پولىنېزىيە

پولىنېزىيە

تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى تاقىم ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تاقىم ئاراللار جەنۇبىي كەڭلىك °7-°29 بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق °131-°156 ئارىلىقىدىكى جەمئىيەت ئاراللىرى، توئاموتو ئاراللىرى، گامبېر ئاراللىرى، ئۇستورا ئاراللىرى ۋە ماركىز تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نامى پولىنېزىيە
يەر مەيدانى 27 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى تروپىك مۇسسون كىلىماتى
قىتئە تەۋەلىكى ئوكيانىيە قىتئەسى
خەنزۇچە نامى 波利尼西亚
نوپۇسى 164 مىڭدىن ئوشۇق(1983)
چەتئەلچە نامى Polynesia
مەركىزى پاپېت شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پولىنېزىيەتىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى تاقىم ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تاقىم ئاراللار جەنۇبىي كەڭلىك °7-°29 بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق °131-°156 ئارىلىقىدىكى جەمئىيەت ئاراللىرى، توئاموتو ئاراللىرى، گامبېر ئاراللىرى، ئۇستورا ئاراللىرى ۋە ماركىز تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 27000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئاراللار ئىچىدە جەمئىيەت ئاراللىرى ئىچىدىكى تايتى ئارىلىنىڭ مەيدانى ئەڭ چوڭ بولۇپ، 1042 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مەركىزى پاپېت شەھىرى. ئاراللارنىڭ كۆپى تاغلىق بولۇپ، يانار تاغلار كۆپ، ئەڭ ئېگىز ئوروخنا چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2241 مېتىر كېلىدۇ. 

ئىقلىمى تروپىك دېڭىز-ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىملىق تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃27، مەركىزىي پاپېتىنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1750 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ، ياپيېشىل ئورمانلار ئاراللارنى قاپلاپ تۇرىدۇ.

ئاھالىسى 164 مىڭدىن ئوشۇق(1983) بولۇپ، پوللېنېزىيىلىكلەر %70 نى، %23 ياۋروپالىقلار ھەم ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، %7 نى خەنزۇلار تەشكىل قىلىدۇ. تايتى تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى خرىستىئان دىنىغا، 3/3 قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

پولىنېزىيەبۇ ئاراللار مىلادى 300-يىلېردا يەرلىك پومارى كىنەزلىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1521-يىلى ماگېللان بۇ جايغا كەلگەن. 1842-يىلى فرانسىيىنىڭ قوغداش دائىرىسىدىكى ئورۇن بولغان. 1958-يىلى فرانسىيىنىڭ سىرتقى ئۆلكىسى بولغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. پالما قۇرۇقى، پالما يېغى، پۇراقلىق ماتېرىياللار، كوفى، بانان قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، چوشقا بېقىلىدۇ، ئەتراپىدىكى دېڭىزلاردىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ. ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. دېڭىز، ھاۋا يوللىرى ھەرقايسى ئارال ھەم دۆلەتلەرگە بارىدۇ. بۇ ئاراللاردا فرانسىيىنىڭ دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى، ئاتوم قوراللىرىنى سىناق قىلىش مەيدانلىرى بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#