پارس قولتۇقى ئۇرۇشى

پارس قولتۇقىدىكى نېفىت بايلىقىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىراق ئىرانغا قارىتىلغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي تىغ ئۇچىنى يەنە كۇۋەيتكە قاراتتى. شۇنىڭ بىلەن 1991-يىلىدىكى «پارس قولتۇقى ئۇرۇشى» قوزغالدى. 

نامى پارس قولتۇقى ئۇرۇشى
ھەربىي كۈچ بىرلەشمە ئارمىيە : 660 مىڭ ئادەم ئىراق :860 مىڭ ئادەم
نەتىجىسى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە غەلىبە قىلدى ئىراق كۇۋەيتتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
چەتئەلچە نامى Gulf War
ئورنى پارس قولتۇقى
ۋاقتى 1990-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 1990-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە
خەنزۇچە نامى 海湾战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پارس قولتۇقى ئۇرۇشى نېفىت كۆپ چىقىدىغان پارس قولتۇقى رايونى ئەزەلدىن تارتىپلا غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر تالىشىدىغان جاي ئىدى، شۇڭا، قىسمەن ئۇرۇش بۇ يەردە دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئىراقنى بۇ رايوندىكى ھەربىي قۇدرەتلىك دۆلەت دېيىشكە بولاتتى. پارس قولتۇقىدىكى نېفىت بايلىقىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىراق ئىرانغا قارىتىلغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي تىغ ئۇچىنى يەنە كۇۋەيتكە قاراتتى. شۇنىڭ بىلەن1991-يىلىدىكى «پارس قولتۇقى ئۇرۇشى» قوزغالدى. 

1990-يىل8-ئاينىڭ2-كۈنى ئىراق زۇڭتۇڭى سادام ھۈسەيىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كۇۋەيتنى قورال كۈچى بىلەن قورشىۋالدى ھەمدە ب د ت كۇۋەيتتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى بەلگىلىگەن ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت بولغان 1991-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېيىنمۇ ئەسكەر چېكىندۈرمەي تۇرۇۋالدى. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، كانادا، سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت، بەھرەين، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق10 دۆلەت قاتناشقان ب د ت كۆپ دۆلەت قوشۇنى1-ئاينىڭ17-كۈنى ئەتىگەندە ئىراققا «قۇملۇق بورىنى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. بۇ ئۇرۇش37 كۈن داۋام قىلدى. ئارىلىقتا ئىران، ب د ت، شۇنىڭدەك قاھىرەدە ئېچىلغان ئەرەب سەككىز دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنلىرى پارس قولتۇقى كرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە پىلانلارنى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئىراق ئۇنى رەت قىلدى. 2-ئاينىڭ22-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش سادامدىن ئامېرىكىنىڭ يەتتە تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشنى رەسمىي جاكارلاشنى تەلەپ قىلدى. 23-كۈنى كەچتە بۇش كۆپ دۆلەت قىسىمىنىڭ يەر يۈزى ھۇجۇمى باشلانغانلىنى جاكارلىدى، ساداممۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئومۇمىي خەلقنى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا چاقىردى. يەر يۈزى ئۇرۇشى 100 نەچچە سائەت داۋام قىلىپ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاخىرلاشتى، ئىراق بۇ ئۇرۇشتا تۇمشۇقىغا قاتتىق يەپ، كۇۋەيتتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. سادام ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 12 تۈرلۈك قارارىنى شەرتسىز، ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 42 كۈن داۋام قىلغان پارس قولتۇقى ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. يەتتە ئاي ئىگىلىۋېلىنغان كۇۋەيت مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 3-ئاينىڭ7-كۈنى ئىراق بىلەن كۆپ دۆلەت قىسىملىرى «چۈشىنىش ئەسلىمىسى» نى ئىمزالىدى. 4-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى رەسمىي ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى.

پارس قولتۇقى ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئادەم سانى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ئىراق تەرەپنىڭ 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى تالاپەتكە ئۇچرىدى، كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغان ۋە يوقاپ كەتكەن ئادىمى تەخمىنەن 660 بولدى. بۇ قېتىمى ئۇرۇش پارس قولتۇقى رايونى ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىشلىرى ۋە بايلىقىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.

  • 1990 - يىلى ئامېرىكا برامېلي چارلاش پاراخوتى پارس قولتۇقى دېڭىز رايونىغا ئۇرۇشقا كىردى، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا بىلەن ئىراقنىڭ مۇناسىۋىتى ناچار. ئىراق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر. 
  • 1990 -يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرى ئىراق بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدا بولغان سۆھبەت توختىتىپ قۇيۇلدى، ئىراق، كۈۋەيت، چېگرا رايونىدا نۇرغۇن ئەسكەر تۇرغۇزۇلدى، سودا شېرىكىنىڭ بۇنداق ئامېرىكىنىڭ باش ئەلچىسى ئاپرىل. گىلاسىپ بىر قېتىمدا تۆت تۈردە شۆھبەتلەشتى. 
  • 1979 - يىلى ئامېرىكا ئىراق خەلقئارا تېررورچىلارنى قوللايدىغان دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا - ئىران مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ياخشىلاندى. 
  • 1989 - يىلى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام ۋېبستېر بىلەن كۇۋەيت ئالاھىدە خادىم باشلىق بىلەن كۆرۈشتى. 
  • ئىراق كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىنىڭ باياناتنامىگە ئېرىشتى دەپ جار سالدى. كېيىن ئىراق بۇ باياناتنامە ئۈچۈن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە كۇۋەيت سۇيىقەست دەپ ئىرادە بولۇش گرام ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇقىملىقنى تۈزدى.  
  • ئىراق قوراللىق بېسىۋالغان كۈۋەيت، پارس قولتۇقى كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، پارس قولتۇقى ئۇرۇشىنىڭ بىۋاسىتە ئوت پىلتىسى بولۇپ قالدى. 

پارس قولتۇقى ئۇرۇشىپارس قولتۇقى رايونىغا مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىغا ئىگە. 1990 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، دېڭىز قولتۇقى رايونىدا ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى تەخمىنەن 6مىليارد 517 مىليون تۇڭ، دۇنيانىڭ ئېنىقلانغان نېفىت زاپاس مىقدارى% 65 ، تەبىئىي گاز تەخمىنەن 24 مىڭ كۇب مېتىر ، دۇنيانىڭ تەبىئىي گاز بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ  % 13.7 نى ئىگىلەيدۇ . كۈندىلىك مەھسۇلات نىفىت 1450 مىليون تۇڭ بولۇپ ، دۇنيا نېفىت كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى % 23 ىنى ئىگىلىدى؛ ھەر كۈنى نېفىت ئېكسپورت قىلىنىشى تەخمىنەن 12 مىليون تۇڭ بولۇپ ، دۇنيا نېفىت كۈنى ئېكسپورت مىقدارى % 43 ىنى ئىگىلىدى. ئوتتۇرا شەرقتىكى بەش چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ( سەئۇدى ئەرەبىستانى ، كۇۋەيىت , ئىلاق , ئىران ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ) پارىس قولتۇقى رايونىدا. دۇنيادىكى 20 چوڭ نېفىتلىكنىڭ 11 ى پارىس قولتۇقى رايونىدا. 

ئۇرۇشقا قاتناشقان تەرەپلەر 

كۇۋەيت، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، قاتار، فىرانسىيە، كانادا، ئىتالىيە، ئاۋسترالىيە، كورىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى؛ ئىراق جۇمھۇرىيىتى.  

تەتۈر ئىسلام ئىتتىپاقى 

كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ سانى  900 مىڭ؛ تانكا 3700، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ 2000؛ برونېۋىك 5600 ؛ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 1740 ، ئامېرىكىنىڭ F_117A تىپلىق كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانىدىن 59 ىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،  52-B  تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاندىن 40 نى ؛ 247 دانە جەڭ كېمىسى ، 9 دانە ئاۋىياماتكا؛ ( ئامېرىكىنىڭ ‹‹ ساراتوگا » ناملىق ئاۋىئاماتكا ، كېننىدى » ناملىق ، « ئوتتۇرا يول ئارىلى » ناملىق ، « روزۋېلىت » ، « تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغۇچىلار » ، « ئامېرىكا » ناملىق فرانسىيەنىڭ « كلېمانسو » ناملىق ، « فوش » ۋە ئەنگلىيە « خان جەمەتى كېمىسى » ) 

ئىراق 

24 شى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلدى، ئارمىيىنىڭ ئومۇمىي ئەسكىرىي كۈچى77 شىغا يەتتى ، 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۇۋەيت ئۇرۇش رايونى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈچ مۇداپىئە لىنىيەسى بويىچە جەمئىي 42 شى  ئورۇنلاشتۇردى، تەخمىنەن 540 مىڭغا يېتىپ، تانكا 4280 دانە، زەمبىرەك 2800 ئىشىك، بىرونېۋىكلىق ئەسكەر توشۇش ئاپتوموبىلى 2800. 

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قىسىملىرى نىسبەتەن ئاز بەدەل بىلەن ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشىپ، ئىراق ئارمىيەسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئىراق ئاخىر ب د ت نىڭ 660 - نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ قوبۇل قىلىندى، ھەمدە قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#