تېتىر ئويمانلىقى

توقسۇ ناھىيە بازىرىدىكى دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىدىن غەربكە قاراپ مېڭىپ 830 كىلومېتىرلىق جايغا كېلىپ، ئاندىن شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇپ، بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن چۆلتاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تېتىر ئويمانلىقىغا يېتىپ بارغىلى بولدۇ.

نامى تېتىر ئويمانلىقى
جۇغراپىيەلىك ئورنى توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمال تەرپى
تەۋە رايون شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توقسۇ ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ تاغ تىزمىسى، يېزا ئىگىلىك، بوستانلىقلىرى، ئورمانچىلىق، ئوتلاق رايونى، دەريالىرى، يارداڭلىق، قۇم بارخانلىرى، توغراقلىقى، چۆل – باياۋانلىرى، سازلىق، كۆل قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىگاھلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى، بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن ئاۋات يۇرتلارنىڭ بىرى. 21 -ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، توقسۇدا بايقالغان تۈرلۈك سېھىرلىك مەنزىرىگاھلار ۋە ساياھەت نۇقتىلىرى ئۆزىنىڭ سىرلىقلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن كىشىلەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، ئۇلارغا يېڭىچە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدۇ.

توقسۇ ناھىيە بازىرىدىكى دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىدىن غەربكە قاراپ مېڭىپ 830 كىلومېتىرلىق جايغا كېلىپ، ئاندىن شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇپ، بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن چۆلتاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تېتىر ئويمانلىقىغا يېتىپ بارغىلى بولدۇ. تېتىر ئويمانلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەنۇبتىن شىمالغا بىر كىلومېتىردىن بەش كىلومېتىرغىچە، شەرقتىن غەربكە 24 كىلومېتىر بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 64 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئويمانلىق چۆلتاغدىكى تاغ جىنىسلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىدىن شەكىللەنگەن پۈرۈلمە بەلۋاغ ئويمانلىقى بولۇپ، ئويمانلىقتىكى چېچىلىپ ياتقان مىس رودىلىرىدىن بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ مىس رودىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلۇش سالماقچى بولغانلىقىنى پەرەز قىلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ ئورۇندا مىس ئېرىتىش خارابىلىقى بار بولۇپ، ۋەيران بولغىنىغا نەچچە يۈز يىللار بولغان بولغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. توقسۇ ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېگەن: تېتىر ئويمانلىقىدا يەنە بىر قانچە مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك تەبىئىي مەنزىرە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدە كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان قۇرغاق رايونلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، تېتىر ئويمانلىقى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە.

تېتىر ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي، ئەسلىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ كەلگەن. تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغ بىلەن ئورالغان بولغاچقا، ئادەم ئىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئويمانلىقنىڭ ئىچى تىپىك تىندۇرما تۈزلەڭلىك بولۇپ، كەلكۈن سۈيى ئويمانلىقنى شەرقتىن غەربكە كېسىپ ئۆتكەن. ئويمانلىققا يىغىلىپ قالغان سۇلار بۇ يەردە كۆپ قېتىم ياغقان يامغۇر سۈيىدىن شەكىللەنگەن. توقسۇ ناھىيەلىك ئېكىسكۇرسىيە ئەترىتىدىكى سۇچىلىق خادىملىرىنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا، ئويمانلىقتىكى ئەڭ كۆپ سۇ يىغىلىپ قالغان كۆلەم 10كىۋادرات كىلومېتىر، توپلانغان سۇ مىقدارى 4 ~ 5 مىليون كۇب مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىكەن. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى كەلكۈن چۆكۈندىسى، لاي-لاتقىلارنىڭ تەسىرىدە ئويمانلىقتىكى توپىنىڭ رەڭگى كۈلرەڭ، كۈلرەڭ سېرىق، قىزىل، قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ، ئۇششاق قۇم ۋە يېپىشقاق توپا بولۇپ شەكىللەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تېتىر ئويمانلىقى توقسۇ ناھىيەسى بىلەن باي ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆك ئاسمان جىلغىسىدىن ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول ئىكەن.2006-يىلى يازدا، توقسۇ ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىر قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، بۇ سىرلىق رايونغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#