كومپىيۇتېر

كومپيۇتېر

 ئادەم يېمەكلىك ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلايدۇ. كومپيۇتېر بولسا ئېلېكتر (توك) ئارقىلىق خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا، بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا، كىشىلەر كومپيۇتېرنى «ئېلېكترونلۇق مېڭە» مىكرو كومپيۇتېرنى «مىكرو ئېلېكترونلۇق مېڭە» دەپ ئاتايدۇ. 

ئۇيۈۇرچە نامى كومپيۇتېر
ئىنگىلىزچە نامى computer
خەنزۇچە نامى 计算机
كەشىپ قىلغۇچى يوھان فون نويمان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كومپيۇتېرچارلىس باكورچ 1791-يىلى ئەنگلىيىدە تۇغۇلغان. ئۇ تۇغما ئەقىللىق بولۇپ، 24 يېشىدىلا كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇ ماتېماتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىش جەريانىدا ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشنىڭ ئادەمنى ئىنتايىن چارچىتىۋېتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، شۇڭا بىر خىل ئىقتىدار كۈچلۈك بولغان ھېسابلاش ئەسۋابىنى ئىجاد قىلىش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلگەن.

كومپيۇتېر كەشىپ قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇ ئالىملارنىڭ نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. باكورچ كومپيۇتېرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا ئىنتايىن چوڭ تۆھپە قوشقاچقا، كىشىلەر ئۇنى: «كومپيۇتېرنىڭ ئاساسچىسى» دەپ ئاتىغان.

كومپيۇتېركومپيۇتېر كەشىپ قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇ ئالىملارنىڭ نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. ماتېماتىكا ساھەسىدىكى داڭلىق «تۆت رەڭ مەسىلىسى» كومپيۇتېردا ئىسپاتلانغان.

خەرىتە كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇمكى، خەرىتىدە قوشنا ئىككى دۆلەتنى ئىپادىلەيدىغان رەڭ ئوخشاشمايدۇ، بۇنداق رەڭ بېرىش ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئەگەر، ئۈچ قوشنا دۆلەت بولسا ئۈچ خىل رەڭ بىلەن پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بولغاندا، تۆت-بەش قوشنا دۆلەت بولسا، تۆت-بەش خىل رەڭ ئىشلىتىش كېرەكمۇ؟ 1840-يىلى گېرمانىيە ماتېماتىكى موبىئۇس، خەرىتە ھەر قانچە مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئەڭ ئاز دېگەندە تۆت خىل رەڭ بىلەنلا بارلىق ئوخشاشمىغان رايونلارنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ نەزەرىيە گەرچە رېئال ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلسىمۇ، بىراق، ئۇنى ئىسپاتلاش ئىنتايىن قىيىن، چۈنكى بارلىق مۇرەككەپ ئەھۋالنى ئېنىق ئايرىپ كۆرسىتىش بەكلا تەس ئىش. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان ماتېماتىكلار ئۇنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي كەلگەن.

1976-يىلى، ئامېرىكىلىق ماتېماتىك ئاپپېل بىلەن خاككېن كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ «تۆت رەڭ» مەسىلىسىنى ئاخىر ھەل قىلدى. ئۇنى يېىشىش جەريانىدا، كومپيۇتېر تەخمىنەن نەچچە يۈز مىليون قېتىملىق ھېسابلاش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئېلىپ بېرىپ 1200 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلغان. ئەگەر كومپيۇتېر بولمىغان بولسا، بۇنداق مۇرەككەپ ھېسابلاش جەريانىنى بىر ئادەم ئۆمۈر بويى ھېسابلاپمۇ تۈگىتەلمىگەن بولاتتى.

كومپيۇتېرئەينى چاغدا فرانسىيە ھۆكۈمىتى بەزى ماتېماتىكا جەدۋەللىرىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈۋاتقاچقا، زور مىقداردىكى سانلارنى ھېسابلاش زۆرۈر بولۇۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ماتېماتىكىلار مۇرەككەپ ھېسابلاش جەريانلىرىنى بىر قاتار ئاددىي ھېسابلاش ئۇسۇللىرىغا بۆلۈپ، ماتېماتىكىنى ئانچە چۈشەنمەيدىغان 100 دىن ئارتۇق ئايالنى ئەكېلىپ ئالدىن بەلگىلەپ قويغان تەرتىپ بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھېسابلاتقان، ئاندىن نەتىجىنى بىر-بىرلەپ يىغىنچاقلاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىگە ئېرىشكەن.

باكورچ بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، يېڭى ھېسابلاش ئەسۋابى بەك مۇرەككەپ بولمىسىمۇ، ئاددىي ئىقتىدارغا ئىگە بولسىلا بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ئالدىن تۈزۈلگەن تەرتىپ بويىچە قەدەممۇ قەدەم ھېسابلاش ئېلىپ بارغاندا، مۇرەككەپ ھېسابلاش مەشغۇلاتىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان. ھازىرقى زاماندىكى كومپيۇتېر مۇشۇ نەزەرىيىگە ئاساسەن لايىھىلەنگەن ۋە ياسالغان.

باكورچ يەنە سانلىق مەلۇماتلارنى كارتىغا خاتىرىلەشنى، يەنى كارتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا تۆشۈك ئېچىپ، شۇ ئارقىلىق ئوخشاشمىغان رەقەملەرنى ئىپادىلەشنى ئويلاپ چىققان. ھازىرقى زامان كومپيۇتېرلىرىدا ماگنىتلىق دىسكا ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، كارتىغا تۆشۈك ئېچىش ئۇسۇلى بىلەن سانلىق مەلۇماتلار كىرگۈزۈلەتتى ۋە چىقىرىپ بېرىلەتتى.

كومپيۇتېركومپيۇتېر ئاساسەن ساقلىغۇچ، ھېسابلىغۇچ، كونتروللىغۇچ، كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تۈزۈلگەن.

«ساقلىغۇچ» كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇر ساقلاش ئورنى بولۇپ، ھەر خىل پروگرامما، سانلىق مەلۇمات، ھېسابلاش نەتىجىسى قاتارلىق كومپيۇتېرغا لازىملىق ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ. «ھېسابلىغۇچ» نىڭ رولى ھېسابلاشتۇر. «كونتروللىغۇچ» بولسا كىشىلەر كىرگۈزگەن پروگرامما بۇيرۇقىغا ئاساسەن، كومپيۇتېردىكى ھەر قايسى قىسىملارنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، كونترول قىلىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى يۇقىرىقى ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ.

ھېسابلىغۇچ بىلەن كونتروللىغۇچ نەچچە مىليون مىكرو ئېلېكترونلۇق دېتالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دانە كىچىك كرېمنىي پارچىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇ ئۆزەك ياكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ. ئو كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى، شۇنداقلا كومپيۇتېرنىڭ «چوڭ مېڭىسى» .

كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسى قاتارلىق «كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى» سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزەلەيدۇ، بۇ خۇددى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى چوڭ مېڭىمىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەنكە ئوخشاش؛ پرىنتېر، ئېكران قاتارلىق «چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى» ھېسابلاش نەتىجىسىنى چىقىرىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇلار مېڭىمىزدىكى تەپەككۇرنى ئاغزىمىز ئارقىلىق سۆزلىگەنگە، قولىمىز ئارقىلىق يازغانغا ئوخشىشىدۇ. كىرگۈزۈش، چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئادەتتە كومپيۇتېر ئاساسىي ماشىنىسىنىڭ سىرتىغا ئورنىتىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار كومپيۇتېرنىڭ سىرتقى ئۈسكۈنىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

كومپيۇتېركومپيۇتېر «ئىككىلىك سىستېمىسىدىكى سان» لارنى ئوقۇپ، چۈشىنەلەيدۇ، «ئىككىلىك سىستېما بۇيرۇقلىرى» ئەڭ ئاساسىي كومپيۇتېر تىلى ھېسابلىنىدۇ.

بىز ئادەتتە سانلارنى ئىپادىلەشتە «ئونلۇق سىستېما» نى قوللىنىمىز، يەنى 0 دىن 9 غىچە بولغان ئون رەقەم ئارقىلىق سانلارنى خاتىرلەيمىز ۋە ھېسابلايمىز، ھەر ئونغا توشقاندائالدىغا بىر خانە سۈرىمىز. ئەمما، ئىككىلىك سىستېمىدا، پەقەت 0 بىلەن 1 دىن ئىبارەت ئىككىلا سان بولۇپ، ھەر ئىككىگە توشقاندا ئالدىغا بىر خانە سۈرۈلىدۇ.

كىشىلەر ئەڭ دەسلەپتە ئىككىلىك سىستېمىدىن پايدىلىنىپ پروگرامما تۈزگەن. ئىككىلىك سىستېما 0 بىلەن 1 دىنلا تۈزۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈچىنىش ئىنتايىن قىيىن، شۇڭلاشقا مۇتەخەسىسلەر نىسبەتەن ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان «ئاسسېمبىل تىلى» نى لايىھىلەپ چىقىپ، پروگرامما تۈزگەن، ئاندىن يەنە «ئاسسېمبل پروگراممىسى» نى ئىككىلىك سىستېما بۇيرۇقىغا تەرجىمە قىلىپ، كومپيۇتېردا ئىجرا قىلدۇرغان.

ھازىر، كىشىلەر تېخىمۇ ئىلغار بولغان كومپيۇتېر تىلى- «ئالىي دەرىجىلىك تىل» دىن پايدىلىنىپ پروگرامما تۈزىدىغان بولدى. كىشىلەر ئالىي دەرىجىلىك تىلنى ئىنگلىز تىلى ۋە ئارىفمېكتىكىلىق ئىپادىگە ئوخشاشلا ناھايىتى ئوڭاي چۈشىنەلەيدۇ. كومپيۇتېر «ئالىي دەرىجىلىك تىل» دىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن پروگراممىنى ئىجراقىلغاندا، شۇنىڭغا ماس «تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش پروگراممىسى» ئۇنى ئىككىلىك سىستېما بۇيرۇقىغا تەرجىمە قىلسىلا كۇپايە. ئالىي دەرىجىلىك تىلنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، دائىم ھەل بولمىغان مەسىلىلەرگە قارىتا لايىھىلىنىدۇ. ھەر بىر تۈرنىڭ خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمى ۋە شەكلى بولىدۇ، كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىن BASIC, FORTRAN, COBOL قاتارلىقلار بار.

كومپيۇتېربۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن جايلاردا كومپيۇتېرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: ماگزىن، بانكىلاردا كومپيۇتېر خېرىدارلارغا ھېسابات قىلىپ بېرىدۇ؛ كۈتۈپخانىلاردا كىتابخانلارغا ماتېرىيال ئىزدەپ بېرىدۇ؛ دوختۇرخانىلاردا كومپيۇتېر ئورنىتىلغان CT ئاپپاراتى بىمارلارنىڭ تېنىنى تەكشۈرىدۇ.  قىسقىسى، كومپيۇتېر بىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ياراملىق ياردەمچىمىزگە ئايلاندى.

كومپيۇتېر بىلەن ئادەم مېڭىسى نۇرغۇن ئوخشاشماسلىققا ئىگە. مەسىلەن، ئادەم مېڭىسى ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، كومپيۇتېرمۇ ئاۋاز، يېزىق، سۈرەت ۋە ھەر خىل ساۋاتلارنى «ئەستە قالدۇرالايدۇ» ھەمدە ئۇلارنى ساقلاپ قالالايدۇ: ئادەم مېڭىسى تەپەككۇر قىلالايدۇ، ھۆكۈم قىلالايدۇ، كومپيۇتېرمۇ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىا ئىگە بولۇپ، ھۆكۈم قىلالايدۇ، خۇلاسە چىقىرالايدۇ يەنى تېخى ھەر خىل بىلىملەرنى ئۆگىنىپ توپلىيالايدۇ، ئادەم مېڭىسى ھېساب ئىشلىيەلەيدۇ. كومپيوتېر ھەر خىل مۇرەككەپ ھېسابلارنى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ھېسابلاپ چىقالايدۇ. 

كومپيۇتېركومپيۇتېرغا ئادەم مېڭىسىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئادەم مېڭىسىنىڭ ئونىدا بەزى خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ، شۇڭا ئۇنى ئادەم مېڭىسى فۇنكىسىيىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى دېيىشكە بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارنى ستاتىستىكا قىلىش، ھۆججەت-ئارخىپلارنى رەتلەش قاتارلىق كۈندىلىك خىزمەتلەرنى كومپيۇتېر ئادەم مېڭىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەرتىپلىك، توغرا ئورۇندىيالايدۇ. ئادەم يېمەكلىك ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلايدۇ. كومپيۇتېر بولسا ئېلېكتر (توك) ئارقىلىق خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا، كىشىلەر كومپيۇتېرنى «ئېلېكترونلۇق مېڭە» مىكرو كومپيۇتېرنى «مىكرو ئېلېكترونلۇق مېڭە» دەپ ئاتايدۇ. 

كومپيۇتېركومپيۇتېرنىڭ سۆزلىيەلەيدىغانلىقىغا دائىر مىساللار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، سىز سۈرۈشتۈرۈش نومۇرى 114 نى باسسىڭىز تېلېفونىست شىركەت ئىسمىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، كومپيۇتېر ئاپتوماتىك ھالدا تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؛ تېلېفون ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى سۈرۈشتۈرسىڭىز، كۇنۇپكىلار ئارقىلىق ئۇچۇر كىرگۈزگەندىن كېيىن، كومپيۇتېر ئاپتوماتىك ھالدا ئالغان نومۇرىڭىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ؛ كومپيۇتېرنىڭ مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورنىتىلغان تولۇق ئاپتوماتىك كىرئالغۇ كىرنى يۇيۇپ بولغاندا «دىت-دىت» ئاۋاز چىقىرىپ، كىيمىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ بولغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

كومپيۇتېر نېمىشقا سۆزلىيەلەيدۇ؟ چۈنكى، ئۇنىڭغا «ئاۋاز كارتىسى» ، «تاۋۇش بىرىكتۈرۈش سىستېمىسى» قاتارلىق قاتتىق ماتېرىيال ۋە يۇمشاق ماتېرىيال ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان. ئۇلار «سۈنئىي ئېغىز» غا ئوخشاش، كومپيۇتېرنى سۆزلىتەلەيدۇ.

كومپيۇتېر تاۋۇشلارنى بىرىكتۈرۈپ، مەخسۇس لايىھىلەنگەن قۇرۇلمىغا تايىنىپ، ئادەمنىڭ ئاۋازىغا تەقلىد قىلىنغان ئاۋاز بىلەن «سۆزلىيەلەيدۇ» . تاۋۇش بىرىكتۈرۈش جەريانىدا ئۇ ئالدى بىلەن ئېھتىياجلىق تاۋۇش ئۇچىرىنى بىرىكتۈرۈپ خاتىرىلىۋالىدۇ، ئاندىن كېيىن بۇ تاۋۇشلارنڭ تەقلىدىي سىگنالىنى رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ، بەلگىلىك قانۇنىيەتكە ئاساسەن ئۇنى ماگنىتلىق دىسكا ياكى ئوپتىكىلىق دىسكا قاتارلىق ساقلىغۇچلارغا ساقلاپ قويىدۇ. «سۆزلەش» ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا، كومپيۇتېر ساقلىغۇچتىكى ماس ئۇچۇرلارنى بىۋاستە ئوقۇپ، ئۇلارنى تەقلىدىي تاۋۇش سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ ۋە ئاۋاز كارتىسى، ياڭراتقۇ، كاناي قاتارلىق تاۋۇش چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئاڭلىتىش يۇمشاق ماتېرىيالىغا تايىنىپ «سۆزلەيدۇ». شۇنىڭ بىلەن بىز كومپييۇتېرنىڭ «سۆزى» نى ئاڭلىيالايمىز.

كومپيۇتېر  كىنودىكى ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەرسىز ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىم «يۇرا دەۋرىدىكى باغچە» نى كۆرگەنمۇ؟ بۇ فىلىمدە كومپيۇتېر «ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون» تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، 60 مىليون يىل ئاۋۋالىقى قەدىمكى دىنوزاۋرلارنى «تىرىلدۈرۈپ» ، ئۇلارنى ھەقىقىي دىنوزاۋرلارغا ئايلاندۇرغان. ئۇنداقتا، بۇنداق ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەر قانداق ئىشلىنىدۇ؟

ئالاھىدە كۆرۈنۈش لايىھىلىگۈچىلەر بىرمۇنچە دىنوزاۋر مودېللىرىنى ياساپ، ئۇلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ماتېرىياللىرىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزىدۇ. كومپيۇتېر جانلىقلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تەقلىد قىلىپ، دىنوزاۋرلارنىڭ نەچچە مىڭ خىل ھالىتىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىرىدۇ، شۇنداق قىلىپ دىنوزاۋر مودېللىرى «تىرىلىدۇ» . ئاندىن كېيىن تېلېكامېرادا سۈرەتكە ئېلىنغان ھەقىقىي مەنزىرە، مەسىلەن، ئورمانلىق، ئوتلاق قاتارلىقلارنى كومپيۇتېر دىنوزاۋرنىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاماشىبىنلار ھەقىقىي دىنوزاۋرلارنى كۆرەلەيدۇ.

كومپيۇتېر يەنە «مەۋھۈم ھەقىقىي كۆرۈنۈش» شەكىللەندۈرۈشتەك ئالاھىدە ماھارەتكە ئىگە. مەسىلەن، كىنودا نەچچە 10 مىڭ ئادەمنىڭ كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىشتا، نەچچە ئون مىڭ ئارتىس تېپىش ھاجەتسىز، بۇنىڭغا 100 نەچچە ئادەم بولسىلا كۇپايە. كومپيۇتېر بۇ 100 نەچچە ئارتىسنى قايتا-قايتا كوپىيىلەپ، ئوبرازلارنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ۋە ھەرىكىتىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، 100 نەچچە ئادەمنى نەچچە ئون مىڭ ئادەمگە «ئايلاندۇرىدۇ»، شۇنىڭ بىلەن غايەت زور ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش سۈرەتكە ئېلىنىدۇ.

1. كومپيۇتېر ئاساسىي ئاپپاراتىنى قوزغاتقاندا،BIOS  ئۇچۇرى چىقسا ئاساسىي ئاپپاراتتا چوڭ چاتاق يوق، ئەگەر BIOS  ئۇچۇرى كۆرۈنمىسە چوقۇم ئاساسىي ئاپپاراتنى ئېچىش كېرەك.

2. ئەگەر ئېكران چىرىغى يانسا، لېكىن ئاساسىي ئاپپارات چىرىغى يانمىسا، شامالدۇرغۇچ ئايلانمىسا كۆپ ھاللاردا ئاساسىي ئاپپارات قوزغىتىش كۇنۇپكىسىدىكى چاتاق ياكى بولمىسا ئاساسىي تاختا (主板) توك يولى چاتاق.

3. ئەگەر ئاساسىي ئاپپارات چىرىغى پۈتۈنلەي نورمال، شامالدۇرغۇچ ئايلىنىشى نورمال، لېكىن ئېكراندا ھېچنېمە كۆرۈنمىسە BIOS نىڭ خاتالىق سىگنالىغا ئاساسەن چاتاقنى تېپىپ چىقسا بولىدۇ.

4. ئەگەر BIOS  سىگنالى نورمال بولسا ئۇ چاغدا چاتاق ئېكران سىمىدا ياكى ئېكراندا بولىدۇ.

كومپيۇتېر ئىچكى ساقلىغۇچنى تەكشۈرگەندە ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى ئەسلىدىكىسى بىلەن ئوخشىمىسا تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولۇشى مۇمكىن:

1) ئورنىتىش ياخشى ئەمەس؛

2) ئىككىدىن ئارتۇق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن، لېكىن بىر-بىرسىنى قوللىمىغان؛

3) ئاساسىي تاختا قوللىمىغان؛

4) ئىچكى ساقلىغۇچتا فىزىكىلىق خاتالىق بار؛

كومپيۇتېر قاتتىق دىسكا ۋە ئوپتىك دىسكىنى تونۇيالمىسا تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولۇشى مۇمكىن:

1. ئۇلاش ئۇسۇلى خاتا ياكى ئۇچۇر سىمىدا چاتاق بار؛

2. قاتتىق دىسكىنىڭ تەڭشەش سىمىدا چاتاق بار؛

3. قاتتىق دىسكىدىكى خاتالىق ياكىIDE ئۇلىنىش ئېغىزىدىكى خاتالىق.

Cmos نىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار:

1. ئاساسىي تاختىدىكى تەڭشەش سىمى ياكى ئاساسىي تاختىنىڭ باتارېيەسىنى ئېلىۋېتىش ئارقىلىق ئاساسلىق تاختىنىڭ توكىنى ئۈزۈش؛

2.DOS  بۇيرۇقى ئارقىلىق تازىلاش.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سان

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#