ھۆل تەمرەتكىسىمان تېرە ياللۇغى

ھۆل تەمرەتكىسىمان تېرە ياللۇغى

مۈچىلەرنىڭ سوزۇلىدىغان تەرەپلىرىگە كۆپ چىقىدىغان، قاتتىق قىچىشىش ۋە تۈگۈنلۈك زەخمىلىنىش قوشۇلۇپ كېلىدىغان بىر خىل تېرە كېسەللىكىدۇر.

غەرب تېبابىتى نامى ھۆل تەمرەتكىسىمان تېرە ياللۇغى
تونۇش نامى shi zhen yang pi yan
كېسەللىك ئورنى تىرە
خەنزۇچە نامى 湿疹样皮炎
تەۋە بۆلۈم تىرە كىسەللىكلىرى
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. بەلغىمى شوردىن پەيدا بولىدۇ.

بەلغىمى شور قان ئايلىنىش ئارقىلىق يەرلىك ئورۇنغا بېرىپ توسۇلۇش پەيدا قىلىپ يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ۋە يەرلىك ئورۇننى تەكرار غىدىقلاپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

2. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىدىن پەيدا بولىدۇ.

موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى قان تومۇرلاردا چۆكمىگە چۈشۈپ توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۇيۇقلۇقلارنىڭ قويۇلۇشىنى پەيدا قىلىپ، تومۇر دىۋارىدىن قان پلازما سۇيۇقلۇقىنىڭ توقۇلما، ھۈجەيرە ئەزالارغىچە تۇرۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا سۇيۇقلۇقلارنىڭ نورمال ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ بۇ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

3. ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى ئامىللار تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

ھەر خىل ئىچكى-تاشقى مۇھىتتىكى خىمىيىلىك، فىزىكىلىق سانائەت بۇيۇملىرى، ھايۋاناتلارنىڭ پەي، يۇڭ-مويلىرى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل چاڭلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ يەرلىك ئورۇنغا تەسىر قىلىپ يەرلىك ئورۇننىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

ھۆل تەمرەتكىسىمان تېرە ياللۇغىتېرىدە قىزغۇچ چاچما خاراكتېرلىك ئۇششاق قۇرۇق مۇدۇرلار پەيدا بولۇپ قىچىشىدۇ. دائىرىسى بىرقەدەر كەڭرەك بولىدۇ. قاشلىغاندا زەرداپ سۇ چىقمايدۇ. قاتتىق قاشلىغاندا قان چىقىدىغان بولۇپ، بۇ كۆپىنچە دۈمبە، بەل، قورساق، ساغرا، سان پاقالچاق ۋە يۇقىرىقى مۈچە بىلەكلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئەۋرەتتىمۇ كۆرۈلىدۇ.

قىزغۇچ چاچما خاراكتېرلىك ئۇششاق قۇرۇق مدۇرلار پەيدا بولۇپ قىچىشىدۇ. مۈچىلەرنىڭ سوزۇلىدىغان تەرەپلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. دائىرىسى كەڭ، رەتسىز، چاچما ھالەتتە پەيدا بولىدۇ.

قىچىشقاق بىلەن يەلتاشما پەرقلەندۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1. قىچىشقاق: قىچىشقاق كۆپىنچە قولنىڭ بارماق ئارىلىقلىرى، قول دۈمبىسى، تۆۋەنكى بىلەك، تۆۋەنكى قورساق، چات ئارىلىق ۋە ئۇرۇقدان خالتا تېرىسىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

يەرلىك ئورۇندا تېرىق چوڭلۇقىدا رەڭگى قىزىل مۇدۇرلار چىقىپ، تاتىلىغاندا زەرداب سۇ چىقىدۇ ياكى قارامتۇل قان چىقىدۇ.

2. يەلتاشما: يەلتاشمىدا تاشمىلار تەخمىنەن يېرىم سائات ياكى بىرقانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ. لېكىن بىر كۈندە بىرقانچە قېتىم قوزغىلىدۇ. تاتۇق قالدۇرمايدۇ. تېرىنى جىجاش سىنىقى موسپى بولىدۇ.

ھۆل تەمرەتكىسىمان تېرە ياللۇغى1. بەلغىمى شورغا قارىتا بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا سەپرانىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن بەلغەم بىلەن سەپرانىڭ مۇسھىلىنى بېرىپ ماددىنى تازىلاش پرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.

2. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىگە قارىتا بەلغەمنىڭ مۇنزىچىغا سەۋدانىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن مەتبۇخى مائۇلجەبىن بىلەن ماددا تازىلىنىدۇ.

غەلبىمى شوردىن بولغان بولسا بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا سەپرانىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ ماددا پىشقانغا قەدەر بېرىپ، ماددا پىشقاندىن كېيىن بەلغەم بىلەن سەپرانىڭ مۇسھىلىنى قوشۇپ 5~3 كۈن بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ.مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئىترىفىل چۆبچىن، قۇرسى شاھتەررە، ئىترىفىل سەغىر، قۇرسى كىبرىت قاتارلىقلاردىن تاللاپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە شاھتەررە، چۆبچىن 15 گرامدىن، قىزىلگۈل 10 گرام، موزا 10 گرام، ئاق لەيلىگۈل 10 گرام، بىنەپشە 10 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 52 گرام، يۇقىرىقى دورىلارنى 1500 مىللىلىتىر سۇدا يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلىدۇ.بابۇنە مېيى بىلەن مايلاپ بېرىلىدۇ.ئەگەر موزا تەملىك بەلغەمدىن بولغان بولسا، بەلغەمنىڭ مۇنزىچىغا سەۋدانىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ ماددا پىشقانغا قەدەر بېرىپ، ماددا پىشقاندىن كېيىن مۇسھىلى ئۈچۈن مەتبۇخى مائۇلجەبىن بېرىلىپ ماددا تازىلىنىدۇ.ماددا تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن قۇرسى شاھتەررە كۈنىگە ئۈچ ۋاخ 5~3 دانە، ئىترىفىل چۆبچىن كۈنىگە ئۈچ ۋاخ 11~7 گرام بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شاھتەررە، چۆبچىن، كۆكنار پوستى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 15 گرامدىن، موزا 10 گرام، قىزىلگۈل 10 گرام قاتارلىقلارنى قاينىتىپ يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلىدۇ.گۈل مېيى ۋە بابۇنە مېيى بىلەن يەرلىك ئورۇن مايلاپ بېرىلىدۇ.

يەل پەيدا قىلغۇچى، قاننى قىزىتقۇچى، غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش، تېرە تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=904

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=904

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#