شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区未成年人保护条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-نومۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغايەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى» 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14– يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

2009-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئاسراش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەخلاقىي،روھىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا بىنائەن ئاتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر 18 ياشقا توشمىغان پۇقرالارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانۇن بويىچە ياشاش ھوقۇقى، يېتىلىش ھوقۇقى، قوغدىلىش ھوقۇقى،قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە تەربىيىلىنىش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارغا ئىگە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئالاھىدە ۋە ئالدى بىلەن قوغدىلىدۇ.

4-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، پارتىيىلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋە قۇرامىغا يەتكەن باشقا پۇقرالارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئويلىشىپ، ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

5-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم ۋە سوتسىيالىزم تەربىيىسى بېرىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللىي سىياسەت تەربىيىسى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش كومىتېتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:

(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا دائىر قانۇن، نىزام ۋە سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛

(2) شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىگە دائىر چوڭ-چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا دائىر كونكرېت تەدبىرلەرنى چىقىرىش؛

(3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلىشقا دائىر ئەرز، پاش قىلىش ماتېرىيالى، شىكايەتنى قوبۇل قىلىش ھەمدە ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛

(4) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش كومىتېتىنىڭ باشقا مەسئۇلىيەتلىرى.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.

يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شەھەر كوچا ئىش باشقارمىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدىغان ئادەم قويۇشىكېرەك.

7-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ۋە يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

8-ماددا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىئونېرلار ئەترىتى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب ئائىلە قوغداش

9-ماددا ئاتا-ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ئۇلارنى تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى ئاسراپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زۆرۈر ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

10-ماددا ئاتا-ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈش؛

(2) ئوقۇش يېشىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشى ۋە تاماملىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۇلارنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالماسلىق؛

(3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى قىلالىغۇدەك ئائىلە ئەمگىكى ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئەمگىكى قىلىشىغا ھەمدە باشقا پايدىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش؛

(4) مەكتەپ بىلەن ماسلىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ۋە ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

(5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىققىلىش، شۇنىڭدەك ئىشقىۋازلىق، زوراۋانلىق، خۇراپىيلىق، بىدئەتچىلىك قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى كىتاب-ژۇرنال، كىنو-تېلېۋىزىيە، ئۈن-سىن ھاسىلاتى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇمى ۋە تور ئۇچۇرىنى كۆرمەسلىك، ئوقۇماسلىق، ئاڭلىماسلىق، تارقاتماسلىققا تەربىيىلەش، يېتەكلەش؛

(6) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئېچىش، مەكتەپتىن قېچىش، ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، تورغا مەستانە بولۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە باب كەلمەيدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىش،شۇنىڭدەك مۇشتلىشىش، سوقۇشۇش، قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش، زەھەر ئېلىپ-سېتىش، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش، تىزگىنلىنىدىغان سايمانلارنى ۋە باشقا خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش؛

(7) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇرماسلىق، تىللىماسلىق، كەمسىتمەسلىك، خورلىماسلىق، تاشلىۋەتمەسلىك، ئۇلارنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقىغا زىيان سالماسلىق؛

(8) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتمەسلىك، ئازدۇرماسلىق، زورلىماسلىق، مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك ياكى قانات ئاستىغا ئالماسلىق؛

(9) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ چاي ئېچىۋېلىشىغا، نىكاھلىنىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ياكى ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا زورلىماسلىق؛

(10) قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ بالا ئىشچى بولۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ياكى مەجبۇرلىماسلىق.

11-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان تەربىيە ئۇسۇلى ۋە ۋەسىيلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇلارنى ساغلام، ياخشى سۆز-ھەرىكەت ۋە ئۇسۇل بىلەن تەربىيىلىشى ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك.

ئائىلىدىكىلەردىن قۇرامىغا يەتكەنلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ قۇرامىغايەتمىگەنلەرنى تەربىيىلىشى، قوغدىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

3-باب مەكتەپ قوغداش

12-ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

13-ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى ھەمدە ئۇنى قوغدىشى كېرەك،مەكتەپلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئوقۇش يېشىدىكىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى رەت قىلىشىغا، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىمىغان ئوقۇغۇچىلارنى دەرس توختىتىش، مەكتەپ ئالمىشىش، مەكتەپتىن چېكىنىشكە بۇيرۇشىغا، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپتىن قوغلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇم سەۋەب بىلەن چارە كۆرۈشتە، ئۆزىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن ياكى باشقا ۋەسىيلىرىدىن پىكىر ئېلىشى ھەمدە ئۇلارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. مەكتەپ چارە كۆرۈلگەندىن كېيىن تۈزىتىش ئىپادىسى ياخشى بولغانلارنىڭ چارە كۆرۈلگەنلىكخاتىرىسىنى ئوقۇش پۈتكۈزۈشتىن بۇرۇن ئارخىپتىن ئۆچۈرۈشى كېرەك.

14-ماددا مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار دۆلەتنىڭ مائارىپ تارمىقى بەلگىلىگەن دەرس سائىتى ۋە تاپشۇرۇق مىقدارىنى ئىجرا قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنى خالىغانچە ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك؛ قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇخلاش، چېنىقىش، ئويناش ۋاقتىغا ۋە پەن-تېخنىكا، جامائەت پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە دەرىجىسىنى باڭ چىقىرىپ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى سودا سېتىققا ياكى يېشى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ماس كەلمەيدىغان باشقا پائالىيەتلەرگە تەشكىللىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن سەۋەبسىز دەرسكە قاتناشمىغان، دەرستىن قاچقانلىرىنى مەكتەپ ياكى ئوقۇتقۇچىلار مەيلىگە قويۇۋەتمەي تەربىيىنى كۈچەيتىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك.

15-ماددا مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى قىشلىق، يازلىق تەتىل، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيىت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قەرەللىك ئېچىۋېتىش كېرەك.

16-ماددا مەكتەپلەر قانۇنچىلىق تەربىيىسى دەرسى تەسىس قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق تەربىيىسى ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىسى بېرىشى كېرەك.

17-ماددا مەكتەپلەر روھىي ساغلاملىق يېتەكچىسى قويۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك جەھەتتىن يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ روھىي ساغلاملىق تەربىيىسى بېرىشى كېرەك.

روھىي ياكى روھىي توسالغۇغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ روھىي جەھەتتە مەسلىھەت بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

18-ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەر بىخەتەرلىك قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى يىغىلىش، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جىسمانىي بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەكتەپتە ۋە مەكتەپ ئەتراپىدا ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى،جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇشى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئاساسىي بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارغا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، بىر-بىرىنى قۇتقۇزۇش ماھارىتىنى ئۆگىتىشى كېرەك. ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش مانېۋىرىنى ھەر مەۋسۇمدا كەم دېگەندە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش كېرەك.

19-ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زۆرۈر تازىلىق، ساقلىق ساقلاش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بېرىدىغان يېمەكلىك، ئىچىدىغان سۇ ۋە ئىچىملىك قاتارلىقلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشۇشى كېرەك.

20-ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى كېرەك، ئۇلارنى ھاقارەتلەشكە، قورقۇتۇشقا، كەمسىتىشكە، ئۇلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىشكە، شەخسىيىتىگە چېقىلىشقا ۋە شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.

21-ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەكتەپكە كىرگەن، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياكى مەكتەپ ئالماشقاندا كەلسە-كەلمەس ھەق ئالسا، ھەر خىل نامدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتسە بولمايدۇ.

22-ماددا مەكتەپلەركوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، پىئونېرلار ئەترىتى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

4-باب جەمئىيەت قوغداش

23-ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى سەزسە، توسۇشقا ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ئاپپاراتىغا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

24-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان جامائەت سورۇنى ۋە ئەسلىھەلەر دۆلەت، ساھە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى، ئۇلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دائىر ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىلىشى، ماس كېلىدىغان يېشى ياكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك. تىجارەت قىلغۇچى، باشقۇرغۇچى ئورۇنلار قەرەللىك ئاسرىشى ھەمدە لايىقىدا قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

25-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۈچۈن ئىشلەنگەن، سېتىلغان يېمەكلىكلەر، دورىلار، ئويۇنچۇقلار، لازىمەتلىكلەر دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى؛ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك. 26-ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئوتتىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىغا سەپەرۋەر قىلىشىغا تەشكىللىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

27-ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بالا ئىشچى ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ پايدا ئالىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلاش، كۈشكۈرتۈش، ئازدۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئالداپ سېتىۋېتىش، ناكار قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ.

28-ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى مەھسۇلاتنى سېتىشى، ئىجارە بېرىشى ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

تىجارەتلىك تانسىخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، قاۋاقخانا، ئالاقە تورىغا چىقىش مۇلازىمەت تىجارەت سورۇنى، شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە باب كەلمەيدىغان باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا تىجارەتچىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلەش بەلگىسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇپ قويۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرگۈزمەسلىكى كېرەك؛ قۇرامىغا يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمىغانلاردىن سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق يۇقىرىدىكى سورۇنلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

29-ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدىكى 200 مېتىر دائىرىدە تىجارەتلىك تانسىخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ئالاقە تورىغا چىقىش مۇلازىمەت تىجارەت سورۇنى، تىجارەتلىك ئېلېكترونلۇق ئويۇنخانا، شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە باب كەلمەيدىغان باشقا سورۇنلارنى ئېچىشقا بولمايدۇ.

30-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا، ھاراق سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. تىجارەتچىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا، ھاراق سېتىشنى چەكلەش بەلگىسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇپ قويۇشى كېرەك.

31-ماددا ھەرقانداق كىشى مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى ۋە يەسلىلەرنىڭ سىنىپى، ياتىقى، پائالىيەت ئۆيى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان باشقا سورۇنلاردا تاماكا چەكسە، ھاراق ئىچسە بولمايدۇ.

32-ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە بازىسى، خاتىرە سارىيى، مۇزېيى، كۇتۇپخانا، پەن-تېخنىكا سارىيى، كىنو –تىياتىرخانا، مەدەنىيەت سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانى، ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق سورۇنلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىش ياكى ئۇلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئېتىبار بېرىش كېرەك.

33-ماددا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئوخشىماسلىقىنى باھانە قىلىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كەمسىتمەسلىك ياكى ھاقارەتلىمەسلىك كېرەك.

34-ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئازدۇرۇشىغا، مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دىندىن پايدىلىنىپ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا توسقۇنلۇققىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

35-ماددا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىئونېرلار ئەترىتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مۇۋاپىق تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

5-باب دۆلەت ئورگىنى قوغداش

36-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت سورۇنى ۋە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى شۇ رايوننىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ناھىيە (شەھەر، رايون)دە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال پائالىيەت سورۇنىدىن كەم دېگەندىمۇ بىرى بولۇشى كېرەك.

ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆگىنىش، پائالىيەت سورۇنى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە يولقويۇلمايدۇ.

37-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىمەكتەپلەرنىڭ ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭدەرس يۈكىنى يېنىكلىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ شەرتكە توشقان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماسلىق، قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن ھەيدەش، شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشتەك باشقا قىلمىشنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى پاناھلاندۇرۇش سورۇنى ۋە بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتىنى ئېھتىياجىغا قاراپ قۇرۇپ، سەرگەردان تىلەمچى قاتارلىق پاناھسىز قالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى پاناھلاندۇرۇش ۋە يېتىملەرنى بېقىۋېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

39-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ فۇنكسىيىلىك تارماقلىرى ئۈن-سىن ھاسىلاتى، كىتاب، گېزىت-ژۇرنال، كىنو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، ئېلېكترون نەشر بۇيۇملىرى، ئالاقە تورى ۋە جامائەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

40-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارمىقى قۇرامىغا يەتمىگەن مېيىپلەرگە ئۆگىنىش، ياشاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىدىغان مائارىپ ۋە پاراۋانلىق ئاپپاراتىنى ئېھتىياجىغا قاراپ قۇرىدۇ.

41-ماددا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى شۇنىڭدەك كوچا، يېزا-بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىغان بولسىمۇ داۋاملىق ئوقۇيالمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش ئۇچۇرى بېرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ تەربىيلىنىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

42-ماددا قاتناش، تۇرالغۇ–شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپ ئالدى ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى يوللاردا قاتناش ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ مەكتەپ ئالدى ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش–نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

43-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت دېلولىرى ۋەقۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق–مەنپەئتىنى قوغداشقا چېتىلىدىغان دېلولارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بېجىرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسىخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان دېلو بېجىرىش شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيلىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ھەمدە ئېھتىياجىغا قاراپمەخسۇس ئاپپارات قۇرۇشى ياكى مەخسۇس خادىمقويۇشى كېرەك.

44-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايىي ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىش ۋە جىناىي جازا ئىجراقىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئايرىم قاماش، ئايرىم ئەيىبلەش، ئايرىم قاراپ چىقىش، ئايرىم تۈزەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك.

6-باب ئۆزىنى قوغداش

45-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇن–نىزام ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشى، ياخشى ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرۈشى، ھاياتىنى قەدىرلىشى كېرەك. تورغا ياكى ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇققا مەستانە بولۇپ قالماسىلىقى، قىمار ئوينىماسلىقى، زەھەر چەكمەسلىكى، تاماكا چەكمەسلىكى، ھاراق ئىچمەسلىكى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيانلىق باشقا پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقى كېرەك.

46-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئەقەللىي ياشاش ساۋاتلىرى ۋە كۈتۈلمىگەن زەخىم، قانۇنسىز زىيانغا ئۇچراشقا تاقابىل تۇرۇش ماھارىتىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارنىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

47-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغانلىرى ئۆزى ياكى ۋەسىيسى، مەكتىپى، شەھەر ئاھالە كومىتېت، كەنت ئاھالە كومىتېتى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ئاپپاراتى ئارقىلىق ھوقۇقىغا چىقىلغۇچى ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكىئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

48-ماددا ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئازدۇرغان، مەجبۇرلىغان بولسا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەكتەپ، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ئاپپاراتى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىدىن قوغداشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. قوغداش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان تەشكىلات ياكى ئورۇن ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشى، رەت قىلماسىلقى، بىر–بىرىگە ئىتتىرمەسلىكى كېرەك.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

49-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا–ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 9-، 10-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىرىغا ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى ، كەنت ئاھالە كومىتېتى نەسىھەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توسىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

50-ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، يەسلىقاتارلىق ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 3– بابىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىشچى –خىزمەتچىلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 20-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيىلىنىش ھوقۇقىغا چىقىلىپ، ئۇلارغا تەن جازاسى، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرگەنلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئىنسانىيلىقىنى ھاقارەتلەش، شەخسىيىتىگە چىقىلىش، مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشتەك باشقا قىلمىشلارنى سادىرقىلغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تەنقىد، تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

51-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 27–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ پايدا ئالىدىغان قانۇنسىز ھەركەت قىلغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھەركەت قىلىشقا مەجبۇرلىغان، كۈشكۈرتكەن، ئازدۇرغان ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسكە مەسئۇل تارماق تەنقىد–تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئۇلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەتخەۋپسىزلىك ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىناىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

52-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 29-ماددىسدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدىكى 200 مېتىر دائىرىدە تىجارەتلىك تانسىخانا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ئالاغە تورىغا چىقىش مۇلازىمەت تىجارەت سورۇنى، تىجارەتلىك ئېلېكترونلۇق ئويۇنخانا قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا باب كەلمەيدىغان سورۇنلارنى ئاچقان ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سورۇنىنى مەسئۇل تاراماق تاقاتقۇزۇۋېتىدۇ،ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

53-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 34-ماددىسدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئازدۇرغان، مەجبۇرلىغان ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسكە مەسئۇل تارماق تەنقىد–تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئۇلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

54-ماددا دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇىي ھوقۇق–مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن ۋە ياكى ئەرز–شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلغۇچىلاردىن ئۆچ ئالغانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا جاۋابكارلارغا قانۇق بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

55-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا مال-مۈلۈكجەھەتتە ياكى باشقا جەھەتتە زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

56-ماددا بۇ نىزام 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1993-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى›نى يولغا قويۇش چارىسى»بىكار قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/26/c_131553720_8.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/3533001.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#