شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区艾滋病防治条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامى» 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھازىر ئېلان قىلدۇق.

2010-يىل 7-ئاينىڭ 28-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ۋە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە جامائەت ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»، گوۋۇيۈەننىڭ «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامى»، شۇنىڭدەك ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، شۇنىڭدەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەتتىكىلەر ئورتاق قاتنىشىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىپ، تەشۋىقات-تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ، ھەرىكىتىگە ئارىلىشىش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىپ، ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش يولغا قويۇلىدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، بۇ خىزمەتنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەرىكەت پىلانى تۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى باھالايدۇ، نازارەت قىلىدۇ.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان جايلارغا مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، كۆزىتىش، غەمخورلۇق قىلىش-قۇتقۇزۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا كېتەرلىك خىراجەتلەرنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان جايلار ۋە نامرات جايلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە خىراجەت جەھەتتىن ياردەم بېرىشى كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىراجىتىنى قىسىۋېلىشىغا، تۇتۇپ قېلىشىغا، ئىشلىتىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان جايلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىپ ئېلان قىلىدۇ.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە ۋە كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىشلەيدۇ.

يېزىلىق(بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە كوچا باشقارمىلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىدۇ.

كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە مەھەللە تەشكىلاتلىرى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

7-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى، پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى، پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

8-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى كەمسىتسە بولمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نىكاھلىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

9-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، غەمخورلۇق قىلىش، قۇتقۇزۇش، پۇل، نەرسە ئىئانە قىلىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر جامائەت پاراۋانلىقى ئىشىغا قاتناشقانلارغا قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، شۇنىڭدەك مۇشۇ سەۋەبتىن كېسەل بولغان، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم پۇل ۋە نەپىقە بېرىدۇ.

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان، شۇنىڭدەك ئەيدىز ئاسانلا يۇقۇپ قالىدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا كىشىلەر ئىش ئورنى قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ.

2-باب تەشۋىقات-تەربىيە

11-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

12-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر تەشۋىقات-تەربىيەنى قانات يايدۇرىدىغان ئالاقىدار تارماق، تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇلارنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى كېرەك.

داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار خادىملارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن-نىزام، سىياسەت ۋە بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى؛ تېببىي خادىملار ئەيدىز، جىنسىي كېسەل قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كېسەل ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش جەريانىدا، داۋالانغۇچىلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

13-ماددا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتى ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت تورىدىن پايدىلىنىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىقات-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

14-ماددا رادىيو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، ئالاقە تورى قاتارلىق ۋاسىتىلەر مەخسۇس تېما ۋە سەھىپە ئارقىلىق، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانى بېرىشى كېرەك. مەدەنىيەت، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات مەمۇرىي تارماقلىرى تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

15-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسلىكىگە كىرگۈزۈشكە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەشۋىقات-تەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشكە تەشكىللىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى، مەمۇرىي ئىنستىتۇتلار ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سىياسىتىنى تەربىيەلەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

16-ماددا مىللەت-دىن ئىشلىرى مەمۇرىي تارمىقى دىنىي زاتلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىشى ھەمدە دىنىي زاتلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

17-ماددا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى، شۇنىڭدەك كەسىپ تونۇشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئەمگەك كۈچى چىقىرىشتا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى تەلىم-تەربىيە مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئىشلەمچىلەرگە ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە بولغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش ۋە بىخەتەرلىك تەربىيەسى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

18-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى، مەدەنىيەت، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سودا، ساياھەت تارمىقى قاتارلىق تارماقلار سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ماسلىشىپ قونۇش، يۇيۇنۇش، كۆڭۈل ئېچىش، ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تىجارەتلىك جامائەت سورۇنلىرىدىكى باشقۇرغۇچىلار ۋە كەسىپكارلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە تەلىم - تەربىيە بېرىشى كېرەك.

19-ماددا ئالاقىدار تارماقلار ۋە تەشكىلاتلار پەن-تېخنىكىنى، مەدەنىيەتنى، سەھىيەنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرى تەشۋىقات-تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىقات-تەربىيە فىلىملىرىنى قويۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.

20-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، سولاقخانا، توختىتىپ قويۇش ئورنى، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى ۋە تۈرمە، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنى قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان كىشىلەرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرى بويىچە تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

21-ماددا ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يەككە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار شۇ ئورۇندىكىلەرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرى بويىچە تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە مەھەللە تەشكىلاتلىرى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىسى (شەھەر ئاھالىسى) ۋە سىرتتىن كەلگەنلەرگە بولغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرى بويىچە تەشۋىقات-تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەك.

3-باب كۆزىتىش ۋە باشقۇرۇش

22-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەيدىزنى كۆزىتىش تورى ۋە ئۇچۇر مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

23-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىزنى كۆزىتىش پىلانى ۋە خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك. ئوبلاست(شەھەر، ۋىلايەت)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىزنى كۆزىتىش پىلانى ۋە لايىھەسى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەيدىزنى كۆزىتىش پىلانى ۋە خىزمەت لايىھەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئەيدىزنى كۆزىتىش ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئۆزگىرىش ۋە تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ.

كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى شۇ رايوندا ئەيدىزنىڭ پەيدا بولۇش، تارقىلىش ئەھۋالىنى ۋە پەيدا بولۇش، تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى كۆزىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە تارقىلىش يۆنىلىشىنى تەھلىل قىلىشى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنى تارقىلىشچان كېسەللىك بويىچە تەكشۈرۈشى، ئارخىپ تۇرغۇزۇشى، يوقلاپ تۇرۇشى كېرەك.

چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغانلاردا ئەيدىز كېسىلى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

24-ماددا ئەيدىز تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى، ئەيدىزلەر تەجرىبىخانىسى دۆلەت بەلگىلىگەن تەكشۈرۈش تېخنىكا قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى كېرەك.

25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئەيدىزدە ئىختىيارىي مەسلىھەت سورايدىغان، تەكشۈرتىدىغانلارغا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىشى ۋە ئۇلارنى تەكشۈرۈپ قويۇشى ھەمدە مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئادرېسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

تەكشۈرۈشتە، راسىت ئىسىم تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. تەكشۈرۈشتە بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرىگە مەسلىھەت بېرىش ۋە ئۇلارنى يۆتكەپ داۋالاش كېرەك.

26-ماددا پۇقرالارنىڭ نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن ئەيدىزنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشىگە، تېببىي جەھەتتىن مەسلىھەت سورىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان جايلاردىكى پۇقرالار نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن ئەيدىزنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشى، تېببىي مەسلىھەت سورىشى كېرەك.

27-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئەيدىز بويىچە ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويۇشى ھەمدە تېببىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

28-ماددا مېھمانخانىلار، مۇنچا، پەردازخانا، ساتىراشخانا ۋە تاماشىخانا قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىنىڭ خېرىدارلارغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلغۇچىلىرى ھەر يىلى سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، ساغلاملىق ئىسپاتى ئېلىشى كېرەك. سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ئەيدىزنىمۇ تەكشۈرتۈشى كېرەك.

باشقۇرغۇچىلار ساغلاملىق ئىسپاتى بولمىغانلارنى خېرىدارلارغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلدۇرسا بولمايدۇ.

29-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئەيدىزنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى شۇ كىشىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى؛ تەكشۈرتكەنلەر ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن بولسا، نەتىجىسىنى ئاتا-ئانىسى ۋە ۋەسىيلىرىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى يۇقۇملانغانلىقى ياكى كېسەل بولغانلىقىنى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلارغا ۋاقتىدا ئېيتىپ قويمىسا، ئۇلار تۇرۇشلۇق جايدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى شۇ كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ئېيتىپ قويسا ھەمدە تېببىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.

30-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ يۇقۇم ئۇچۇرىنى بەلگىلەنگەن مەزمۇن، تەرتىپ، ئۇسۇل بويىچە ۋە ۋاقىت چېكىدە توردا بىۋاسىتە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماققا ئەيدىز يۇقۇمىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئەيدىز يۇقۇمىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

31-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى، مەھەللە تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى، شۇ كىشىنىڭ ياكى ۋەسىيسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئاشكارىلىماسلىقى كېرەك.

4-باب ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش

32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ۋە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى مەھەللىدە دورا بىلەن قامداپ داۋالاش، پاكىز ئوكۇل-سايمان ئالماشتۇرۇش شۇنىڭدەك گاندون ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

33-ماددا مېھمانخانىلارنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن باشقا جامائەت سورۇنلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ تىجارەت سورۇنىغا گاندون قويۇشى ياكى گاندون بېرىش، سېتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار بىلەن بىرلىكتە جامائەت سورۇنىغا گاندون قويۇش ياكى گاندون بېرىش، سېتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

34-ماددا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز كېسەللىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىغا گاندوننى ھەقسىز بېرىشى كېرەك.

35-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە، دورا نازارەتچىلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى پائال ماسلىشىپ، زەھەر چەككۈچىلەر بىر قەدەر مەركەزلەشكەن جايلاردا مەھەللىدە دورا بىلەن قامداپ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە پاكىز ئوكۇل-سايمان ئالماشتۇرۇش خىزمەت پونكىتى(نۇقتىسى)نى قۇرۇشى كېرەك. شۇ جايدىكى يېزىلىق(بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كوچا باشقارمىلىرى زەھەر چەككۈچىلەرگە تەشۋىق قىلىش ۋە ياردەم-تەربىيە بېرىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىشى كېرەك.

36-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن مەشغۇلات قائىدىسى ۋە دېزىنفېكسىيە باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆلچەملىك مۇداپىئە پىرىنسىپى بويىچە مەشغۇلات قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى؛ تېرىنى، شىللىق پەردىنى زېدە قىلىش ئېھتىمالى بولغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىشى ھەمدە داۋالاش تاشلاندۇقىنى گوۋۇيۈەننىڭ «داۋالاش تاشلاندۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى، ئەيدىزنىڭ دوختۇرخانىدىن يۇقۇشى ۋە تېببىي مەنبەدىن يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ئەيدىز تەجرىبىخانىلىرى دۆلەتنىڭ باكتېرىيە(ۋىرۇس)نىڭ ۋە تەجرىبىخانىدىكى جانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەجرىبىخانىدىن يۇقۇملىنىش ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

37-ماددا قان ئېلىش-بېرىش ئاپپاراتلىرى ئالغان ئادەم قېنى، قان پىلازمىسىنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان ئادەم قېنى ۋە قان پىلازمىسىنى داۋالاش ئاپپاراتى ۋە قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلارغا بېرىشكە بولمايدۇ.

قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلار ماتېرىيال قان پىلازمىسىنى ئىشلەشتىن بۇرۇن، ھەر بىر قان پىلازمىسىنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ياكى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان قان پىلازمىسىنى ماتېرىيال قان پىلازمىسى قىلىپ ئىشلەشكە بولمايدۇ.

داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى جىددىي قان لازىم بولغاندا، دەمال ئېلىنغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشى، كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېنىقلىشى كېرەك؛ ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن، ئېنىقلانمىغان ياكى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان قاننى ئېلىشقا ياكى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

38-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش تېخنىكا خادىملىرى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان خادىملارغا مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى بېرىشى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ياكى يۇقۇملىنىپ قالغانلارغا مۇداپىئە تەدبىرى ياكى قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش تېخنىكا خادىملىرى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلارغا كېرەكلىك جىددىي مۇداپىئە دورىسىنى ساقلاش نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ، مۇداپىئە دورىلىرىنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

39-ماددا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ داۋالىشى ۋە تېببىي يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىش؛

(2) كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى ياكى چېگرادىن كىرىدىغان-چىقىدىغانلارنى پىرىيوم-كارانتىن قىلىش ئاپپاراتىنىڭ ئېپىدىمىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشى ۋە يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىش؛

(3) كېسەل كۆرسەتكەندە يۇقۇملانغانلىقى ياكى كېسەل بولغانلىقىنى دوختۇرغا ئەينەن ئېيتىش؛

(4) يۇقۇملانغانلىقى ياكى كېسەل بولغانلىقىنى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئېيتىش؛

(5) زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىپ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ ئەيدىز باھانىسى بىلەن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىشىغا، باشقىلارنى قورقۇتۇشىغا ۋە ئەيدىزنى ھەر قانداق يول بىلەن قەستەن يۇقتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5-باب داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش

40-ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن ئەيدىزنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاش ئۆلچىمىگە توشىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

داۋالاش ئاپپاراتلىرى كېسەل كۆرسەتكۈچىلەردىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىرىنىڭ ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ باشقا كېسىلىنى داۋالاشنى باشقىلارغا ئىتتىرىشىگە ياكى رەت قىلىشىغا بولمايدۇ.

41-ماددا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى پىرىنسىپ جەھەتتە ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق جايدا كېسەل كۆرسىتىدۇ، داۋالىنىدۇ ۋە قۇتقۇزۇلىدۇ.

42-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرىغا تۇغۇتتىن بۇرۇن يېتەكچىلىك قىلىش، دورا ئارقىلىق ۋىرۇس مەنبەسىنى ئۈزۈش، داۋالاش، تۇغۇتتىن كېيىن يوقلاش، بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرۇش، كۆزىتىش، ئوزۇقلىنىشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتلەردە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

43-ماددا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ياردىمىدە سولاقخانا، توختىتىپ قويۇش ئورنى، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى ۋە تۈرمە، ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنى قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلار ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالىشى؛ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن بوشىتىلغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

44-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا، تۆۋەندىكى غەمخورلۇق قىلىش، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك:

(1) يېزىلاردىكى ئەيدىز كېسەللىرى ۋە شەھەر، بازارلاردىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز كېسەللىرىگە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ھەقسىز بېرىش؛

(2) يېزا ۋە شەھەر، بازارلاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللىرىدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىرىنىڭ پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشقا قارشى دورا پۇلىنى مۇۋاپىق ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش؛

(3) ئەيدىز بويىچە مەسلىھەت سورايدىغان، تەكش−ۈرتىدىغانلارغا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە ئۇلارنى دەسلەپتە ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويۇش؛

(4) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەقسىز داۋالاش ۋە ئۇلارغا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش.

45-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيدىز دورىسىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز كېسەللىرىنى داۋالاش ۋە تەكشۈرۈش خىراجىتىدىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا مۇندەرىجىسى دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىرىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئائىت سىياسەت-بەلگىلىمىلەر بويىچە چىقىم قىلىپ بېرىش كېرەك.

46-ماددا خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قۇتقۇزۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تۇرمۇش قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىشى كېرەك.

خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئەيدىز بولۇش سەۋەبىدىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى شۇ جاينىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەن شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنى شەھەر، بازارلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى؛ يېزىلاردىكى ئەيدىز بولۇش سەۋەبىدىن ئائىلىسىدە تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلارنى قىيىنچىلىقى ئېغىرلارنى قۇتقۇزۇش ئوبيېكتى قىلىشى كېرەك.

خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ياشانغانلاردىن تىرىكچىلىك يولى بولمىغان ۋە ئەيدىز سەۋەبىدىن يالغۇز قالغانلىرىنى شەھەر، بازارلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە ياكى يېزىلارنىڭ بەشتە كاپالەتلەندۈرۈپ بېقىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى ھەم قۇتقۇزۇش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، بېقىۋېلىش، ئائىلىدە باقتۇرۇش، پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىغا باقتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ياشانغانلاردىن ئەيدىز سەۋەبىدىن يالغۇز قالغانلىرىنى بېقىۋالغان ۋە قوبۇل قىلغان ئائىلىلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

47-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلاردىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرى ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ ئەيدىز تارقىلىش ۋە يامراش ئاقىۋىتى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

48-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ئەيدىز تارقىلىش ۋە يامراش ئاقىۋىتى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ھەم ئالاقىدار ئاپپارات ياكى جاۋابكار خادىمنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) ئەيدىزنى كۆزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار؛

(2) ئەيدىز يۇقۇمىنى مەلۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغان ياكى ئەيدىز يۇقۇمىنى يوشۇرغان، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلغان، يالغان مەلۇم قىلغانلار؛

(3) ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە دەسلەپتە ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى ئەيدىزنى تەكشۈرۈشتە ساختا مەلۇمات بەرگەنلەر؛

(5) دەمال ئېلىنغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرمىگەن، كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان قاننى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېنىقلىمىغان ياكى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان قاننى كىلىنىكىدا ئىشلەتكەنلەر؛

(6) ئۆلچەملىك مۇداپىئە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلماي ياكى مەشغۇلات قائىدىسى ۋە دېزىنفېكسىيە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلماي، ئەيدىزنى دوختۇرخانىدا يۇقتۇرۇپ قويغان ياكى تېببىي مەنبەدىن يۇقتۇرۇپ قويغانلار؛

(7) شۇ كىشىنىڭ ياكى ۋەسىيسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز كېسەللىرى، شۇنىڭدەك ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئۇچۇر ماتېرىيالىنى مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرگە ئاشكارىلاپ قويغانلار؛

(8) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنى داۋالاشنى باشقىلارغا ئىتتىرگەن، رەت قىلغانلىرى؛

(9) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرىغا ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

49-ماددا قان ئېلىش-بېرىش ئاپپاراتلىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ئەيدىز تارقىلىش ۋە يامراش ئاقىۋىتى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ھەم قان ئېلىش-بېرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) ئېلىنغان ئادەم قېنى، قان پىلازمىسىنى ئەيدىز بويىچە تەكشۈرمىگەن ياكى ئادەم قېنى ۋە قان پىلازمىسىنىڭ تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئېلىۋەرگەنلەر؛

(2) ئەيدىز بويىچە تەكشۈرۈلمىگەن ئادەم قېنى، قان پىلازمىسى ياكى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان ئادەم قېنى، قان پىلازمىسىنى داۋالاش ئاپپاراتى ياكى قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلارغا بەرگەنلەر.

قانۇنسىز قان ئالغان ياكى باشقىلارنى قان سېتىشقا تەشكىللىگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

50-ماددا قان پونكىتلىرى، قان پىلازمىسى پونكىتلىرى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە قان ياسالمىسى ئىشلىگۈچى ئورۇنلاردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇپ قويغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

51-ماددا داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن ئۆز ئورنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بۇلغانغان نەرسىلەر ۋە داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دېزىنفېكسىيە قىلمىغان ياكى زىيانسىزلاندۇرمىغانلىرىغا گوۋۇيۈەننىڭ »داۋالاش تاشلاندۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى«دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

52-ماددا مېھمانخانا، مۇنچا، پەردازخانا، تاماشىخانا قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن ساغلاملىق ئىسپاتى ئالمىغانلارنى خېرىدارلارغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلدۇرغانلىرىنى، مېھمانخانىلارنىڭ، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن باشقا جامائەت سورۇنلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن تىجارەت سورۇنىغا گاندون قويمىغان ياكى گاندون بېرىش، سېتىش ئۈسكۈنىسى ئورناتمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلىرىنى تېجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ.

53-ماددا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خادىملاردىن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرگە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇر-ماتېرىيالىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىغا مەسئۇل تارماق مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

54-ماددا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز كېسەللىرىدىن ئەيدىز باھانىسى بىلەن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقارغان، باشقىلارنى قورقۇتقان ۋە ئەيدىزنى قەستەن يۇقتۇرغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» بويىچە جازا بېرىدۇ، زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

55-ماددا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغان، توسقانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

56-ماددا بۇ نىزام 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/7153513.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#