شاھگۈل

شاھگۈل يەنە چوڭ گۈللۈك ئوت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گۈل ھېسابلىنىدۇ. ھىندونېزىيىنىڭ جاۋا ۋە سۇماترا قاتارلىق جايلىرىدىكى تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ئۆسىدۇ، قىياپىتى ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، ھەم يىلتىزى يوق، ھەم غولى يوق، يوپۇرمىقى تېخىمۇ يوق، ئۆسۈملۈككە زادىلا ئوخشىمايدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شاھگۈل
خەنزۇچە ئىسمى 大王花
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى راففىلىزىيە گۈلى تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى شاھگۈل ئۇرۇقدىشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Rafflesia、Corpse Flower
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى راففىلىزىيە گۈلى ئائىلىسى
باشقا ئىسمى 大花草、腐尸花、食人花

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاھگۈلشاھگۈل يەنە چوڭ گۈللۈك ئوت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گۈل ھېسابلىنىدۇ. ھىندونېزىيىنىڭ جاۋا ۋە سۇماترا قاتارلىق جايلىرىدىكى تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ئۆسىدۇ، قىياپىتى ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، ھەم يىلتىزى يوق، ھەم غولى يوق، يوپۇرمىقى تېخىمۇ يوق، ئۆسۈملۈككە زادىلا ئوخشىمايدۇ. گۈللەر ئىچىدىكى «گىگانت» بولغاچقا، ئادەتتە شاھگۈل دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ھاياتى پارازىت ياشاش بىلەن ئۆتىدۇ. بىردىنبىر بار بولغان بىر تال گۈل ساپىقى ئارقىلىق ئاق توزغاقلىق ياۋا ئۈزۈمنىڭ يىلتىزسىمان غولىغا يېپىشىۋېلىپ، شۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ ئۆزىنى باقىدۇ. 

شاھگۈلشاھگۈلنىڭ دىئامېتىرى ئەڭ چوڭلىرىنىڭ 4.1 مېتىر، ئېغىرلىقى ئومۇمەن 4 −5 كىلوگرام كېلىدۇ، ئەڭ ئېغىرلىرىنىڭ 50 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. بەش تال قىزىل رەڭلىك گۈل تاج ياپراقچىسى ھەم سېمىز، ھەم قېلىن، تەركىبىدىكى شىرنىسى ناھايىتى كۆپ، ھەربىر گۈل تاج ياپراقچىسى 30 −40 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 20 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا بولىدۇ، ئوتتۇرىسىدا ئاتىلىق-ئانىلىقلىرى ۋە گۈل شىرنىسى بولىدۇ. گۈلنىڭ مەركىزىدە يەنە يۇمىلاق ئېغىزلىق چوڭ شىرنە ئوقۇرى بار بولۇپ، دىئامېتىرى تەخمىنەن 33 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا سۇ قاچىلاشقا توغرا كەلسە، 5 −6 كىلوگرام سۇ پاتىدۇ. 

شاھگۈل دۇنيادا تەڭدىشى يوق ئەڭ چوڭ گۈل بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ رەڭگى ئىنتايىن چىرايلىق، گۈلى يېڭى ئېچىلغان چاغدا ئازراق خۇشبۇي، پۇراقلىق بولىدۇ، لېكىن 1 −2 كۈندىن كېيىنكى گۈلى خۇددى چىرىگەن گۆشكە ئوخشاش بەتبۇي پۇراق تارقىتىدۇ. لېكىن، بۇنداق سېسىق پۇراق چىۋىن، قوڭغۇزلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇنى چاڭلاشتۇرۇپ، كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ. گۈلى ھەيران قالغۇدەك چوڭ بولغىنى بىلەن ئۇرۇقى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. ئۇلار دائىم پىللارنىڭ پۇتلىرىغا يېپىشىۋېلىپ، ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    33.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#