ئەڭ مەشھۇر پاي چېكى سودا رېكورتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1896-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان دوۋجونېس كۆرسەتكۈچ سانىنى 1973-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى بىلەن يىغىپ ھېسابلىغاندا، 1,051.70 قا يەتكەن. بۇ، ئەڭ يۇقىرى دوۋجونېس كۆرسەتكۈچ سانى ھېسابلىنىدۇ. شۇ كۈندىكى 30 خىل پاي چېكىنىڭ كۆرسەتكۈچسانى 1,067.20 غا يەتكەن. 

ئامېرىكىنىڭ نيو-يورۇكتىكى پاي چېكى سودا بازىرىنىڭ 1929-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى توختام قىلىشقان بىر كۈنلۈك پاي چېكى 16 مىليون 410 مىڭ 30 غا يەتكەن. كىشىلەر بۇ كۈننى «قارا سەيشەنبە» دەپ ئاتاشقان. 1968-يىلى 4-ئايدابۇ رېكورت يەنە بۇزۇپ تاشلانغان. 

1929-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى دوۋ جونېس كۆرسەتكۈچ سانى 381.17 بولغان بولسا، 1929-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىستە بىر كۈن ئىچىدىلا 48.31 گە چۈشۈپ كېتىپ، كۆرسەتكۈچ سان تۆۋەنلەپ 41.22 بولۇپ قالغان. پاي چېكى قىممىتىنىڭ ئومۇمىي زىيىنى 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن 1929-يىلىدىن 1936-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا دۇنيا سودىسى 57 پىرسەنت كېمىيىپ كەتكەن. پاي چېكى قىممىتىنىڭ زىيىنى ئەڭ كۆپ بولغان يىل 1969-يىلى بولۇپ، 62 مىليارد 88 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى زىيان بولغان. 

1929-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى دوۋجونېس كۆرسەتكۈچ سانى بىر كۈندىلا 28.40 كۆپەيگەن. 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىلگىرىكى رېكورت بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، دوۋجونېسنىڭ كۆرسەتكۈچ سانى بىر كۈندىلا 32.93 كۆپىيىپ، 888.95 يەتكەن. شۇ كۈندىكى پاي چېكىنىڭ توختامدىكى سوممىسى 31 مىليون 730 مىڭ 960 پايغا يەتكەن. 

1972-يىى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا ئاپتوموبىل شىركىتى، ھەر بىرى 7.25 ئامېرىكا دوللىرى بولغان پاي چېكىدىن بەش مىليون 245 مىڭنى ساتقان. بۇ، بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ پاي چېكى سودا رېكورتى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلانغان زور بىر قېتىملىق پاي چېكى سودىسى-ئامېرىكا ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك پاي چېكىدىن 730 مىڭ 312 پارچىنى سېتىۋالغان سودا بولۇپ، ھەر بىر پاي چېكىنى 104.25 ئامېرىكا دوللىرىدىن ھېسابلىغاندا، بۇ قېتىمقى سودىنىڭ پۇلى 76 مىليون 135 مىڭ 26 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۇندىن باشقا ئىككى مىليون پارچە گرېيخوئۇند پاي چېكى سېتىش سودىسىدىن ئىككى قېتىم قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر پاي چېكى 100 فرانكتىن، گولدمان ساكش ۋە ساولومون بروتخېرستىن ئىبارەت قېرىنداش شىركەتلەرگە سېتىپ بېرىلگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#