭ ئىككى يېنىدا ئىككى نەپەر گۇركا باتۇرى ئۆرە تۇرغان. گۇركا ئەسكەرلىرى تۆھپىكار ياللانما قوشۇنى بولۇپ، ئاجايىپ باتۇرلۇقى ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى قىزىل لېنتىغا «ۋەتەن جەننەتتىن ئۇلۇغ» دېگەن ھېكىمەتلىك سۆز يېزىلغان بولۇپ، نېپاللىقلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئىپادىلگەن.

نېپال ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ %19 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا ئاساسەن شال، بۇغداي، تېرىق، كۆممىقوناق، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن شېكەر قومۇشى، سېرىق كەندىر، تاماكا، ياغلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. مۇھىم دېھقانچىلىق رايونى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى دىلەي رايونى بولۇپ، بۇ جاي پۈتۈن دۆلەت مەيدانىنىڭ %20 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. نېپال تاغلىق ۋە مەنزىرىسى گۈزەل دۆلەت بولغانلىقتىن، ئاسىيانىڭ <شۋېتسارىيەسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.[0]


نېپالنىڭ يەر مەيدانى 147.181 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 20 مىليون 390 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە گورلار %50 نى ، تارۇلار %30 نى ،قالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر %20 نى تەشكىل قىلىدۇ. ھىندى دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ، %90 ئاھالە بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى كاتماندۇ. پۇل بىرلىكى نېپال رۇپىيىسى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىلماچ تور لۇغىتى 

http://tilmach.cn/Home/DictFormatted#download4

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#