سېنېگال

سېنېگال

سېنېگال غەربىي ئافرىقىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى ئاتلانتىك ئوكيان سۇلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 129 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سېنېگال جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى سېنېگال
ۋاقىت رايونى UTC+0
دۆلەت تىلى فرانسۇز تىلى
نوپۇسى 7 مىليون 700 مىڭ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塞内加尔共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئافرىقا قىتئەسى
پايتەختى داكار
سىياسى تۈزۈلمىسى يېرىم زۇڭتۇڭلۇق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
يەر مەيدانى 129 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سېنېگالسېنېگال غەربىي ئافرىقىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى ئاتلانتىك ئوكيان سۇلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 129 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سېنېگال تروپىك بەلباغقا جايلاشقان، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 29، ھۆل يېغىنى دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ 400 مىللىمېتىردىن 1600 مىللىمېتىرغىچە كۆتۈرۈلىدۇ. يامغۇر پەسلى 3-ئايدىن 5-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇب قىسىملىرىنى قېلىن ئورمانلىق قاپلاپ تۇرىدۇ. قالغان ئورۇنلار تروپىك ساۋاننا بەلبېغىدىن ئىبارەت.

سېنېگالنىڭ ئاھالىسى 6 مىليون 38 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك ۋولوف، فولبې، ماندىنگو، تۇكۇلېر، سېدېر ۋە سىيلىلى قاتارلىق مىللەتلەر % 89 نى ئىگىلەيدۇ. قالغىنىنى ياۋروپالىقلار (ئاساسلىقى فرانسۇزلار)، لىۋان، سۈرىيىلىكلەر ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ 80% ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلى بار، فولوف تىلىنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. سېنېگال 14-، 16-ئەسىرلەردە مالې ئىمپېرىيىسى بىلەن سانگاي ئىمپېرىيىسىى دائىرىسىدە بولغان. 1659-يىلى فرانسىيىلىكلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1895-يىلى فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى دائىرىسىدە جۇمھۇرىيەت بولغان.

1960-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سېنېگال جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. سېنېگال ئىقتىسادىي جەھەتتىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى 70% دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئەڭ ئاساسلىق خاسىڭ تېرىلىدۇ، ئۇسېنېگالىنىڭ ئەڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك زىرائىتى بولۇپ، ئۇنىڭ تېرىلغۇ مەيدانى پۈتۈن تېرىلغۇ مەيدانىنىڭ 50% دىن كۆپىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق خاسىڭ ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا تېرىق، قۇناق، شېكەر قۇمۇشى، شال، مانىخوت، كېۋەز، كۆممىقوناق ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنىلىيەلمەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق قوي، كالا بېقىلىدۇ. سېنېگالنىڭ بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. داكار سېنېگالنىڭ پايتەختى ھەم مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدىن باشلانغان تۆمۈريول سېنېگالنى بېسىپ ئۆتۈپ، مالى پايتەخت باماكو شەھىرىگە قەدەر سوزۇلىدۇ. بۇ غول لىنىيە ئارقىلىق مالى، سېنېگالنىڭ ئېكسپورت قىلىدىغان ماللىرى توشۇلىدۇ.

سېنېگالنىڭ تولۇق نامى «سېنېگال جۇمھۇرىيىتى» بولۇپ، ئافرىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. دۆلەت نامى دەريا نامىدىن كەلگەن. دەريا نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بولسا ھەر خىل قاراشلار بار: بىرىنچى، 1445-يىلى پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى فىرناندوس بۇ جايغا كېلىپ، چوڭ بىر دەرياغا يولۇقۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېمىدىكى شۇ يەرلىك بىر بېلىقچىدىن: «بۇ دەريانىڭ ئىسمى نىمە؟» دەپ سورىسا، ئۇ كېمىنى بىلمەكچى بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، «سانگار» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، بۇنىڭ مەنىسى «چاتما قولۋاق» ئىكەن، كېيىن بۇ دەريا شۇنداق قىلىپ «سېنېگال دەرياسى» دەپ ئاتىلىپ قېلىپ، 15-16-ئەسىرلەردىكى دېڭىزچىلىق خەرىتىلىرى تەركىزىسىگە كىرگۈزۈلگەن، بۇ دۆلەتنىڭ نامىمۇ شۇ دەريانىڭ نامىدا ئاتالغان؛ ئىككىنچى، دەريا ئىسمى بەربەرلەرنىڭ قەبىلە نامى Azanague دىن پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ نام كېيىنچە خاتا تارقىلىپ zanaga ياكى Senaga غا، ئەڭ ئاخىرى ھازىرقى نامى «سېنېگال» غا ئۆزگىرىپ قالغان؛ ئۈچىنچى، دەريانىڭ نامى ئادەم ئىسمىدىن كەلگەن. 15-ئەسىردە فىرانسىيىلىك لونسىرات ئىسىملىك بىر كىشى بۇ دەريانى بايقاپ، دەريا ئېغىزىدا Sanaga ئىسىملىك بىر ماۋرىنى قالدۇرۇپ قويغان، دەريا نامى شۇنىڭدىن پەيدا بولغان ئىكەن. بەزىلەرنىڭ دېيىشچە دۆلەت نامى دەريا نامىدىن ئەمەس، بەلكى بازار نامىدىن كەلگەن ئىكەن، بىرىنچى تۈركۈم قارا تەنلىك توركولېيلار مىلادى 9-ئسىردە سېنېگال ئويمانلىقىنى بېسىۋالغان، «سېنېگال» نامى ئېھتىمال ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بازىرى Seneganov سۆزىدىن ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن. سېنېگال مىلادى 14-16-ئەسىرلەردە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مالى ۋە سونگاي ئىمپېرىيىلىرىگە تەۋە بولغان، 1659-يىلى فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى بېسىپ كىرىپ، 1895-يىلى پۈتۈن سېنېگالنى بېسىۋالغان. 1909-يىلى فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقا شىتاتىغا قوشۇۋېتلگەن. 1958-يىلى 11-ئايدا فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى قارمىقىدىكى «ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت» بولغان.

1959-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى سودان (بۈگۈنكى مالى جۇمھۇرىيىتى) بىلەن مالى فېدېراتسىيىسىنى تەشكىللىگەن. 1960-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى فېدېراتسىيىدىن چېكىنىپ چىقىپ، سېنېگال جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. سېنېگالنىڭ يەر مەيدانى 196.192 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 7 مىليون 700 مىڭ. گولوف مىللىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنە فرانسۇز تىلىمۇ قوللىنىلىدۇ. ئاھالىنىڭ % 90ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى داكار، پۇل بىرلىكى ئافرىقا پۇل مۇئامىلە ئورتاق گەۋدىسى فرانكى.

سېنېگال-سېنېگال دەرياسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، «خاسىڭ دۆلىتى» دەپ تەرىپلەنگەن. ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى « ئەڭ باي دۆلەت» دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ 1864-يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، 1958-يىلى فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسىنىڭ « ئاپتونوم جۇمھۇرىيىى » دە بولغان؛ 1959-يىلى سۇدان (ھازىرقى مالى) بىلەن بىرلىشىپ «مالى فېدېراتىسىيسى» نى قۇرغاندا دۆلەت بايرىقىغا قارا تەنلىكلەرنىڭ رەسمى سىزىلغاندى. 1960-يىلى سېنېگال فېدېراتىسىيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغاندا، قارا تەنلىك ئادەمنىڭ رەسمى ئورنىغا بەش بۇرجەكلىك بىر يېشىل يۇلتۇزنى سىزىپ، يېڭى دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان. يېشىل، سېرىق، قىزىل رەڭدىكى تىك يولنىڭ تىزىلىشى، فرانسىيە دۆلەت بايرىقىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئىگە بولغان، ئەمما پان ئافرىقا رەڭنى ئىشلىتىشى، سېنېگالنىڭ ئافرىقا بىرلىكىنى ھىمايە قىلدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دېڭىز بىلەن بۇلاقنى، ئوتلاق بىلەن ئورماننى بىرلەشتۈرۈپ، ئەركىن، ئىتتىپاق ۋە باراۋەر بۈيۈك ئافرىقا قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. سېرىق رەڭ-تەبىئي بايلىق بىلەن مال-مۈلۈكنى بىلدۈرگەن، ئىسسىق قانغا ئوخشاش قىزىل رەڭدە دۆلەتنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن كۈلپەتلىرى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئىپادىلەنگەن؛ ئوتتۇرسىدىكى بەش بۇرجەكلىك يېشىل يۇلتۇز، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە-سېنېگال تەرەققىيپەرۋەرلەر ئىتتىپاقىنىڭ گېربى بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر.

سېنېگال دۆلەت گېربى ئوڭ ۋە سول ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان، سول تەرىپى قىزىل بولۇپ، ئۇنىڭغا كۈچ ۋە دۆلەتنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى بىلدۈرىدىغان ئالتۇن شىر سىزىلغان؛ ئوڭ تەرەپتىكى سېرىق رەڭلىك جايغا سېنېگالنىڭ مىللىي دەرىخى-بانان دەرىخى سىزىلغان، دەرەخ ئاستىدىكى دولقۇنسىمان بەلدەمدە سېنېگال دەرياسى ئاققان. قالقانسىمان بەلگە پالما دەرىخىنىڭ شاخ-يوپۇرمىقىغا ئورالغان، ئۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈككە سىمۋول قىلىنغان. ئاستىدىكى ئاق لېنتىغا: «بىر مىللەت، بىر مەقسەت، بىر ئىتقاد» دېگەن سۆز يېزىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#