سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا تەشكىلاتى بولۇپ، 1925-يىلى قۇرۇلغان، جەمئىيەت تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق جەمئىيەتكە قاتناشقان پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي بىلىملىرىنى ئىقتىسادنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەرپ قىلغان. جەمئىيەت پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى مۇستەھكەملىشى ۋە بېيىتىشى، سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن ھەم ئۇلارنى ئىلىم ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى پۈتۈن سوۋېت پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى كېڭەش يىغىنى بولۇپ، قارىمىقىدا خىزمەت كومىتېتى ۋە تارماق ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. «پەن ۋە تېخنىكا» ژۇرنىلى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىناتتى.
جەمئىيەت قارىمىقىدىكى سوۋېت تاشقى دوستلۇق ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى بىرلەشمىسى 40 نەچچە دۆلەتتىكى جەمئىيەت بىلەن ئالاقە باغلىغان ۋە 120 نەچچە دۆلەت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغان. بۇ جەمئىيەت قارىمىقىدىكى دوستلۇق جەمئىيىتىدىن بىرىگە قاتناشسىلا، موسكۋا كالىنىن كوچىسىغا جايلاشقان دوستلۇق سارىيىدىكى ئېسىل كۇلۇبىنىڭ زال ۋە رېستورانلىرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغاچقا، بۇ جەمئىيەت ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.