باغراش كۆلى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
باغراش كۆلى قەدىمدە «غەربىي دېڭىز» دەپ ئاتالغان، قاراشەھەر ئويمانلىقىدىكى باغراش تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1000 كۋادرات كىلومېتىرغا، كۆل سۈيىنىڭ چوڭقۇر يېرى 17 مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ يۇقىرىقى تەرىپى قاراشەھەر دەرياسى بىلەن، ئاياغ تەرىپى كۈنچى دەرياسى بىلەن تۇتىشىدۇ، چوڭ كۆل رايونى ۋە كىچىك كۆل رايونى دەپ ئايرىلىدۇ. چوڭ كۆل رايونىنىڭ دائىرىسى پايانسىز بولۇپ، تۇتەكسىمان دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، كۆلنىڭ قارىشى تەرىپى ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن، شامال چىققاندا كۆل خۇددى دېڭىزدەك دولقۇنلاپ كېتىدۇ. باغراش كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىرغىقىدا .بۇ كۆلنىڭ كۆلىمى چوڭ، سۈيى ناھايىتى سۈزۈك بولۇپ ،كۆلنىڭ تېگىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ جاي ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەبئىي سۇغا چۆمۈلۈش مەيدانى، «ئالتۇن ساھىل»نىڭ «شىنجاڭدىكى ھاۋاي »دېگەن نامى بار .
چوڭ كۆلنىڭ غەرب تەرىپىدە نۇرغۇن ئۇششاق كۆللەر بار، بۇ كۆللەرنىڭ سۈيى تۇتىشىپ كەتكەن. يازدا مول مەزمۇنلۇق سۇ ئۈستى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؛ قىشتا بۇ جاي يەنە تەبىئىي مۇز ئۈستى ھەرىكەت مەيدانى بولىدۇ. باغراش كۆلى مەملىكىتىمىزدىكى 4 چوڭ قومۇشلۇقنىڭ بىرى بولۇپ، قومۇش ئۆسكەن ئومۇمىي كۆلەم 600 مىڭ موغا، يىللىق قۇرۇق قومۇش 400 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، قومۇش قەغەزنىڭ ئېسىل خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. باغراش كۆلى شىنجاڭ بويىچە بېلىقچىلىق بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كاراس بېلىقى، كارپ بېلىقى، كۆك بېلىق، ئاق ئامۇر بېلىقى، لاققا بېلىق قاتارلىق 24 خىل بېلىق كۆپ چىقىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەنلەر بېلىق تائاملىرىدىن لەززەتلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.