تۈگۈنلۈك قىچىشىش

تۈگۈنلۈك قىچىشىش

تۈگۈنلۈك قىچىشىش-مۈچىلەرنىڭ سوزۇلىدىغان تەرەپلىرىگە كۆپرەك چىقىدىغان، قىزىل ياكى قوڭۇر رەڭلىك قاتتىق قىچىشىش ۋە تۈگۈنلۈك زەخىملىنىش قوشۇلۇپ كېلىدىغان بىر خىل سوزۇلما ياللۇغلىنىشلىق تېرە كېسەللىكىدۇر.

غەرب تېبابىتى نامى تۈگۈنلۈك قىچىشىش
خەنزۇچە نامى 结节性痒疹
كېسەللىك ئورنى بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىغا نىسبەتەن پۇت دۈمبىسى، پاقالچاقنىڭ سوزۇلىدىغان تەرەپلىرىدە كۆپرەك پەيدا بولىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى ھاشارات چېقىۋېلىش تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. قان خىلىتىنىڭ كۆيۈشى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدۇ.

ئۆتكۈر ھارارەت تەسىرىدە قان خىلىتىنىڭ قاىيامى قويۇلۇپ كۆيۈش ھاسىل قىلغاندا بۇ خىل ماددىنىڭ ۋەزنى مۇتلەق ئېغىر، چۆكمىگە چۈشۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغاچقا، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلما، ھۈجەيرىلىرىگە يېتىپ بېرىپ چۆكمىگە چۈشۈش نەتىجىسىدە يەرلىك ئورۇننى ئۈزلۈكسىز غىدىقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما، ھۈجەيرىلىرنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، شەكىللەندۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

2. زەڭگەر رەڭ سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

ھەر خىل ئىچكى-تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن بەدەندە زەڭگەر رەڭ سەپرا خىلىتى پەيدا بولغاندا، بۇ خىل ماددىنىڭ ئەزا، توقۇلمىلارنى، ھۈجەيرىلەرنى نابۇت قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلما، ھۈجەيرىلىرىگە بارغاندا توقۇلما، ھۈجەيرىلەرنى چىرىتىپ ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ بۇ كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

3. ھاشارات چېقىۋېلىش تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھاشارات چېقىۋېلىش تۈپەيلىدىن ھاشاراتنىڭ زەھىرى بەدەننىڭ، جۈملىدىن تېرە توقۇلما ئەزالىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. تەكرار غىدىقلىنىشقا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بۇ كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

كېسەللىك دەسلەپ قوزغالغاندا ھاشارات چېقىۋالغان ياكى غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغان ئورۇن ئاچ قىزىل ياكى توق قىزىل تەڭلىك كۆپ پۇرچاق چوڭلۇقىدا يەككە ھەم مۇستەھكەم يېرىم شار شەكىللىك تۈگۈنچىلەر پەيدا بولىدۇ. ئاندىن تۈگۈنچە يۈزى يىرىكلەپ، مۈڭگۈزلىشىپ قېلىنلاپ سۆگەلسىمان كۆپىيىدۇ. تاتىلاش سەۋەبىدىن يەرلىك ئورۇن تېرىسىدە تىرناق ئىزلىرى قېلىش، ئۈستۈنكى تېرە سۇيۇلۇش، قاناش، قاقاچ باغلاش، تۈگۈنچە ئەتراپىدىكى تېرە پىگمېنتى ئولتۇرۇشۇش كۆرۈلۈپ، رەڭگى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

بۇ كېسەل ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللاردا، بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىغا نىسبەتەن پۇت دۈمبىسى، پاقالچاقنىڭ سوزۇلىدىغان تەرەپلىرىدە كۆپرەك پەيدا بولىدۇ.

1. تۆت مۈچىنىڭ سوزۇلىدىغان تەرەپلىرىدە بولۇپمۇ پاقالچاقنىڭ سوزۇلىدىغان تەرەپلىرىدە كۆرۈنەرلىك پەيدا بولۇش، پاشا، كۈمۈتا قاتارلىق ھاشاراتلارنىڭ چېقىۋېلىش تارىخى بولۇش.

2. تېرە زەخمىسى چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قىزىل ياكى قوڭۇر رەڭلىك يېرىم شار شەكىللىك يەككە ھەم مۇستەھكەم تۈگۈنچە بولۇش، سىرتقى يۈزى يىرىكلەپ، مۈڭگۈزلىشىپ قېلىنلاشقان بولۇش، قاتتىق قىچىشىش بولۇش.

1. ئاددىي سۆگەلدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

تېرە ئەسۋىسى گۈرۈچتەك، دادۇردەك چوڭلۇقتا ياكى تېخىمۇ چوڭ مۈڭگۈز ماددا كۆپىيىش خاراكتېرلىك يېرىم شارسىمان دۆڭچە ئەسۋە بولىدۇ. جىسمى سەل قاتتىق، سىرتقى يۈزى قۇرغاق، يىرىك تەكشىسىز بولىدۇ. ئۇچى تىكەنسىمان، سېرىق ياكى جىگەر رەڭلىك بولىدۇ.

بۇ كېسەل ياش-ئۆسمۈرلەردە، پۇت-قول بارماقلىرىدا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ.

2. دۆڭچە ئەسۋىلىك يەلتاشمىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

تېرە ئەسۋىسى يۇمىلاق ياكى سوقىچاق شەكىللىك يەلتاشمىلىق دۆڭچە ئەسۋىنى ئاساس قىلىدۇ. زەخىملىنىش كۆپىنچە كېچىدە پەيدا بولۇپ، تەخمىنەن 12~2 كۈن داۋاملىشىپ ئاندىن يوقىلىپ ئورنىدا ۋاقىتلىق پىگمېنت چۆكمىسى قالىدۇ. تېرە زەخمىسى بويۇن، بىلەزۈك بوغۇمى، بەل، ساغرا، پاقالچاق قاتارلىق ئورۇنلاردا تارقاق ياكى توپ تارقىلىدۇ. بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

1. قان خىلىتىنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان بولسا قاننىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىش، قان تازىلاش چارىسى قوللىنىلىدۇ.

2. زەڭگەر رەڭ سەپرا تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى بېرىلىپ ماددا تازىلىنىدۇ.

قان خىلىتىنىڭ كۆيۈشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان بولسا، قاننىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىش، قان تازىلاش مەقسىتىدە ئىترىفىل كەشنىز كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرام، قۇرسى شاھتەررە كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5~3 دانە، قۇرسى كىبرىت كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 3~2 دانە تاللاپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەرلىك ئورۇن بابۇنە يېغى بىلەن مايلىنىدۇ.

زەڭگەر رەڭ سەپرا تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ بەدەندە ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، مەتبۇخى ھېلىلە كۈنىگە ئۈچ ۋاخ 100~50 مىللىلىتىر، 5~3 كۈنگىچە بېرىلىپ ماددا تازىلىنىدۇ. ئاندىن ئاساسىي داۋالاش دورىلىرىدىن قۇرسى شاھتەررە 30 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، ئەرقى كاسىنە 100 مىللىلىتىردىن قۇرسى كىبرىت 3~2 دانىدىن ئىككى ۋاخ تاللاپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىرتىدىن قاپاق يېغى بىلەن يەرلىك ئورۇن مايلىنىدۇ.

بۇ كېسەل مەيلى قايسى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا قىچىشىشنى يوقىتىش مەقسىتىدە ھەببى شىپاھ كۈنىگە 3~2 دانىدىن ئىككى ۋاخ بېرىش بىلەن بىرگە بابۇنە ئىككىلىلمىلىك، ئاق لەيلىگۈل، زىغىر، جۆئدە، ئوسۇڭ ئۇرۇقى، ئىسپىغۇل قاتارلىق دورىلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ زىماد تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. ئەگەر بۇ تەسىر قىلماي قالسا ئەت قالدۇرۇش مەقسىتىدە زەرنىچ بەش گرام، سالايە قىلىنغان مەدەستان بەش گرام، ۋاڭ ئۇرۇقى 15 گرام، كەت ھىندى 10 گرام، كۆپۈكى دەريا 10 گرام، كۆكتاش ئىككى گرام، يۇقىرىدىكى دورىلاردىن مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. ئەگەر يەنە ئوڭشالمىسا ئوتلۇق نەشتەر بىلەن ھەربىر تۈگۈنچىلەرنى داغلاپ لوڭقا قويۇپ قان ئېلىنىدۇ. يەرلىك ئورۇننى يۇيۇش ئۈچۈن شاھتەررە 25 گرام، خەشخاش 25 گرام، ئوسۇڭ ئۇرۇقى 15 گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 15 گرام، چۆبچىن 15 ئەرام، رەۋەن 10 گرام، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى بەش گرام، ۋاڭ ئۇرۇقى بەش گرام قاتارلىق دورىلارنى قاينىتىپ سوۋۇغاندا ئىشلىتىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=907

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=907

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#