ئاققاش قۇشقاچ

ئاققاش قۇشقاچ تاغ-ئېدىرلىقتا، يېزا-كەنىتلەر ئەتراپىدىكى چاتقاللىقلاردا ياكى بامبۇكزارلىقتا ياشايدۇ، بەك قورقۇنچاق، دائىم ئورمان ۋە ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، يىراققا پەرۋاز قىلالايدۇ. ئەركىكى كۆپىيىش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلاردا ياۋا ئوت-چۆپ ۋە دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا ناھايىتى مۇڭلۇق سايرايدۇ، ئاۋازى ناھايىتى ياڭراق، ئاۋازى لەرزان، مۇڭلۇق، ئىنتايىن يېقىملىق، ئاساسلىقى ھاشارات يەيدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاققاش قۇشقاچ
ئىنگلىزچە نامى Chinese Hwamei
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى ئاققاش قۇشقاچ ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 画眉鸟
تارقالغان رايونلار ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويى رايونلىرى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى قۇشقاچسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئاققاش قۇشقاچلار ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاققاش قۇشقاچئاققاش قۇشقاچنىڭ ئەركەك-چىشىسىنىڭ رەڭگى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، قوڭۇر رەڭلىك، بېشىنىڭ چوققىسىدىن دۈمبىسىگىچە قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، كەڭ قارا قوڭۇر رەڭلىك سىزىقلىرى بار، تاغىل، ئارقا قىسمى سۇس رەڭلىك. كۆز ئەتراپى ئاق، ئۇنىڭ كۆز ئەتراپى گىرۋىكىدە ئاق ئۇزۇن سىزىق بار، بويۇن، يان تەرەپلىرىدە ئاق سىزىق بولغاچقا ئاققاش قۇشقاچ دەپ ئاتالغان. كۆز ئالدى ۋە قۇلاق پەيلىرى تۇتۇق قوڭۇر،  ئۈستىدىكى قانات پەيلىرى قوڭۇر زەيتۇن رەڭ، ئىككى قانىتىدىكى پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر، باشقا پەيلىرىنىڭ تۈكچىللىرى ۋە پەي گىرۋىكى بۇلىدۇ، قوڭۇر رەڭلىك، ئىچكى پەينىڭ تۈكچىللىرىنىڭ تۈۋى كەڭ، قوڭۇر رەڭلىك. ئىچكى پەيلىرىدىن باشقا پەينىڭ تۈكچىللىرى قوڭۇر زەيتۇن رەڭ، قۇيرۇق پەيلىرى قېنىق قوڭۇر ياكى قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ، ئانچە روشەن بولمىغان قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك داغلار بار، قۇيرۇق ئۇچى بىر قەدەر تۇتۇق قوڭۇر. بويۇن، گال، ئالدىنقى كۆكرەك ۋە كۆكرەك يېنى قوڭۇر سېرىق رەڭلىك بۇلۇپ، بىر قارا قوڭۇر رەڭلىك سىزىقلىرى بار، قالغان گەۋدە ئاستى يەنە قوڭۇر سېرىق رەڭلىك، ئىككى بىقىدا بىر قەدەر تۇتۇق سىزىقلىرى بار، قورساق ئوتتۇرا قىسمى كۈل رەڭ، 

مەقئەت ئەتراپى قوڭۇر، قانىتى ئاستىدىكى قىسقا پەيلەر قوڭۇر سېرىق رەڭلىك.

ئاققاش قۇشقاچنىڭ تېنى ئۇزۇن، بېشى مۇكا شەكلىدە. ئادەتتە دۈمبىسىنىڭ پەي رەڭگى زەيتۇن رەڭ، قورساق پەيلىرى يېشىل قوڭۇر رەڭلىك ياكى سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك، تۆۋەنكى قورساق قىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەيلەر كۈلرەڭ بولۇپ، داغ يوق. باش، مەيدە، بويۇن پەيلىرى ۋە قۇيرۇق پېيىنىڭ رەڭگى بىر قەدەر قېنىق بۇلۇپ،پېيىدە قارا سىزىق ياكى تۈز سىزىق بار . ئۇنىڭ كۆز ئەتراپى ئاق رەڭدە بولىدۇ، كۆزنىڭ ھەر بىر تەرپىدە بىر ئاق قاش بار، تەكشى ھالدا ئالدى كەينىگە سوزۇلغان، ھەمدە كۆپ قىسمى ھىلال ئايسىمان ھالەتتە بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق، شۇڭا ئاققاش قۇشقاچ دەپ ئاتالغان.

بۇ خىل تۈرنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان كىرتىك قىممەت ئۆلچىمى، تارقالغان رايونلار ياكى تەۋرىنىش دائىرىسى 20 مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىردىن كىچىك، ماكان، تۈر توپى كۆلىمى، رايونلار جەتتە پارچە-پۇرات تارقالغان، تۈر توپلىرىنىڭ سانىنىڭ يۈزلىنىشى مۇقىم. 

ئاققاش قۇشقاچ جۇڭگونىڭ ئالاھىدە قۇشلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئاساسلىقى جۇڭگوغا تارقالغان، مۇھىمى يېزا ئىگىلىكىگە پايدىلىق قۇش ھېسابلىنىدۇ، يەنە كېلىپ لەرزان، ئاۋازى مۇڭلۇق، يېقىملىق. يەنە باشقا قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى دوريالايدۇ، تارىختىن بۇيان خەلق ئارىسىدا كاتەكتە بېقىش ئۈچۈن كۆرگەزمە قۇشى بولغان ھەمدە «جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ مەشھۇر شاھى» دەپ تەرىپلەنگەن. ئاققاش قۇشقاچ ھەر يىلى تاماشا قۇشى بۇلۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن خەلق ئارىسىدا بېقىلغان، تۇتۇلغان، يەنە نۇرغۇنلىرى چەت ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنىغان، بۇنىڭ بىلەن تۈر توپىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازايغان. شۇڭا دۆلىتىمىز تۇتۇشنى كونترول قىلىپ، قوغداشنى كۈچەيتىش تەشەببۇس قىلىغان. 

ئاققاش قۇشقاچ جۇڭگو چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورمانلىق ۋە تاغ رايونلىرىدا، چاتقاللىق ئارىسىدا ياشايدۇ، دائىم ئورمان، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، يىراققا پەرۋاز قىلالايدۇ. ئوزۇقلۇق تاللىمايدۇ. پۈتۈن يىل ھاشاراتنى يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوزۇقلۇق تۇلۇقلايدۇ، بولۇپمۇ كۆپىيىش پەسلىدە شۇنداق قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ئورمانچىلىققا زىيانداش ھاشاراتلار بۇلۇپ، چېكەتكە، ئوسۇرغاق قوڭغۇز، قارىغاي تۈكلۈك قۇرتى، مايقوڭغۇز، قاناتلىقلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەرۋانە لىچىنكىسى ۋە باشقا پەرۋانە لىچىنكىسى قاتارلىقلامۇ مۇشۇنىڭ تارمىقىغا تەۋە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئولجىسى. ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى ئۇرۇق، مېۋە، ئوت-چۆپ ئۇرۇقى، ياۋا مېۋە، بۆلجۈرگەن قاتارلىقلار. كۆپىيىش مەزگىلىدە ئانا قۇش بالىسىنى بېقىش ئۈچۈن، زور مىقداردىكى ھاشاراتنى تۇتىدۇ. غەيرىي كۆپىيىش پەسلى باش كۈزدىن كېيىن، ھاشاراتلار تەدرىجىي ئازىيدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسنى، ئوت-چۆپ ئۇرۇقلىرىنى ياكى يۇمران كۆكتاتلارنى يەيدۇ. 

ھەر يىلى جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە «چوكانتال» نىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەزگىل ياكى «يازلىق كۈن توختىشى» نىڭ ئالدى-كەينىدىكى بۇ مەزگىل قۇشنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى بولۇپ، ھەر بىر جۈپ ئاققاش قۇشقاچ ھەر يىلى ئادەتتە ئىككى قېتىم كۆپىيەلەيدۇ. باھارنىڭ مارت ئېيى باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان چاغدا، ئاققاش قۇشقاچنىڭ ئەركىكى ئالدى بىلەن كۈيلەيدۇ، ئۈزلۈكسىز چوڭ سايرايدۇ، بىر تەرەپتىن  چىشى قۇشقا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن چىن كۆڭلىدىن ۋەدە بېرىشنى باشلايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن رەقىبىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، ئاققاش قۇشقاچنىڭ ئاڭلاش ئەزاسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، ئاۋازنىڭ چاستوتىلىق تەۋرىنىشى ئىنتايىن سەزگۈر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنكاسى تېز. كۆپىيىش مەزگىلىدە ئەركەك قۇش ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتشقا  ئالاھىدە ئۇستا، بولۇپمۇ ئەتىگەن ۋە كەچقۇرۇنلۇقى خۇشال ھەم  يېقىملىق سايرايدۇ، مۇڭلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاققىچە ئۈزلۈكسىز سايرايدۇ، كىشىنى ئىنتايىن مەپتۇن قىلدۇ. ئاستا چىللايدۇ، ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر ئۇنى «ئورمانلىقتىكى ناخشىچى» ياكى «ناخشىچى قۇش» دەپ ئاتىغان. 

1. ئاققاش قۇشقاچ كەنجى تۈرى  Garrulax canoruscanorum؛

2. جەنۇبىي ئاسىياغا تارقالغان تۈرى  Garrulax canorusowstoni؛ 

«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» 2013-يىلىدىكىگە قارىغاندا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر ئازايغان، خەتىرى تۆۋەنلىگەن.

1. تاللاش؛ 

2. يېمەكلىك بېرىش؛ 

3. مەشىقلەندۈرۈش؛ 

4. قۇشنى سەيلىگە قۇيۇپ بېرىش؛

 

ئاساسلىقى شەرقىي ئاسىيا رايونلىرىغا، لائوس، ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جۇڭگونىڭ گەنسۇ، شەنشى ۋە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا كەڭ تارقالغان، شەرقتە جياڭسۇ، جېجىياڭ، فۇجيەن ۋە تەيۋەن قاتارلىق جايلار، غەربتە سىچۈەن، گۇيجۇ ۋە يۈننەن، جەنۇبتا گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، گۇاڭشى ۋە خەينەن ئارىلى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، ئاققاش قۇشقاچ جەنۇبىي جۇڭگو ۋە دېڭىز بويى ئەتراپىدا ياشايدۇ.[0]

شتارى بۈرگىلەر كەنجى تۈرى 

شتارى بۈرگىلەر كەنجى تۈرى 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#