تۇخۇم ئېقى پەردىسى

تۇخۇم ئېقى پەردىسى

بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ھايۋان ئۆي توخۇسى تۇخۇمىنىڭ شاكىلى بىلەن ئېقى ئارىلىقىدىكى ئىنتايىن نېپىز ئاق پەردىدىن ئىبارەت بولۇپ، جاراھەت پۈتتۈرۈش، قان توختىتىش، قۇرۇتۇش، تۇتۇش رولىغا ئېگە.

دورا نامى تۇخۇم ئېقى پەردىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 凤凰衣

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ھايۋان ئۆي توخۇسى تۇخۇمىنىڭ شاكىلى بىلەن ئېقى ئارىلىقىدىكى ئىنتايىن نېپىز ئاق پەردىدىن ئىبارەت بولۇپ، «تۇخۇم پەردىسى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاشقازان ئاقسىلى فېرمېنتى، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى، كىراتىن.

بۇ تەبىئىي بىر خىل بىيولوگىيەلىك مۇھاپىزەت پەردە بولۇپ، يارىنىڭ پۈتۈشىنى تېزلىتىش، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش، كۆيۈك جاراھەتلىرىدە تاتۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نورمال نەملىكنى ساقلاش تەسىرى بار.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

جاراھەت پۈتتۈرۈش، قان توختىتىش، قۇرۇتۇش، تۇتۇش.

ھەر خىل جاراھەت، ياللۇغلىنىش، يارا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. ئۈچ گىرام تۇخۇم ئېقى پەردىسى بىلەن كۈشتە قىلىنغان بەش گىرام تۇخۇم شاكىلىنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، ئىچى سۈرۈشكە، قۇرساق ئاغرىشقا پايدا قىلىدۇ.

2. كۈشتە قىلىنغان تۇخۇم شاكىلىدىن ئۈچ گىرام، تۇخۇم ئېقى پەردىسىدىن بىر گىرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، سىرتقى جاراھەتلەرگە سېپىپ بەرسە، جاراھەت پۈتتۈرۈپ قان توختىتىدۇ.

3. 10 گىرام تۇخۇم ئېقى پەردىسىنى 30 گىرام سۆلەپ مىسىرى بىلەن سوقۇپ تالقانلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي تۇتىدۇ.

3~10 گىرامغىچە.

توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

سۈت، ھەسەل.

تۇخۇم شاكىلى كۇشتىسى.

يۇرتىمىزدىن چىقىدۇ.

زىمادى جاراھەت.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#