ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قانۇن ياردەم دېلولىرىنى بېجىرىش تەرتىپ بەلگىلمىسى

قانۇن ياردەم دېلولىرىنى بېجىرىش تەرتىپ بەلگىلمىسى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قانۇن ياردەم دېلولىرىنى بېجىرىش تەرتىپ بەلگىلمىسى 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قانۇن ياردەم دېلولىرىنى بېجىرىش تەرتىپ بەلگىلمىسى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆生产建设兵团法律援助案件办理程序规定
ھۆججەت شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ب س ت (2006) 18-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ب س ت (2006) 18-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى

ھەرقايسى دىۋىزيە ئەدلىيە ئىدارىسىگە:

گوۋۇيۇەن تارقاتقان «قانۇن ياردەم نىزامى» گە ئاساسەن، بىڭتۇەننىڭ قانۇن ياردەم دېلولىرىنى قۇبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش تەرتىپنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىدارىمىز مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قانۇن ياردەم دېلولىرىنى بېجىرىش تەرتىپ بەلگىلمىسى»نى تۈزۈپ، سىلەرگە بېسىپ تارقاتتۇق. شۇ بۇيىچە ئىجرا قىلىنسۇن. 

2006-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى

1-باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قائىدە قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن ياردەم دېلوسنىڭ سۇپتىگە كاپالەتلك قىلش، ئالاقىدارنىڭ قانۇن ھۇقۇق–مەنپەتىنى قوغداش مەقسىتىدە گوۋۇيۇەنىڭ«قانۇن ياردەم نىزامى» ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ قانۇن ياردەىمى خىزمىتىگە ئائىت بەلگىلمىلىرى بويىچە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا  قانۇن ياردەم ئاپپاراتى قانۇن يادەم بېرىش ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلش ،ئالاقىدارنىڭ شەرتلىرنى تەكشۈرۈش ، قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ياكى قانۇن ياردەم خادىملىرنى قانۇن ياردەم دېلوسنى بېجىرىشكە بەلگىلەش،دېلو بېجىرش ئەھۋالنى نازارەت قىلش ۋە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بۇلىدۇ.

3-ماددا  قانۇن ياردىمى بىرىش خادىملىرى مۇشۇ قائىدىدە بەلگىلەنگەن قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىش تەرتىپى بۇيىنچە قانۇن ياردىمى دېلوسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلك قىلش لازىم .

2-باب ئىلتىماس قىلش تەرتىپى

4-ماددا  ئالاقىدار ئۈزىنىڭ قانۇني ھوقۇق–مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن مۇلازىمىتىگە مۇھتاج بۇلۇپ ،ئىقىتىادى قىينچىلقى تۈپەيلىدىن قانۇن مۇلازىمىتى ھەققىنى تۈلەشكە قۇربى يەتمىسە، قانۇن ياردەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ.

5-ماددا  ئالاقىدار ھەق-تەلەپ ئىقتىدارى يوق، ھەق-تەلەپ ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى بولسا،ئۇنىڭ ۋەسىيسى ياكى قانۇن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلدۇ.

6-ماددا  ئالاقىدار تۈۋەندىكى ئىشلاردا قانۇن ياردەم بىرىشنى ئلتىماس قىلسا بۇلىدۇ.

1) دۆلەت تۆلىمنى قانۇن بۇيىنچە تەلەپ قىلش؛

2) نەپىقە پۇلى ،قۇتقۇزۇش پۇلى تەلەپ قىلش؛

3) ئجتىمائى سۇغۇرتا تەمىناتى ياكى ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتى تەلەپ قىلش؛

4)  قاراش خىراجىتى ،بېقىپ تەربىلەش خىراجىتى ،بېقىش خىراجىتىنى تەلەپ قىلش؛

5) ئەمگەك ھەققى تەلەپ قىلىش؛

6) ئادالەت يۇلىدا پىداكارلىق كۆرىستىش ھەركىتىدە پەيدا بولغان ھەق –تەلەپ ھۇقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلش ؛

7) داۋالاش ھادىسى، قاتناش ھادىسى ئىشتا يارلىنىش ھادىسسى تۆلىمىنى تەلەپ قىلىش؛

8) ئاياللار، باللار، ياشانغانلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەئەتنى قوغداشقا چېتىشلىق بولغان نىكاھ ئائىلە دېلوسى؛

9) مېيپلەر، ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىسمانى زىياننى تۈلەشنى تەلەپ قىلش؛

10) دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك ھۇقۇق مەنپەتىگە چېتشلىق دېلو؛

11) قانۇن ياردەم بىرىشكە تىگىلىك بولغان باشقا ئىشلار.

7-ماددا  تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا بولغان جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى ئالاقىدار قانۇن ياردەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ؛

1) جىنايەت گۇماندارىنى تەھققلىگۈچى ئورگان بىرىجى قېتىم سۇراق قىلغاندىن كېىين ئۇنىڭغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان كۈندىن باشلاپ ئىقتىسادي قىيىنچىلق تۈپەيلىدىن ئادۇۋكات تەكلىپ قىلمغان بولسا؛

2) ئەيپلەنگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى  ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇققىنى دېلو تەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكە ئۆتكۈزۈپ بىرلگەن كۈندىن باشلاپ ئقتىسادى قىينچىلقى بولغانلقتىن ۋاكالەتچىلك قىلشنى دەۋا ۋاكالەتچىسگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا؛

3) بىۋاستە دەۋا دىلوسدىكى بىۋاستە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى دىلونى خەلق سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئقىتسادى قىيىنچلقى بولغانلقتىن ۋاكالەتچسى قىلشنى دەۋا ۋاكالەتچىسگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا.

8-ماددا  ھەق-تەلەپ دەۋاسى ،مەمۇري دەۋا ياكى ئاقلىغۇچى بەلگىلەپ بىرىلگەن جىنايى ئىشلار دەۋاسىىدا ئالاقىدار قانۇن ياردەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئىلتىماسنى باشقۇرۇش ھۇقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قۇبۇل قىلىدۇ.

باشقا غەيرى دەۋا قانۇن ئىشلىرىدىكى ۋاكالەتچىلىكنى، مەجبۇريەت ئادا قىلغۇچى ئورگەن ياكى مەجبۇريەتنى ئادا قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى قۇبۇل قىلىدۇ.

ئالاقىدار قانۇندىن مەسلىھەت بېرشنى ئىلتىماس قىلسا يېقىن ئەتراپتىكى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى قۇبۇل قىىلىدۇ،

9-ماددا  ئاقلاش بىكتىلگەن جىنايى ئىشلار قانۇن ياردىمى دېلولىرنى شۇ سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى قۇبۇل قىلىدۇ.

10-ماددا  بىڭتۇەن، دېۋىزىيە (شەھەر) دەرىجىلىك قانۇن ياردەم ئاپپاراتى شۇ باشقۇرۇش رايۇندىكى قانۇن ياردەم دېلوسى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بىكىتكەن جىنايى ئىشلار قانۇن ياردەم دېلوسىنى قۇبۇل قىلىدۇ.

رايۇن بار شەھەرلك قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى شۇ باشقۇرۇش رايندا چوڭ تەسىرى بولغان ياكى چەتكە چېتىشلىق قانۇن ياردىمى دىلوسى ئوتتورا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بىكىتكەن جىنايى ئىشلار دېلوسنى قۇبۇل قىلىدۇ.

بىڭتۇەن قانۇن ياردەم مەركىزى بىڭتۇەن ئىچىدە  تەسىرى چوڭ بولغان قانۇن ياردەم دېلوسى ۋە بىڭتۇەن يۇقرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بىكىتكەن جىنايى ئىشلار دېلوسنى قۇبۇل قىلىدۇ.

11-ماددا  قانۇن ياردەم ئاپپاراتى دىلو ئەھۋالى مۇھىم ،ئەھۋال مۇرەككەپ شۇ باشقۇرۇش رايۇندا لىللا ياردەم بېرىشكە تەسرى يىتىش مۇمكىن، بىر دەرىجە يۇقىرى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ياردەم بېرىشكە تېگىشلك دەپ قارسا، بىر دەرىجە يۇقىرى قانۇن ياردەم ئاپپاراتىنىڭ ماسلاشتۇرۇپ بېرشنى ياكى بىۋاستە بېجىرىشنى تەلەپ قىلسا بۇلىدۇ. بىر دەرىجە يۇقىرى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى تەكشۈرگەندىن كىيىن ماسلاشتۇرۇپ بېجىرىش ياكى بىۋاستە بېجىرىش قارارى چىقارسا بۇلىدۇ.

بىر دەرىجە يۇقرى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى بىر دەرىجە تۈۋەن قانۇن ياردەم ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇشتىكى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بىۋاستە بىجىرسە بۇلىدۇ ياكى شۇ باشقۇرۇش رايۇندىكى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بىر دەرىجە تۆۋەن قانۇن ياردەم ئاپپارتىنىڭ بېجىرىشنى بىكىتسە بۇلىدۇ.

12-ماددا  قانۇن ياردىمى بىرىشنى ئىلتىماس قلغان ئالاقىدارلار قانۇن ياردەم ئاپپاراتغا يازمىچە ئىلتىماس سۇنۇش ۋە ‹‹قانۇن ياردىمىنى بىرىشنى ئىلتىماس قىلش جەدىۋىلى››نى تولدۇرشى ھەمدە تۈۋەندىكى ئىسپات ماتېرىياللارنى تاپشۇرشى كېرەك،لىكىن قانۇندىن مەسلىھەت سۇراش بۇنىڭ سرتىدا .

1)كىملىكى ياكى كۈچكە  ئىگە باشقا سالاھىيەت ئىسپاتى، ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلغۇچى يەنە ۋاكالەتچىلك ھۇقۇقى بارلىقىغا دائىر ئىسپاتنى تاپشۇرشى كېرەك؛

2)ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا،بازارلق خەلق ھۆكۈمىتى، مەھەللە باشقارمىسى ياكى ئالاقىدار ئۇرۇنلارنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ھەم ئائىلسنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلقى بارلىقىغا ئائىت ئىسپاتى؛

3) قانۇن ياردەم بېرشنى ئلتىماس قىلغان ئىشقا ئائىت ئسىپات، دەللىل–ئىسپات ماتېرياللىرى؛

«قانۇن ياردەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلش جەدىۋىلى»نى تولدۇرۇشتا قىينچىلقى بارلارغا قانۇن ياردەم ئاپپاراتنىڭ خىزمەتچىلىرى ياردەملىشىپ تولدۇرۇپ بەرسە بۇلىدۇ.

13-ماددا  ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان گۇۋاھنامە ،ئىسپات ماتىرىياللىرى تۇلۇق بولمىسا، قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن تۇلۇقلاشنى ياكى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بۇلىدۇ؛ ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپ بۇيىنچە تۇلۇقلىمىسا ياكى چۈشەنچە بەرمىسە ،ئىلتىماسنى بىكار قىلدى دەپ ھىساپلايدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئىسپات ماتېرياللىرى بىلەن تەمىنلەشتە ھەقىقەتەن قىيىنچلقى بولسا، قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ئالاقىدار ئەھۋاللارغا ئاساسەن قانۇن ياردەم بىرىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارسا، قانۇن ياردەم بىرىشنى قارار قىلسا بۇلىدۇ.

3-باب  تەكشۈرۈش تەرتىپى

14-ماددا  قانۇن ياردەم ئىلتىماسنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاشقا مەسئۇل قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالارنىڭ بىرى كۈرۈلسە چەتلەپ تۇرشى كېرەك؛ئىلتىماس قىلغۇچى قانۇن ياردەم ئاپپاراتىنىڭ چەتلەپ تۇرشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بۇلىدۇ؛

(1)ئىلتىماس قىلغان ئىشتىكى ئالاقىدار بولسا ياكى ئالاقىدارنىڭ يېقىن تۇققىنى بولسا؛

(2) ئىلتماس قىلغان ئىش بىلەن باشقا مەنپەت مۇناسۋىتى بۇلۇپ، شۇ ئىلتىماسنى لىللا  بېجىرىشكە تەسر يىتىش مۇمكىنچىلكى  بولسا. 

15-ماددا  قانۇن ياردەم مەسئۇلىنىڭ چەتلەپ تۇرشىنى ئەدىليە مەمۇرىيى ئورگىنىنىڭ باشقۇردىغان مەسئۇل رەھبەر قارار قىلىدۇ؛ باشقا خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرشىنى قانۇن ياردەم مەركىزىنىڭ مەسئۇلى قارار قىلىدۇ.

16-ماددا  قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى بىرىش ئىلتىماسىدا تۈۋەندىكلەرنى  نوقتىلق تەكشۈرۈش كېرەك:

(1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھيىتى، ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئائىلە ئەزالىرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى؛

(2) شۇ ئاپپاراتنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى؛

(3) ئىلتماس قىلغۇچى كۆرسەتكەن دىلوغا ئائىت دەلىل–ئسپاتلار.

تەكشۈرۈش ئارقىلق قانۇن مەسلىھەتىگە تەۋە بولسا، دېلو ماتېرىيالغا ئاساسەن قانۇندىن جاۋاپ بېرىش لازىم.

قانۇن ياردەم بېرىش شەرتىگە تۇشىدىغان ، لېكىن شۇ ئاپپاراتنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىغا  ئىگە قانۇن ياردەم ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلشنى ئوقتۇرۇش كېرەك.

17-ماددا  قانۇن ياردىمى ئلتىماسىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرشى ھەمدە قانۇن ياردىمى بىرىش-بەرمەسلىكنى قارار قىلش كېرەك.

18-ماددا  تۈۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرسى كۈرۈلسە،  قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئالدى بىلەن قانۇن ياردىمى بىرىپ ئاندىن تەكشۈرسە بۇلىدۇ؛

(1) دەۋا سۈركى تۇشۇپ قىلش ئالدىدا بولسا؛

(2) مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرلىرىنى دەرھال قوللىنىشقا توغرا كەلسە؛

(3) باشقا جىددىي ياكى پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولسا.

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تەكشۈرۈش ئارقىلق ئالدى بىلەن قانۇن ياردىمى بىرىش ئلتىماس شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، قانۇن ياردىمى بىرىشنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئاۋال قانۇن ياردىمى بىرىشتىن كىلپ چىققان ھەقنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۈلەيدۇ.

19-ماددا  قانۇن ياردەم ئاپپاراتى قانۇن ياردەم بېرىشنى قارار قىلسا ئلتىماس قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتىغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرىشنى ئۇقتۇرۇش كىرەك.

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى جىنايەت گۇماندارىغا قانۇن ياردەم بىرىشنى قارار قىلسا، قارار قىلغان كۈندىن باشلاپ 3 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ج خ ئورگىنى ياكى تەپتىش مەھكىمىسگە ئۇقتۇرۇش قىلشى ھەمدە قانۇن ياردىمى بىرىشكە ئادۋۇكات بەلگىلشى لازىم.

20-ماددا قانۇن ياردىمى بىرىش ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى بەرمەسلكنى قارار قىلسا، ئلتماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرشى ھەمدە چۈشەندۈرشى كېرەك.

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى جىنايەت گۇماندارىغا قانۇن ياردەم بەرمەسلكنى قارار قىلسا، 3 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ج خ ئورگىنى ياكى تەپتىش مەھكىمىسگە يازمىچە  ئۇقتۇرۇش قىلىشى، ج خ ئورگىنى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارىغا ئۇقتۇرۇشى كىرەك.

21-ماددا  خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بېكىتسە، قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ئاقلاشنى بىكتىش ئالاقىسنى تاپشۇرۋېلىپ 3  خىزمەت كۈنى ئىچىدە قانۇن ياردەم مەجبۇريىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۇۋكاتنى ئاقلاشقا بەلگىلەش لازىم. 

4-باب ياردەم  بىرىش تەرتىپى

22-ماددا  قانۇن ياردەم ئاپپاراتى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىشكە قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتىنى ياكى قانۇن ياردەم ئاپپارات خادىملىرىنى ۋاقتىىدا بەلگىلشى لازىم.

قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتى قانۇن ياردەم ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلەش ئالاقىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىين 3 خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرگۈچىنى بىكىتىشى، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ھەمدە دېلو بېجىرگۈچى سوت مەھكىمىسگە ۋاقتىدا ئوقتۇرۇشى لازىم. 

23-ماددا قانۇن ياردىمى خادىملىرى بۇ دېلونى بېجىرىش مۇۋاپق ئەمەس دەپ قارىسا، قانۇن مۇلازىمىىتى ئاپپاراتىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئالماشتۇرۇشنى ئلتىماس قىلسا بۇلىدۇ. قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتى سەۋەپنى ئۇرۇنلۇق دەپ قارىسا قايتىدىن بەلگىلسە بۇلىدۇ. 

24-ماددا  ئالاقىدارلاردا قانۇن ياردىمى دېلوسنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالنى ئىگەللەش ھوقۇقى بۇلىدۇ. قانۇن ياردەم خادىملىرى ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتىپ بىرىش لازىم.

ئالاقىدارلار قانۇن ياردىمى خادىمىلىرى دېلونى پاسسىپ بېجىردى دەپ قارىسا، قانۇن ياردەم ئاپپاراتىغا قانۇن ياردەم بېرىش خادىمىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ؛ قانۇن ياردەم ئاپپاراتى تەكشۈرۈش ئارقلق راست بۇلۇپ چىقسا، ئالماشتۇرۋېتىشى كىرەك. 

25-ماددا  قانۇن ياردىمى خادىملىرى قانۇن ياردەم بىرىش داۋامىدا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قانۇن ياردەم بىرىش شەرتىگە توشمايدىغانلىقنى سەزسە، قانۇن ياردەم ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلپ تەستىقلىتىپ قانۇن ياردەم بىرىشنى ئاخىرلاشتۇرسا بۇلىدۇ. ئالاقىدارلار قانۇن مۇلازىمتى ھەققى تۈلەشكە ماقۇل بولسا، داۋاملق قانۇن مۇلازىمىتى قىلسا بۇلىدۇ.

26-ماددا  قانۇن ياردىمى بىرىش خادىملىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بىكىتكەن جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىش داۋامىدا ئالاقىدارلارنىڭ باشقا قانۇن مۇلازىمىتى خادىملىرىغا ھاۋالە قىلغانلىقىنى سەزسە، قانۇن ياردەم ئاپپاراتىغا يوللاپ تەستىقلىتىپ قانۇن ياردەم بىرىشىنى توختىتۋېىتىشى كېرەك.

27-ماددا  قانۇن ياردىمى خادىملىرى قانۇن ياردەم دېلوسنى بېجىرىشتە كەسپكارلق ئۆلچىمىنىڭ تەلپى بويىچە، ئالاقدارلار بىلەن كۈرۈششى، ئەستايدىل تەكشۈرۈپ دەلل-ئىسپات ئېلىشى، پاكىتنىڭ ئەيننى تەكشۈرۈپ ئېنقلىشى، ۋاكالەتچلىك سۈزى ياكى ئاقلاش سۆزى يېزىش ھەمدە سوتقا ۋاقتىدا قاتنىشىپ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەتىنى ھەققى يۇسۇندا قوغدىشى لازىم.

28-ماددا  قانۇن ياردىمى خادىمىلىرى دىلونى مۇرەسسە قىلش ئارقىلق ھەل قىلغلى بۇلدۇ دەپ قارىسا، ئالاقىدارلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كىين مۇرەسسە قىلپ ھەل قىلسا بۇلىدۇ. مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمىسا، قانۇن ياردەم خادىملىرى ئالاقىدارنىڭ ۋاقتىدا دەۋا قىلشىغا ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ياردەملىششى كېرەك.

5-باب دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش تەرتىۋى

29-ماددا  قانۇن ياردەم خادىملىرى قانۇن ياردىمى دېلوسنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرغاندىن  كىيىن 10 ئىچىدە دېلو بېجىرىشكە بەلگىلەنگەن قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا دېلونىڭ تۈۋەندىكىدەك ماتېرىياللىرنى تاپشۇرشى ھەمدە ئارخىپ باشقۇرۇش تەرتىپى بويىچە تىكىپ ئارخىپلاشتۇرۇپ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتنىڭ تەكشۈرشىنى قۇبۇل قىلشى كېرەك :

(1) قانۇن ياردىمى بىرىشنى بەلگىلەش ئالاقىسى ۋە قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتىنىڭ تەستىقلاش قەغىزى؛

(2) ھاۋلە ۋاكالەتچىلك كىلشىمى ۋە باشقا ھاۋالە رەسمىيەتلىرى؛

(3) ئەرز، نارازلق ئەرز، ئىلتىماس ئەرز ياكى مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىش (ئىلتىماس ئەرز)ئىلتىماسى، دۆلەت تۈلىمى تەلەپ قىلش ئىلتىماسى قاتارلق قانۇن ھۆججەتلىرنىڭ قۇشۇمچىسى؛

(4) ھاۋالە قىلغۇچى، ئالاقىدارلار ۋە گۇۋاھچى بىلەن سۆھبەتلىشش خاتىرسى، شۇنىڭدەك مۇناسۋەتلىك تەكشۈرۈش ماتېرياللرى؛

(5) جاۋاپنامە ئاقلاش سۆزى ياكى ۋاكالەتچلك سۆزى قاتارلق قانۇن ھۆججەتلىرى؛

(6) ھۆكۈم (كېسىم) نامە، كېسىم سوتىنىڭ كېسىمنامىسى، مۇرەسسەنامە ياكى مەمۇرى جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلش (قايتا قاراپ چىقىش ) قارارى قاتارلق قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسى؛

(7) دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش دوكىلاتى؛

(8) بىجىرگەن دېلوغا مۇناسۋەتلىك باشقا ماتېرىياللار.

قانۇن ياردەم ئاپپاراتى بېجىرىپ تاماملانغان دېلو ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشنى تاماملىشى كېرەك.

تەمىنلەنگەن ماتېرياللار تەلەپكە ئويغۇن بولمىسا، تەلەپ بۇيىچە ئۆزگەرتىش كېرەك؛ تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ساقلايدۇ، ئەسلى نۇسخىسىنى قانۇن مۇلازىمەت ئاپپاراتى ساقلايدۇ.

30-ماددا  قانۇن مۇلازىمەت ئاپپاراتى بېجىرگۈچىنىڭ قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىش سۈپىتى، كەسپىي ئەخلاق ۋە كەسپىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىغا قارىتا باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش لازىم.

31-ماددا  قانۇن مۇلازىمەت ئاپپاراتى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرگۈچىگە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىش راسخۇدىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»دىكى ئۆلچەم بۇيىچە ۋاقتىدا تۇلۇقلىما بىرىدۇ.

6-باب قۇشۇمچە پىرىنسىپ

32-ماددا  بۇ بەلگىلمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.

33-ماددا  بۇ بەلگىلىمىنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

 [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#