ئەنگلىيە-گوللاندىيە ئۇرۇشى

ئەنگلىيە-گوللاندىيە ئۇرۇشى
ئەنگلىيە-گوللاندىيە ئۇرۇشى 17- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە ئارىسىدا مۇستەملىكە ۋە دېڭىز زومىگەرلىكىنى تالىشىش يۈزسىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش.

نامى ئەنگلىيە-گوللاندىيە ئۇرۇشى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار ئەنگىلىيە، گوللاندىيە
خەنزۇچە نامى 英荷战争
باش قوماندان
ۋاقتى 1652~1654؛ 1665~1667؛ 1672~1674

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنگلىيەگوللاندىيە ئۇرۇشىئەنگىلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ كۈنسايىن ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ، كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈردى. شۇ چاغدىكى ئەنگىلىيىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى «دېڭىزدىكى ھارۋىكەش» دەپ ئاتالغان گوللاندىيە ئىدى. ئەنگىلىيە كېمىلىرى بارغانلىكى جايدا گوللاندىيە ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك خەۋپلىك رىقابەتچىسى بولۇپ قالاتتى. شۇڭا ئەنگىلىيە دائىم گوللاندىيىنىڭ كۈچىنى تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق زەربىگە دۇچار قىلىپ تۇراتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك سۆھبەتلىرىدە ئەنگىلىيە گوللاندىيىگە ھەيۋە قىلىپ قىلچىمۇ يول بەرمەيتتى. ھەتتا گوللاندىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىنمۇ يانمايدىغان ئەلپازدا پەيلىنى بۇزۇپ تۇرۇۋالاتتى.

1-قېتىملىق ئۇرۇش 

ئەنگلىيەگوللاندىيە ئۇرۇشى 1651- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەنگىلىيە تىغ ئۇچى گوللاندىيىگە قارىتىلغان «دېڭىز قاتنىشى نىزامى» نى ئېلان قىلدى. گوللاندىيە ئەنگىلىيىنىڭ بۇ نىزامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. گوللاندىيە تەلىپى رەت قىلنغاندىن كېيىن، 1652- يىلى 5- ئايدا ئەنگىلىيىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، 1- قېتىملىق ئەنگىلىيە گوللاندىيە ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە ئىككى دۆلەتكە يېقىن دېڭىزدا دېڭىز ئۇرۇشى قىلغاندىن باشقا، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى، ھىندى ئوكيان، شۇنداقلا بالتىق دېڭىزى بىلەن شىمالىي دېڭىزغا تۇتاشتۇرىدىغان بوغۇزلاردىمۇ توقۇنۇشتى. ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي كېمىلىرىگە خېلى ئىلغار زەمبىرەكلەر ئورنىتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېمە سانى ۋە سۈپىتى جەھەتتىمۇ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولغاچقا، گوللاندىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا يەنە گوللاندىيىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىنىمۇ قامال قىلدى. بۇنىڭ بىلەن گوللاندىيە 1654- يىلى 4- ئايدا ۋىستمنىست تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. ئەمەلىيەتتە «دېڭىز قاتنىشى نىزامى» نى ئېتىراپ قىلدى. بىراق، ئەنگىلىيە گوللاندىيە ئۇرۇشى يەنىلا داۋاملىشىۋەردى.

2-قېتىملىق ئۇرۇش 

ئەنگلىيەگوللاندىيە ئۇرۇشى1664- يىلى ئەنگىلىييە گوللاندىيىنىڭ شىمالىي ئامرىكىدىكى مۇستەملىكىسى دېڭىز ئامستېردامنى (بۈگۈنكى نيۇ-يورك) ئىشغال قىلىپ، 2- قېتىملىق ئەنگىلىيە گوللاندىيە ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا تۈرتكە بولدى. 1665- يىلىنىڭ بېشىدا گوللاندىيە ئەنەىلىيىگە يەنە بىر قېتىم جەڭ ئېلان قىلدى. شۇ يىلىدىكى لوستوفت ئۇرۇشىدا شاھزاد جېمىس 150 ئەنگىلىيە ئۇرۇش كېمىسىگە قۇماندانلىق قىلىپ، ئوپداننىڭ قۇماندانلىقىدىكى گوللاندىيە فلوتىنى مەغلۇپ قىلدى. ئوبدان شۇ قېتىمقى جەڭدە قازا قىلدى. بىراق، كېيىن گوللاندىيە فرانسىيە، دانىيىلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى ھەمدە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ھەربىي كۈچى ئاشتى. شۇ يىلى 6- ئايدىكى دۇنكېرك دېڭىز ئۇرۇشىدا ئوۋتېر قۇماندانلىقىدىكى گوللاندىيە قوشۇنى ئەنگىلىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. بىراق، 8- ئايدا شىمالىي فورىن بۇرجىكىدە بولغان يەنە بىر قېتىملىق جەڭدە ئەنگىلىيە قوشۇنى تەرىپىدىن يېڭىلىپ قالدى. ستۇئارتنىڭ كونا سۇلالىسىنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىقىنى تىرىلدۈرۈشى نەتىجىسىدە ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتى. 1667- يىلى 6- ئايدا گوللاندىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى لوئىتنىڭ قۇماندانلىقىدىكى گوللاندىيە فلوتى تېمزا دەرياسىغا بېسىپ كىرىپ، چاتھامدا ئەنگىلىيىنىڭ 16 كېمىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. بۇ چاغدا لوندوندا ئومۇمىيۈزلۈك يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان ۋە ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنىدى، شۇڭا ئەنگىلىيە سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1667- يىلى 7- ئايدا تۈزۈلگەن بۇلېردا تىنچلىق شەرتنامىسىدە «دېڭىز قاتنىشى نىزامى» غا گوللاندىيىگە پايدىلىق تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى مۇستەملىكلىرىنى ساقلاپ قالدىغانلىقى بەلگىلەندى.

3-قېتىملىق ئۇرۇش 

ئەنگلىيەگوللاندىيە ئۇرۇشىئۈچىنچى قېتىملىق ئەنگىلىيە-گوللاندىيە ئۇرۇشى ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە ئىتتىپاق تۈزۈپ، گوللاندىيىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن پارتىلىدى. فرانسىيە پادىشاھى لۇئى 14 گوللاندىيىنى بۆلۈۋېلىشنى پىلانلىدى. ئەنگىلىيە پادىشاھى چارلىز Ⅱ مۇ گوللاندىيىگە تاجاۋۇز قىلىش غەرىزىدە ئىدى. 1672- يىلى فرانسىيە قوشۇنى گوللاندىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن ئەنگىلىيە قوشۇنى گوللاندىيە دېڭىز ئارمىيىسىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم  قىلىدى. 1673- يىلى لياۋتېرنىڭ قۇماندانلىقىدىكى گوللاندىيە فلوتى تېكىسېئىر ئەتراپىدا ئەنگىلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە فلوتىنى تارمار قىلدى. دېڭىز ئۇرۇشىدىكى ئوڭۇشسىزلىق، شۇنداقلا گوللاندىيىدىنمۇ خەۋپلىك رىقابەتچىسى بولغان فرانسىيىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان ۋەھىيمە ئەنگىلىيىنى ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىش قارارىغا كېلىشكە مەجبۇر قىلدى. 1674- يىلى ئەنگىلىيە ئۆز ئالدىغا گوللاندىيە بىلەن ۋېسمىس تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى.

تۇنجى قېتىم ئەنگلىيە، 2-قېتىم گوللاندىيە، 3-قېتىم گوللاندىيە جەڭ مەيدانى غەلىبە قىلغان.

 گوللاندىيە 1654- يىلى 4- ئايدا ۋىستمنىست تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. ئەمەلىيەتتە «دېڭىز قاتنىشى نىزامى» نى ئېتىراپ قىلدى. بىراق، ئەنگىلىيە گوللاندىيە ئۇرۇشى يەنىلا داۋاملىشىۋەردى.1674- يىلى ئەنگىلىيە ئۆز ئالدىغا گوللاندىيە بىلەن ۋېسمىس تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى.

بۇ ئۈچ قېتىملىق دېڭىز ئۇرۇشىدىن كېيىن، گوللاندىيىنىڭ دېڭىزدىكى كۈچى ئېغىر ھالدا ئاجىزلاشتى، سودىسى ۋە ئىقتىسادىي كۈچى زور دەرىجىدە ئازايدى. ئەنگىلىيە بوسا خەلقئارا سودا ۋە مۇستەملىكە تالىشىش كۈرىشى جەريانىدا پەيدىنپەي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 ئۇرۇش ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#