چىڭگىل ناھىيەسى

چىڭگىل ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئېتكىگە جايلاشقان.

ئىسمى چىڭگىل ناھىيەسى
ئۇمۇمى يەر كۈلىمى 15 مىڭ 579.5 كۋادرات كىلومېتىر
تەۋەلىكى جوڭگۇ شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى
نۇمۇر تاختىسى 新H
پوچتا نۇمۇرى 836200
خەنزۇچە ئىسمى 青河县
نوپۇسى 60 مىڭ 470 (2013-يىل)
ھاۋ كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ.
رايون نۇمۇرى 0906
رايون كودى 654325

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىڭگىل ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرقىي بىلەن شىمالىي تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ(چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 152 كىلومېتىر) . غەربىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى گۇچۇڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئۇزۇنلۇقى 218 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربقىچە بولغان كەڭلىكى 97 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ 579.5  كۋادرات كىلومېتىر.


 چىڭگىل ناھىيىسىگە 1 بازار، 5 يېزا، 48 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شىسىنىڭ مۇستەقىل يېڭى بار.ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 534 كىلومېتىر،2013-يىلىدىكى نوپۇسى 60 مىڭ 470 .

 چىڭگىل ناھىيىسى چىن ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈرلەرگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىيەنلۇڭ 28-يىلى(1963-يىلى) قۇندۇ مەسلىھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 30-يىلى(1904-يىلى) ئالتاي خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 26-يىلى(1937-يىلى) چىڭگىل باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 30-يىلى(1941-يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ ناھىيە قىلىنىپ، چىڭگىل ناھىيىسى دەپ ئاتالغان. 6-مەمۇرىي رايون ۋە ئاشەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تاغلىق، تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىق، ئېدىرلىق ۋە چۆللۈككە ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى %61.3 نى، ئېدىرلىق% 19.5 نى، تۈزلەڭلىك% 19.2 نى، تەشكىل قىلىدۇ. چوڭ چىڭگىل، كىچىك چىڭگىل، چاڭقان، بۇلغۇنلۇق، ئۇلۇڭگۈر قاتارلىق دەرياسى بار.

يەر ئۈستى سۇ بايلىقى

 يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 854 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۇ مىقدارى 153 مىليون كۇب مېتىر.

ياۋايى ھايۋان بايلىقى

قۇندۇز، سۆسۈن بۇلغۇن، ياۋا ئېشەك، يىلپىز، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكتىن چاكاندا، قانتېپەر، چۈچۈكبۇيا، مېھرىگىياھ، قارلەيلىسى، ئاۋېي، بۇغا مۈڭگۈزى، دىڭىزىيا، ئۇچار چاشقان مايلىقى قاتارلىقلار بار.

قىزىلما بايلىقلىرى 

كۆمۈر، مىس، ئالتۇن، قەلەي، تۆمۈر، نېكىل، كۈمۈش، قوغۇشۇن، چىرىمتال، سېرپېنتىن، بېرىل، لېتىي تېشى، فوسفورلۇق تاش، دال شىپاتى، سۈرمە تاش، خرۇستال قاتارلىقلار بار. 

چىڭگىل ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 0.2-ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرىسى 34.5، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 49.7-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3157.5 سائەت، 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 1983.9. قىروسىز مەزگىلى 72 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 162.4 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1475.6 مىللىمېتىر.

بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 8500 گېكتار(127 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 42 مىڭ 500 گېكتار(637 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، 16 مىڭ 700 گېكتار(250 مىڭ مو) چاتقاللىق، 1 مىليون 552 مىڭ 700 گېكتار(23 مىليون 290 مىڭ مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇقى قويى، شەرقىي شىمالنىڭ نەسلى ياخشىلانغان تىۋىتلىك ئۆچكىسى ۋە كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. دېقھانچىلىقتا بۇغداي تېرىشنى ئاساس، قىچا، ئاق پۇرچاق، كۆممىقوناق تېرىشنى قوشۇمچە قىلىدۇ. سانائىتىدىن خۇرۇمچىلىق، ياغاچچىلىق، پولات ماتېرىيال، چارۋا مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئالتۇن قېزىش قاتارلىقلار بار.

بۇ ناھىيىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 228-، 320-لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىىە، يېزا ئاسفالىت يولى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان. ئوپتىكلىق خەۋەرلىشىش ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ ناھىيىدىكى تايكەشكىن ئېغىزى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا قىلىشىدىكى مۇھىم يولىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ

قەدىمكى قىيا تاش رەسىمىرى، تاش ئادەم سۈرىتى، ساندۇخەيزى قەدىمكى قەبرىستانلىقى، قەدىمىي ياغاچتىن ياسالغان يول، كوكۈي بۇتخانىسى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن چوڭ-كىچىك چىڭگىل دەرياسى تەبىئىي مەنزىرە رايونى، بۇلغۇنقول قوندۇز مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىقلار بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#