چۆل يالپۇزى
چۆل يالپۇزى بولسا ئۆسۈمـلۈك قىـزىـل يىلتىـزلىق چۆل يالپـۇزى (Labiatae ) نىڭ يـىلتىـزى بۇلۇپ، جىگەر ۋە تالنى كۈچلەندۈرۈش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۆل يالپۇزى بولسا كاپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈمـلۈك قىـزىـل يىلتىـزلىق چۆل يالپـۇزى (Labiatae ) نىڭ يـىلتىـزى بۇلۇپ، كۈزدە ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى كولاپ ئېلىپ ئارىلاشمىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېغۋىلىنىدۇ.ئېلىمىزنىڭ شىمالىي، شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ.
يۈرەكـنـى قـۇۋۋەتلـەش، يالـلـۇغ قايتـۇرۇش، قـان بېـسىمـىنى چۈشـۈرۈش، ئۇيـۇپ قالـغـان قانـنى تارقىـتىـپ، ئاغرىق توختـىتىش، كۆڭۈلنى تىنىچلاندۇرۇش، جىگەر ۋە تالنى كۈچلەندۈرۈش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار.
ئاساسلىق تەركىبى تانسىنونون (Tan Shinone)، چۆل يالپۇزى كېتون (ketone)، تانسىيول (Tan Shinol) ۋە باشقا ۋىتامىنلار بار.
ىھېيىز قالايمىقانلىشىش،بەل، پۇتلار ئاغرىش، قان نوكچىسى توسۇلۇپ قېلىش خاراكتېرىدىكى قان تومۇر ياللۇغى، ئاغرىتىپ ھېيىز كېلىش، ھېيىز تۇتۇلۇش، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى، جىگەر ياللۇغى، جىگەر، تال يوغىناپ كېتىش، قان ئۇيۇپ، يەل تۇرۇپ قېلىش، ئاشقازان ئاغرىش، سۈت بېزى ياللۇغى، لىمفا بېزى ياللۇغى، نېرۋا ئاجىزلىقى، باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئىچى تىتىلداپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى ئىككىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.