جاڭيې
جاڭيې گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى خېشى كارىدورىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، مەدەنلەرگە باي بولغاچقا، «ئالتۇن جاڭيې» دېگەن نامى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جاڭيې گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى خېشى كارىدورىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، مەدەنلەرگە باي بولغاچقا، «ئالتۇن جاڭيې» دېگەن نامى بار. خەن ۋۇدىنىڭ يۇەندىڭ 6-يىلى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى111-يىلى) خېشىدا تۆت ۋىلايەت تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، جاڭيې ئىزچىل غەربىي يۇرتقا، ياۋروپا، ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەللەرگە بارىدىغان «يىپەك يولى» دىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ كەلگەن.
ھازىر ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: دافۇ ئىبادەتخانىسى، مۇتا مۇنارى(ياغاچ مۇنار) ، شىلەي ئىبادەتخانىسى، گۇلۇ راۋىقى، داتۇ مۇنارى، جېيسۈيگودىكى خەن سۇلالىسى قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار. دافۇ ئىبادەتخانىسىدىكى بۇتنىڭ ئېگىزلىكى 5.34 مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بۇت ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئىچىدە يەنە مىڭ، چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە پۇقرالار تۇرالغۇلىرى كۆپ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.