ۋۇخەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان، ۋۇچاڭ، خەنكۇ، خەنياڭدىن ئىبارەت ئۈچ بازار بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى قۇلايلىق، «توققۇز ئۆلكىنىڭ ئۆتىڭى» دېگەن نامى بار. شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى، ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرلىرىدىن بۇيان مۇھىم قەدىمىي شەھەر بولۇپ كەلگەن؛ سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، مەملىكەت بويىچە مۇھىم داڭلىق بازارلارنىڭ بىرى بولغان.

نامى ۋۇخەن شەھىرى
دۆلىتى جوڭگۇ
مەمۇرىي رايون شەكلى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر شەھەر
نوپۇسى 10مىليون 338مىڭ (2014-يىل)
خەنزۇچە نامى 武汉
ئۆلكىسى خۇبىي ئۆلكىسى
يەر مەيدانى 8.494 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ۋۇخەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان، ۋۇچاڭ، خەنكۇ، خەنياڭدىن ئىبارەت ئۈچ بازار بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى قۇلايلىق، «توققۇز ئۆلكىنىڭ ئۆتىڭى» دېگەن نامى بار. شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى، ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرلىرىدىن بۇيان مۇھىم قەدىمىي شەھەر بولۇپ كەلگەن؛ سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، مەملىكەت بويىچە مۇھىم داڭلىق بازارلارنىڭ بىرى بولغان. يېقىنقى زاماندىكى شىنخەي ئىنقىلابى ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى، «7-فېۋرال ئىش تاشلىشى» ، «7-ئاۋغۇست يىغىنى» قاتارلىقلار مۇشۇ يەردە يۈز بەرگەن. ھازىرغىچە ساقلانغان ئىنقىلابىي خارابىلەردىن، مەشھۇر يادىكارلىقلاردىن ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ كونا ئورنى، «7-فېۋرال ئىش تاشلىشى» يۈز بەرگەن كونا ئورۇن، «7-ئاۋغۇست يىغىنى» نىڭ ئورنى، شياڭ جىڭيۈ، شى ياڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ھەمدە شېڭشياڭ مۇنارى، خۇڭشەن مۇنارى، گۇييۈەن ئىبادەتخانىسى، خۇاڭخې(سېرىق تۇرنا) راۋىقى، دۇڭخۇ كۆلى مەنزىرىلىك رايونى قاتارلىقلار بار.

ۋۇخەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان، ۋۇچاڭ، خەنكۇ، خەنياڭدىن ئىبارەت ئۈچ بازار بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر، سۇ ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى قۇلايلىق، «توققۇز ئۆلكىنىڭ ئۆتىڭى» دېگەن نامى بار. شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى، ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرلىرىدىن بۇيان مۇھىم قەدىمىي شەھەر بولۇپ كەلگەن؛ سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، مەملىكەت بويىچە مۇھىم داڭلىق بازارلارنىڭ بىرى بولغان. يېقىنقى زاماندىكى شىنخەي ئىنقىلابى ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى، «7-فېۋرال ئىش تاشلىشى» ، «7-ئاۋغۇست يىغىنى» قاتارلىقلار مۇشۇ يەردە يۈز بەرگەن. 

ۋۇخەن شەھىرىدە  13 رايون بار ، جىئاڭئەنچۈ ، جياڭخەن رايونى ،  ، خەنياڭ رايونى ، ۋۇچاڭ رايونى ، خۇڭشەن رايۇنى  ، چىڭشەن رايونى، يەتتە مەركىزىي شەھەر رايونى  ، سەيدىئەن رايونى  ، جياڭشيا رايونى ،ئەنشەن بازىرى ، خۇاڭپى رايونى ، يېڭى قىتئە - رايونى  ، ئالتە  يېڭى شەھەر رايونى ، خەننەن رايونى . 2003 - يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 108 مەھەللە ئىش باشقارمىسى 21 بازار ، 15 يېزا ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار 3140بۇنىڭ ئىچىدە مەھەللە ئاھالە كومىتېتى 1107، كەنت ئاھالە كومىتېتى 2033 

ۋۇخەن « جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى »  ، ھەر يىلى ۋۇخەن خەلقئارا ساياھەت بايرىمى  ئۆتكۈزىدۇ ،شەھەر ئىچىدە قەدىمكى ئاسار ئەتىقىلەر 339  ، ئىنقىلابىي خاتىرە  103 ، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى 13 ، دۆلەت 5 A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى 3 ، 4 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 15 بار . ۋۇخەن تەبىئىي مەنزىرىسى ئۆزگىچە ، تۆت پەسىلىدىكى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئېنىق ئايرىلغان ،  166  كۆل ۋە تاغ تىزمىلىرى ؛ ۋۇخەن گۇمانىتارلىق مەنزىرە قويۇق ، چۇ بەگلىكى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى چىقىپ تۇرىدۇ .

ھازىرغىچە ساقلانغان ئىنقىلابىي خارابىلەردىن، مەشھۇر يادىكارلىقلاردىن ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ كونا ئورنى، «7-فېۋرال ئىش تاشلىشى» يۈز بەرگەن كونا ئورۇن، «7-ئاۋغۇست يىغىنى» نىڭ ئورنى، شياڭ جىڭيۈ، شى ياڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ھەمدە شېڭشياڭ مۇنارى، خۇڭشەن مۇنارى، گۇييۈەن ئىبادەتخانىسى، خۇاڭخې(سېرىق تۇرنا) راۋىقى، دۇڭخۇ كۆلى مەنزىرىلىك رايونى قاتارلىقلار بار.

ۋۇخەن ، جۇڭگو ئالىي مائارىپ بايلىقى ئەڭ مەركەزلەشكەن 5 چوڭ شەھەرنىڭ بىرى ، پەن - مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى مەملىكەت بويىچە چوڭ شەھەرلەر 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ .  2014 ـ يىلىغىچە ۋۇخەندە  98ئالىي  مەكتەپ بار ،  ، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ 80 گە يەتتى ، تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى باشلانغۇچ مەكتەپ 52 ،مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ 7 ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى 25 مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ،شاڭخەي بولسا  جۇڭگو بويىچە ئۈچىنچى ، ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 10726 ئادەم جۇڭگو بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . پۈتۈن شەھەردىكى بالىلار باغچىلىرى 1097 ، باغچىدىكى بالا 24001 ئادەم . باشلانغۇچ مەكتەپتە  588 مىڭ  ئوقۇغۇچىسى،ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ 365  ، ئوقۇغۇچىسى 306600 ئادەم . ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى 108 ، ئوقۇغۇچىسى 91800 ئادەم . ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر 80 گە يەتتى ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانىت 800 كىشى ، مەركىزىي ئائىلىسى ۋە مەخسۇس كۇرسقا ئوقۇغۇچى 9621 ئادەم شەھەر بويىچە يەسلى مائارىپى مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى%86.55 ، ئۇقۇش يېشىغا  يەتكەنلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى % 100 كە يەتتى ،  ئەما ، گاس ، گاچىلار ، ئەقلى ئاجىز يەتكەنلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى % 100 كە يەتتى ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى % 97.7 كە ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى % 95.33، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى كارخانىلارنىڭ % 50.9 نى ئىگەللەيدۇ. 

ۋۇخەن « دۆلەت دەرىجىلىك باغۋارانلاشقان شەھەر » ، 2014 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شەھەر بويىچە باغچا  74 كە يەتتى . بۇنىڭ ئىچىدە 68 ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى . باغچىنىڭ كۆكەرتىلگەن مەيدان  كۆلىمى 7016.89 گېكتار . كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يېشىللىق كۆلىمى 11.06كۇۋادىرات مىتىر  . قۇرۇلۇش قىلىنغان رايوننىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %39.09 . ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %27.31 . 2011 - يىل ۋۇخەن شەھىرىگە  « دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان شەھىرى » دەپ نام بېرىلدى.

ۋۇخەن

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#