ياۋا كالا

ياۋا كالا

ياۋا كالا خوردىلىق ھايۋانلار تىپى، ئومۇرتقىلىقلار تىپى، ئەمگۈچىلەر سىنىپى، ئاچا تۇياقلىقلار، كالا ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان. ياۋا كالىنىڭ تېنى غايەت زور، بەدەن ئېغىرلىقى 600-1500 كىلوگرام. ئوتتۇرا ئاسىيا ياۋا سۇ كالىسى دۇنيادا ھازىر ياشاۋاتقان ئەڭ چوڭ تۈرى. دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان.

ئۇيغۇرچە نامى ياۋا كالا
تارقالغان رايونلار سېرىق تاش دۆلەتلىك باغچىسى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى، ئومۇرتقىلىقلار تىپى
تۈركۈمى ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ياۋايى كالىسى ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 野牛
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى
ئائىلىسى كالا ئائىلىسى
تۈرى ئامېرىكا ياۋا كالىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياۋا كالاياۋا كالىنىڭ تېنى غايەت زور، ئۇزۇنلۇقى 200-300 سانتېمىتىر، مۈرە ئېگىزلىكى 2 مېتىر، ئېغىرلىقى 600-1500 كىلوگرام. ئىككى مۈڭگۈزى توم ھەم ئۆتكۈر يايسىمان كېلىدۇ. يوغان باش ئۈستىدە بىر پارچە ئاق رەڭلىك دېغى بار. مۈرە قىسمى ئالدىنقى دۈمبە خۇددى ئۆسمە ئوخشاش بىر دۆڭ كۆتۈرۈلۈپ چىققان. بەدەن تۈكلىرى كۆپ قىسمى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك قارا، تۆت پۇتى تىزىنىڭ تۆۋەن بولغان قىسمى ئاق رەڭلىك، «ئاق پايپاق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئامېرىكا ياۋا كالىسى 

ئامېرىكا ياۋا كالىسىئامېرىكا ياۋا كالىسى قىشتا يۇڭى ئۇزۇن ھەم قېنىق قەھۋە رەڭلىك؛ ياز پەسلىدە بىر قەدەر يېنىك ھەم نېپىز ۋە ئاچ رەڭ. ياۋا كالىنىڭ ئېگىزلىكى 2 مېتىر كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر، ئېغىرلىقى 450-1000 كلوگىرام. بىر قەدەر ئېغىرراقى تەخمىنەن 1300 كىلوگرام، (ئەڭ چوڭ رېكورتىنى ياراتقان ئاسىيا قىتئەسى سۇ كالىسى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ بولغان بىر تۈر) گە ئۇنىڭ باش قىسمى ۋە ئالدىنقى يېرىمى غايەت زور ئەركەك ياۋا كالا، مۈڭگۈزى قىسقا ھەم ئەگرى بولۇپ، كۈرەش ۋە مۇداپىئە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ئامېرىكا ياۋا كالىسى ئادەتتە ھەر يىلى 8-9-ئايدا جۈپلىشىدۇ، كىيىنكى يىلى باھاردا تۇغىدۇ، چىشى كالىنىڭ موزاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ئۈچۈن تەخمىنەن بىر يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ياۋا كالا ئادەتتە 3 ياشتا يىتىلىدۇ، ئۆمرى 35-40 يىل.  

ئافرىقا ياۋا كالىسى

ئافرىقا ياۋا كالىسىئافرىقا ياۋا كالىسى (ئىلمىي نامى: Syncerus caffer) ئافرىقا سۇ كالىسى، يەنە ئۈمىد تۇمشۇقى سۇ كالىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1.4-1.7 مېتىر، تەن ئۇزۇنلۇقى 2.1-3.4 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 425-850 كىلوگرام، ئوتتۇرىچە ئۆمرى 15-20 يىل. ئافرىقا سۇ كالىسى ۋە ئاسىيا ياۋا كالىسى تۇغقانچىلىقى يىراق، ئۆزگىرىشىدىكى تېزلىكى ئافرىقا سۇ كالىسىنىڭ ئەجدادى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئاسىيا ياۋا كالىسى. ئافرىقىدىكى بەش چوڭ ھايۋاننىڭ بىرى، شۇنداقلا ئافرىقا يايلاقتىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغان ھايۋان. ئافرىقا سۇ كالىسى ئەڭ ئېغىرى 850 كلوگىرام.

ياۋروپا بېزون ياۋا كالىسى 

ياۋروپا بېزون ياۋا كالىسىياۋروپا بېزون ياۋا كالىسى (1627-يىلى يوقەلەپ كەتكەن)  primigenius Bos دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ياۋروپادىكى ئەڭ داڭلىق نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ياۋا كال تۈرلىرىنىڭ بىرى، ئۇلار تېنى ئىنتايىن چوڭ، 2 مىليون يىل ئىلگىرى ياۋروپا ياۋا كالىسى ھىندىستاندا تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن، كېيىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىياغا  كۆچۈپ كەلگەن، ياۋروپاغا 250 مىڭ يىل بۇرۇن يېتىپ كەلگەن.

ياۋا كالاياۋا كالا تروپىك بەلباغ، سۇبتروپىك بەلباغ تاغلىق كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان، يىڭنە يوپۇرماقلىق ۋە كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان بويلىرىدا، بامبۇكزارلىق ياكى دەرەخ شالاڭ ئوتلاق رايونلىرىدا ياشايدۇ.

ياۋا كالا كىچىك توپ بولۇۋېلىپ ئورمانلىقتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئادەتلەنگەن، ھەربىر توپتا 10 دىن ئاشمايدۇ. ئادەتتە گۇگۇم چۈشكەندە ھەرىكەت قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى كېچىسى ھەرىكەت قىلىپ، كۈندۈزى بولسا سالقىن جايدا ئارام ئالىدۇ. پۇراش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، مىجەزى ۋەھشىي بۇلۇپ، پەقەت باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، يارىلانغان ياكى ئامالسىز تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان، كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغان چاغدا ئاندىن تېخىمۇ ۋەھشىي بۇلۇپ كېتىدۇ. ئوت-چۆپ، دەرەخ يوپۇرماقلىرى، يۇمران چىۋىقلار، دەرەخ قوۋزىقى، بامبۇك يوپۇرمىقى، بامبۇك نوتىسىنى ئوزۇق قىلىدۇ.

ياۋا كالا ھەر يىلى 11-12-ئايلاردا كۈيلەپ جۈپلىشىدۇ، بۇ چاغدا ئەركەك ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان كەسكىن تالاش-تارتىشىش يۈز بەرمەسلىكتىن ساقلانماق تەس. كۈرەشتە، ئىككى تەرەپ قاتتىق مۈڭگۈزىنى قورال قىلىپ، بىر-بىرى بىلەن كۈچلۈك سوقۇشىدۇ ھەمدە يۇقىرى ئاۋازدا چۇقان سالىدۇ، ئاۋازى بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايلارغا تارقىلىدۇ. 

ياۋا كالاچىشى ھايۋانلارنىڭ بوغاز بولۇش مەزگىلى تەخمىنەن توققۇز ئايدىن كۆپرەك، ھەر بىرسى پەقەت بىرنىلا تۇغالايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ تېنىنىڭ رەڭگى سۇس قوڭۇر ياكى قىزغۇچ قوڭۇر، 2-4 ياش بولغاندا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، ئۆمرى 20-30 يىل.

كۆپ ساندىكى ياۋا كالىلار 2-5 ياشقا كىرگەندە جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، ھەر يىلى 9-12-ئايغىچە كۈيلەپ جۈپلىشىدۇ، چىشى ياۋا كالىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلى ئادەتتە 9 ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ، ھەر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ، بالىسى تۇغۇلغان يېرىم ئايدىن كېيىن باشقا ياۋا كالىلارغا ئەگىشىپ توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدۇ. ئىككىنچى يىلى يازدا ئاندىن سۈتتىن ئايرىدۇ. كالا ئۆمرى تەخمىنەن 20-45 يىل بولدۇ.

دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان دەرىجىسى: بىرىنچى دەرىجە؛ 

دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى تۈرىدە (IUCN): ئاسان خەتەرلىك؛ 

يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دەرىجىسى: يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان؛ 

يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تۈرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى (CITES): قوشۇمچە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#