ھاۋالە قانۇنى

ھاۋالە قانۇنى

2001-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى ھاۋالە قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国信托法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھاۋالە قانۇنى(2001-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللاندى) 

1-باب ئومۇمىي قائىدە 

1-ماددا بۇ قانۇن ھاۋالە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، ھاۋالە ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھاۋالىگە ئالاقىدار تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھاۋالە ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2-ماددا بۇ قانۇندا دېيىلگەن ھاۋالە-ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىغا بولغان ئىشەنچىسىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، ئۆز نامىدا پايدا ئالغۇچىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ياكى ئالاھىدە مەقسەتتە ئېلىپ بارغان باشقۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى، پايدا ئالغۇچى(تۆۋەندىكى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ھاۋالىگە ئالاقىدار تەرەپ دېيىلىدۇ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىندا ھەق تەلەپ ئىشلىرى، تىجارەت ئىشلىرى، جامائەت پاراۋانلىققا دائىر ئېلىپ بارغان ھاۋالە پائالىيەتلىرىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

4-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە پائالىيىتى بىلەن ھاۋالە ئاپپاراتى شەكلىدە شۇغۇللانماقچى بولسا، ئۇنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ. 

5-ماددا ھاۋالىگە ئالاقىدار تەرەپ ھاۋالە پائالىيىتى بويسۇنۇشى، ئىختىيارىي بولۇش، ئادىل بولۇش ۋە سەمىمىي-ئىشەنچىلىك بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى شەرت، دۆلەت دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشقا بولمايدۇ.

2-باب ھاۋالىنىڭ تەسىس قىلىنىشى

6-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىشتا قانۇنلۇق ھاۋالە مەقسىتى بولۇشى شەرت.

7-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىشتا ئېنىق بەلگىلەنگەن ھاۋالە قىلىنىدىغان مال-مۈلۈك بولۇش ھەمدە ھاۋالە قىلىنىدىغان شۇ مال-مۈلۈك ھاۋالە قىلغۇچى قانۇنلۇق ئىگىدارلىق قىلىدىغان مۈلۈك بولۇشى كېرەك. 

بۇ قانۇندا دېيىلگەن مال-مۈلۈك قانۇنلۇق مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

8-ماددا ھاۋالە يازما شەكىلدە تەسىس قىلىنىشى لازىم. 

يازما شەكىل ھاۋالە توختامى، ۋەسىيەتنامە ياكى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا يازما ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاۋالە توختام شەكلى بويىچە ھاۋالە تەسىس قىلىشتا، ھاۋالە توختامى تۈزۈلگەندە ھاۋالە شەكىللىنىدۇ. باشقا يازما شەكىل بويىچە ھاۋالە تەسىس قىلىشتا، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالىغا ماقۇل بولغاندا ھاۋالە شەكىللىنىدۇ. 

9-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىشتا ئۇنىڭ يازما ماتېرىياللىرىدا تۆۋەندىكى ئىشلار ئېنىق يېزىلىشى لازىم:

(1) ھاۋالە مەقسىتى؛ 

(2) ھاۋالە قىلغۇچى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى نامى، تۇرار جايى؛ 

(3) پايدا ئالغۇچى ياكى پايدا ئېلىش دائىرىسى؛ 

(4) ھاۋالە قىلىنىدىغان مال-مۈلكنىڭ دائىرىسى، تۈرى ھەمدە ئەھۋالى؛ 

(5) پايدا ئالغۇچىنىڭ ھاۋالە مەنپەئىتىگە ئېرىشىش شەكلى ۋە ئۇسۇلى.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئىشلاردىن باشقا ھاۋالە مۇددىتى، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىغا بېرىلىدىغان ھەق، يېڭى ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچىنى ۋەزىپىگە تاللاش ئۇسۇلى، ھاۋالىنى ئاخىرلاشتۇرۇش سەۋەبى قاتارلىق تۈرلەر ئېنىق يېزىلسىمۇ بولىدۇ. 

10-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىشتا ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى قانۇن بويىچە تىزىملاش لازىم. 

ھاۋالىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاتقانلار تىزىملاش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىشى لازىم، تولۇقلاپ بېجىرمىگەنلەرنىڭ ھاۋالىسى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

11-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن ھاۋالە ئىناۋەتسىز:

(1) ھاۋالە مەقسىتى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ بولسا ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە زىيانلىق بولسا؛

(2) ھاۋالە قىلىنىدىغان مال-مۈلۈك ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولسا؛ 

(3) ھاۋالە قىلغۇچى قانۇنسىز مال-مۈلۈك بىلەن ياكى بۇ قانۇندا ھاۋالە تەسىس قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن مال-مۈلۈك بىلەن ھاۋالە تەسىس قىلىغان بولسا؛ 

(4) مەخسۇس دەۋا قىلىش ياكى قەرزنى سۈيلەش مەقسىتىدە ھاۋالە تەسىس قىلغان بولسا؛ 

(5) پايدا ئالغۇچىنى ياكى پايدا ئالغۇچىنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىكىلى بولمىسا؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار؛

12-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە تەسىس قىلىشتا، ئۆز ھەقدارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىگە بۇ ھاۋالىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق. 

خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ھاۋالىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتسە، ياخىشى نىيەتلىك پايدا ئالغۇچىنىڭ ھاۋالىدىن بۇرۇن ئېرىشكەن مەنپەئىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ. 

مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى ھەقدارنىڭ ھاۋالىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە يۈرگۈزۈلمىسە، يوققا چىقىرىلغان بولىدۇ. 

13-ماددا ۋەسىيەت ھاۋالىسىنى تەسىس قىلىشتا ۋارىسلىق قانۇنىدىكى ۋەسىيەتكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش لازىم. 

ۋەسىياتنامىدە بەلگىلەنگەن كىشى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى بولۇشنى رەت قىلسا ياكى ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچى بولۇشقا قۇربى يەتمىسە، پايدا ئالغۇچى ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچىنى قايتىدىن تاللاپ تەيىنلەيدۇ؛ پايدا ئالغۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن ئادەم بولسا، قانۇن بويىچە ئونىڭ ھامىيسى ۋاكالىتەن تاللاپ تەيىنلەيدۇ. ۋەسىيەتنامىدە ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنى تاللاپ تەيىنلەشتە باشقا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە بويسۇنۇلىدۇ.

3-باب ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك 

14-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئىگە بولغان مال-مۈلۈك ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك دېيىلىدۇ. 

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش-ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ياكى باشقا ئەھۋاللار ئارقىلىق ئېرىشكەن مال-مۈلۈكمۇ ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈككە تەۋە بولىدۇ. 

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئوبوروت قىلىش مەنئى قىلىنغان مال-مۈلۈك ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك بولمايدۇ. 

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئوبۇروت قىلىشقا چەك قويۇلغان مال-مۈلۈك قانون بويىچە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك بولسا بولىدۇ. 

15-ماددا ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە تەسىس قىلمىغان باشقا مال-مۈلۈكتىن پەرقلىنىدۇ. ھاۋالە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ھاۋالە قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى قانون بويىچە تارقىتىۋېتىلگەنلىكى، بىكار قىلىۋېتىلگەنلىكى، ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندا، ھاۋالە قىلغۇچى بىردىنبىر پايدا ئالغۇچى بولسا، ھاۋالە توختىتىلىدۇ، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ئۇنىڭ مىراسى ياكى ئېنىقلانغان مال-مۈلكى قىلىنىدۇ؛ ھاۋالە قىلغۇچى بىردىنبىر پايدا ئالغۇچى بولمىسا، ھاۋالە داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىدۇ، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ئۇنىڭ مىراسى ياكى ئېنىقلانغان مال-مۈلكى بولمايدۇ؛ ئەمما ئورتاق پايدا ئالغۇچى بولغان ھاۋالە قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىلگەنلىكى، بىكار قىلىۋېتىلگەنلىكى، ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندا، ئۇنىڭ ھاۋالىگە ئاساسەن پايدا ئېلىش ھوقۇقى ئۇنىڭ مىراسى ياكى ئېنىقلانغان مال-مۈلكى قىلىنىدۇ. 

16-ماددا ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك بىلەن ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئىگىدارلىقىغا تەۋە مال-مۈلۈك(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆزىگە خاس مۈلۈك دېيىلىدۇ) ئۆز ئارا پەرقلىنىدۇ، ئۇنى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس مۈلكىگە تەۋە قىلىشقا ياكى ئۆزىگە خاس مۈلۈكنىڭ بىر قىسمى قىلىشقا بولمايدۇ. 

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىلگەنلىكى، بىكار قىلىۋېتىلگەنلىكى، ۋەيران بولغانلىقى جاكارلىنىپ توختىتىلغاندا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ئۇنىڭ مىراسىغا ياكى ئېنىقلانغان مال-مۈلكىگە تەۋە بولمايدۇ.

17-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدىن باشقا ئەھۋاللاردا مال-مۈلكىنى مەجبۇرىي ھاۋالە قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ: 

(1) ھاۋالىنى تەسىس قىلىشتىن ئىلگىرى ھەقدار شۇ ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ئۈستىدە ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا ھەمدە شۇ ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەن بولسا؛ 

(2) ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە ئىشلىرىدىن كېلىپ چىققان قەرزنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەقدار شۇ قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسا؛ 

(3) ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ئەسلىدىلا ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باج پۇلى بولسا؛

(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. 

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مال-مۈلۈكنى مەجبۇرىي ھاۋالە قىلدۇرۇشتا، ھاۋالە قىلغۇچى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ياكى پايدا ئالغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە باشقىچە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق. 

18-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش، ئىلشىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتىن كېلىپ چىققان ھەقدارلىقنى ئۆزىدە ئەسلىدىن بار مال-مۈلۈكتىن پەيدا بولغان ھەقدارلىق بىلەن ئۆز ئارا خالاس قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. 

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئوخشاش بولمىغان ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالە قىلىنغان مال مۈلۈكنى باشقۇرۇش، ئىلشىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتىن كېلىپ چىققان ھەقدارلىق-قەرزدارلىقنى ئۆز ئارا خالاس قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

4-باب ھاۋالىگە ئالاقىدار تەرەپلەر

1-پاراگراف ھاۋالە قىلغۇچى 

19-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە بولۇشى ياكى قانۇنلۇق قۇرۇلغان باشقا تەشكىلاتلار بولۇشى كېرەك. 

20-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ئۆزى ھاۋالە قىلغان مال-مۈلۈكنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى، ئىشلىتىلىشىنى، بىر تەرەپ قىلىنىشىنى، شۇنىڭدەك كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ئىگىلىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

ھاۋالە قىلغۇچى ئۆزى ھاۋالە قىلغان مال-مۈلۈككە ئالاقىدار ھاۋالە ھېسابات دەىپتىرىنى كۆرۈش، كۆچۈرۈۋېلىش ۋە كۆپەيتىۋېلىشقا، شۇنداقلا ھاۋالە ئىشلىرىغا ئالاقىدار باشقا ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

21-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىدىغان چاغدا ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھاۋالە مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىسىز بولۇپ قالغاندا ياكى پايدا ئالغۇچىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەي قالغاندا، ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىدىن ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

22-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ھاۋالە مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلىش ياكى ھاۋالە مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلىش ياكى ھاۋالە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە خىلاپ ھالدا توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق تۈپەيلىدىن ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بۇنداق بىر تەرەپ قىلىش قىلمىشىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىدىن ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى ياكى تېگىشلىك تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھاۋالە قىلىنغان شۇ مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ ئالغۇچى شۇ مال-مۈلۈكنى ھاۋالە مەقسىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلغان بولسا، قايتۇرۇپ بېرىشى ياكى تۆلەم بېرىشى كېرەك. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى ھاۋالە قىلغۇچى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن كۈندىن ياكى بىلشىكە تېگىشلىك كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە ئىجرا قىلىنمىسا، يوققا چىقىرىلىدۇ. 

23-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ھاۋالە مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلسا ياكى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئېغىر خاتالىق سادىر قىلسا، ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنى ھاۋالە ھۆججىتىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن خىزمىتىدىن قالدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنى خىزمىتىدىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

2-پاراگراف ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچى 

24-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە تەبىئىي شەخس ياكى قانۇنىي ئىگە بولۇشى كېرەك. 

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىغا قويۇلىدىغان شەرتلەر ئۈستىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە بويسۇنۇش كېرەك. 

25-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى، ھاۋالە ئىشلىرىنى پايدا ئالغۇچىنىڭ ئەڭ زور مەنپەئىتى ئۈچۈن توغرا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇشتا ئۆز خىزمىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، مەجبۇرىيىتىنى سەمىمىي، ئىشەنچلىك، ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشى لازىم. 

26-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەققە ئېرىشكەندىن سىرت، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتىن پايدىلىنىپ نەپ ئالسا بولمايدۇ. 

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە نەپ ئالسا، ئېرىشكەن پايدىسى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈككە تەۋە بولىدۇ. 

27-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئۆزىگە خاس مۈلۈك قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئۆزىگە خاس مال-مۈلۈك قىلىۋالسا، شۇ مال-مۈلۈكنى ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرۇشى شەرت؛ ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

28-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئۆزىگە خاس مۈلۈك بىلەن ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ئوتتۇرىسىدا ياكى ئوخشاش بولمىغان ھاۋالە قىلغۇچىلار ھاۋالە قىلغان مال-مۈلۈك ئوتتۇرىسىدا سودىلىشىشقا بولمايدۇ. ئەمما ھاۋالە ھۆججىتىدە ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ياكى پايدا ئالغۇچىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكەنلىرى ھەمدە ئادىل بازار باھاسى بويىچە ئالماشتۇرۇلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

29-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئۆزىگە خاس مال-مۈلۈك بىلەن ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئايرىپ باشقۇرۇشى، ھېسابنى ئايرىم قىلىشى ھەمدە ئوخشاش بولمىغان ھاۋالە قىلغۇچىلار ھاۋالە قىلغان مال-مۈلۈكنى ئايرىم باشقۇرۇشى، ھېسابنى ئايرىم قىلىشى لازىم.

30-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە ئىشلىرىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. لېكىن، ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ياكى بېجىرىشكە ئىلاج قىلالمىغانلىرىنى باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلغاندا، شۇلارنىڭ شۇ ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا دائىر جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

31-ماددا ئوخشاش بىر ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىلار ئىككىدىن ئارتۇق بولسا، ئۇلار ھاۋالىنى ئورتاق قوبۇل قىلغۇچىلار بولىدۇ. 

ھاۋالىنى ئورتاق قوبۇل قىلغۇچىلار ھاۋالە ئىشلىرىنى ئورتاق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئەمما ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە مەلۇم كونكرېت ئىشلارنى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئايرىم بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەنلىرىنى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. 

ھاۋالىنى ئورتاق قوبۇل قىلغۇچىلار ھاۋالە ئىشلىرىنى ئورتاق بىر تەرەپ قىلغاندا، بىر پىكىرگە كېلەلمىسە، ھاۋالە ھۆججەتلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنمىگەنلىرىنى ھاۋالە قىلغۇچى، پايدا ئالغۇچى ياكى شۇنىڭغا مەنپەئەتدار كىشى بەلگىلەيدۇ. 

32-ماددا ھاۋالىنى ئورتاق قوبۇل قىلغۇچىلار ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، 3-شەخس ئۈستىگە ئالغان قەرز ئۈستىدە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 3-شەخسنىڭ ھاۋالىنى ئورتاق قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ بىرىگە بىلدۈرگەن ئىپادىسى قالغانلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش كۈچكە ئىگە.

ھاۋالىنى ئورتاق قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ھاۋالە مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلىش ياكى ھاۋالە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە خىلاپ ھالدا توغرا بىر تەرەپ قىلماسلىق تۈپەيلىدىن، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، ئۇنىڭ چاتما جاۋابكارلىقىنى قالغانلارمۇ ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

33-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنىڭ تولۇق خاتىرىسىنى ساقلىشى كېرەك. 

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ۋە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ھاۋالە قىلغۇچىغا ۋە پايدا ئالغۇچىغا ھەر يىلى قەرەللىك مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. 

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ھاۋالە قىلغۇچى، پايدا ئالغۇچى ئالدىدا ۋە ھاۋالىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە ماتېرىياللىرى ئۈستىدە قانۇن بويىچە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار. 

34-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى پايدا ئالغۇچىغا ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك چەك-دائىرىسى ئىچىدە ھاۋالە پايدىسى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

35-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە كېلىشكىنى بويىچە ھەق ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە ئاۋۋال كېلىشىۋالمىغان بولسا، ھاۋالىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كېڭىشىپ ماقۇللۇشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كېلىشىمنى تولۇقلىسا بولىدۇ؛ ئاۋۋال كېلىشىۋالمىغان ۋە كېلىشىمنى تولۇقىۋالمىغان بولسا، ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.

كېلىشمە ھەقنى ھاۋالىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كېڭىشىپ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن كۆپەيتىشكە ياكى ئازايتىشقا بولىدۇ.

36-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ھاۋالە مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا بىر تەرەپ قىلىش ياكى ھاۋالە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىگە خىلاپ ھالدا توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق تۈپەيلىدىن، مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرۇشتىن ياكى زىياننى تۆلەشتىن ئاۋۋال ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

37-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەرپ قىلغان خىراجەت، 3-شەخسكە تۆلەيدىغان قەرزى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتىن چىقىرىلىدۇ. ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئۆزىگە خاس مۈلۈكتىن ئاۋۋال خىراجەت قىلىپ تۇرغان بولسا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتىن چىقىمنى ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ھاۋالە ئىشلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي 3-شەخسكە قەرز بولۇپ قالسا ياكى ئۆزىگە زىيان يەتسە، ئۇ ئۆزىگە خاس مۈلۈككە تەۋە بولىدۇ. 

38-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلغۇچى ۋە پايدا ئالغۇچىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرسە بولىدۇ. 

بۇ قانۇندا جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىگە دائىر ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە بويسۇنۇلىدۇ. 

ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى يېڭىدىن تەيىنلىنىدىغان ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئوتتۇرىغا چىققۇچە ھاۋالە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىلا ئادا قىلىپ تۇرىدۇ. 

39-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ۋەزىپىسى توختىتىلىدۇ: 

(1) ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۆلگەنلىكى قانۇن بويىچە جاكارلانغان بولسا؛ 

(2) ھەق تەلەپ ئىقتىدارى يوق ئادەم ئىكەنلىكى ياكى ھەق تەلەپ ئىقتىدارى چەكلەنگەن ئادەم ئىكەنلىكى قانۇن بويىچە جاكارلانغان بولسا؛ 

(3) قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ياكى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا؛ 

(4) قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىلگەن ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولغان بولسا؛ 

(5) ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. 

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ۋەزىپىسىدىن توختىتىلغاندا، ئۇنىڭ ۋارىسى ياكى مىراس باشقۇرغۇچىسى، ھامىيىسى، ھېسابات ئېنىقلىغۇچىسى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى مۇۋاپىق باشقۇرۇشى، يېڭىدىن تاللاپ تەيىنلەنگەن ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ھاۋالە ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ باشقۇرۇشىغا يېقىندىن ماسلىشىشى لازىم. 

40-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى توختىتىلغاندا، ھاۋالە ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن يېڭىدىن ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچى تاللاپ تەيىنلەيدۇ؛ ھاۋالە ھۆججىتىدە بەلگىلەنمىگەن بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ئۆزى تاللاپ تەيىنلەيدۇ؛ ھاۋالە قىلغۇچى ئۆزى بەلگىلىيەلمىسە ياكى بەلگىلەش ئىقتىدارى بولمىسا، پايدا ئالغۇچى تاللاپ تەيىنلەيدۇ؛ پايدا ئالغۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن ئادەم بولسا، قانۇن بويىچە ئۇنىڭ ھامىيىسى ۋاكالىتەن تاللاپ تەيىنلەيدۇ. 

ئەسلىدىكى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

41-ماددا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددا 1-تارمىقىنىڭ(3) تارماقچىسىدىن(6) تارماقچىسىغىچە بولغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ ۋەزىپىسى توختىتىلسا، ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش دوكلاتى تەييارلىشى ھەمدە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئالدىدا ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ۋە ھاۋالە ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى لازىم.

ئالدىنقى تارماقتا تىلغا ئېلىنغان دوكلاتنى ھاۋالە قىلغۇچى ياكى پايدا ئالغۇچى ئېتراپ قىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى دوكلاتتا ئېيتىلغان ئىشلار ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈزىدۇ. ئامما ئەسلىدىكى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ناتوغرا قىلمىشلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

42-ماددا ھاۋالىنى ئورتاق قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ۋەزىپىسىدىن توختىتىلسا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئىككىنچى بىر ئادەم باشقۇرىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

3-پاراگراف پايدا ئالغۇچى

43-ماددا پايدا ئالغۇچى ھاۋالە قىلىش داۋامىدا ھاۋالىدىن نەپ ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغۇچىدۇر. پايدا ئالغۇچى تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان باشقا تەشكىلاتلار بولسا بولىدۇ.

ھاۋالە قىلغۇچى پايدا ئالغۇچى بولسا بولىدۇ، شۇنداقلار ئوخشاش بىر ھاۋالىدىكى بىردىنبىر پايدا ئالغۇچى بولسىمۇ بولىدۇ. 

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى پايدا ئالغۇچى بولسا بولىدۇ، ئەمما ئوخشاش بىر ھاۋالىدىكى بىردىنبىر پايدا ئالغۇچى بولسا بولمايدۇ. 

44-ماددا پايدا ئالغۇچى ھاۋالە كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن ئېتىبارەن ھاۋالىدىن نەپ ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە ئايرىم بەلگىلىمىلەر بولسا، شۇ بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنۇلىدۇ. 

45-ماددا ئورتاق پايدا ئالغۇچىلار ھاۋالە ھۆججىتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھاۋالە پايدىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھاۋالە ھۆججىتىدە ھاۋالە پايدىسىنى تەقسىم قىلىش نىسبىتى ۋە تەقسىملەش ئۇسۇلى ھەققىدە بەلگىلىمە بولمىسا، ھەر قايسى پايدا ئالغۇچىلار ھاۋالە پايدىسىدىن تەڭ نىسبەتتە بەھرىمەن بولىدۇ. 

46-ماددا پايدا ئالغۇچى ھاۋالىدىن پايدا ئېلىش ھوقۇقىدىن كېچىشكە بولىدۇ. ھاۋالىدىن پايدا ئالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى پايدا ئېلىش ھوقۇقىدىن كەچكەندە، ھاۋالە توختىتىلىدۇ. 

قىسمەن پايدا ئالغۇچىلار ھاۋالىدىن پايدا ئېلىش ھوقۇقىدىن كەچسە، ئۇلار كەچكەن ھاۋالىدىن پايدا ئېلىش ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بەلگىلىنىدۇ: 

(1) ھاۋالە ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن ئادەم.

(2) باشقا پايدا ئالغۇچىلار؛ 

(3) ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋارىسلىرى. 

47-ماددا پايدا ئالغۇچى مۇددىتى توشقان قەرزنى قايتۇرالمىسا، ھاۋالىدىن پايدا ئېلىش ھوقۇقىنى قەرزنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھەمدە ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

48-ماددا پايدا ئالغۇچىنىڭ ھاۋالىدىن نەپ ئېلىشى ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ھاۋالە ھۆججىتىدە چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

49-ماددا پايدا ئالغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 02-ماددىسىدىن 23-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن ھاۋالە قىلغۇچى بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقلارنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. پايدا ئالغۇچى يۇقىرىقى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزگەندە ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن پىكىردە بىرلىككە كېلەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم قىلىشىغا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددا 1-تارمىقىدىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، ئورتاق پايدا ئالغۇچىلارنىڭ بىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بۇنداق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېسىمى ئورتاق پايدا ئالغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

5-باب ھاۋالىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە توختىتىلىشى 

50-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى بىردىنبىر پايدا ئالغۇچى بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋارىسى ھاۋالىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ. ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە ئايرىم بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە بويسۇنۇلىدۇ. 

51-ماددا ھاۋالە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھاۋالە قىلغۇچى پايدا ئالغۇچىنى ئۆزگەرتسە ياكى پايدا ئالغۇچىنىڭ ھاۋالىدىن نەپ ئېلىش ھوقۇقىنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ:

(1) پايدا ئالغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھوقۇقىغا زور دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا؛

(2) پايدا ئالغۇچى باشقا ئورتاق پايدا ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقىغا زور دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا؛

(3) پايدا ئالغۇچى قوشۇلغان بولسا؛ 

(4) ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولسا.

ئالدىنقى تارماقنىڭ(1) ، (3) ، (4) تارماقچىسىدىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ. 

52-ماددا ھاۋالە ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ياكى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ھەق تەلەپ ئىقتىدارىنى يوقىتىشى، قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىلىشى، قانۇن بويىچە بىكار قىلىۋېتىلگەنلىكى ياكى ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغانلىقى تۈپەيلىدىن توختىتىلمايدۇ، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ خىزمەتتىن بوشىتىلىشى تۈپەيلىدىنمۇ ھاۋالە توختىتىلمايدۇ. ئەمما بۇ قانۇندا ياكى ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

53-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ھاۋالە توختىتىلىدۇ: 

(1) ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن توختىتىلىش سەۋەبلىرى كۆرۈلسە؛ 

(2) ھاۋالىنىڭ داۋاملىشىشى ھاۋالە مەقسىتىگە خىلاپ بولسا؛ 

(3) ھاۋالە مەقسىتى ئەمەلگە ئېشىپ بولغان بولسا ياكى ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا؛ 

(4) ھاۋالىگە ئالاقىدار تەرەپلەر مەسلىھەتلىشىپ قوشۇلغان بولسا؛ 

(5) ھاۋالە بىكار قىلىۋېتىلگەن بولسا؛ 

(6) ھاۋالە كۈچىدىن قالدۇرۇلغان بولسا. 

54-ماددا ھاۋالە توختىتىلغاندا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن كىشىگە تەۋە بولىدۇ؛ ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئۇنىڭ تەۋەلىكى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بەلگىلىنىدۇ: 

(1) پايدا ئالغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋارىسى؛

(2) ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋارىسى. 

55-ماددا ئالدىنقى ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ تەۋەلىكى بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ھاۋالە قىلىنغان شۇ مال-مۈلۈكنى ھوقۇق تەۋە كىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا ھاۋالە داۋاملاشتۇرۇلۇۋېرىدۇ، ھوقۇق تەۋە كىشى پايدا ئالغۇچى بولىدۇ. 

56-ماددا ھاۋالە توختىتىلغاندىن كېيىن، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەسلىدىكى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ئۈستىدە مەجبۇرىي ئىجرا يۈرگۈزسە، ھوقۇق تەۋە كىشى ئىجرا قىلىنغۇچى بولىدۇ.

57-ماددا ھاۋالە توختىتىلغاندىن كېيىن، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەق بېرىشنى، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتىن تۆلەمگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن چاغدا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكتىن ئېلىپ قالسا ياكى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ ھوقۇقى تەۋە كىشىدىن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

58-ماددا ھاۋالە توختىتىلغاندا، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ھېسابات دوكلاتى بېرىش لازىم. پايدا ئالغۇچى ياكى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ھوقۇقى تەۋە كىشىنىڭ ھېسابات دوكلاتىغا باشقىچە پىكرى بولمىسا، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ھېسابات دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلارغا دائىر جاۋابكارلىقى ئاخىرلىشىدۇ. ئەمما ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ناتوغرا قىلمىشلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

6-باب جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسى 

59-ماددا جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسىگە مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. بۇ بابتا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇندىكى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

60-ماددا تۆۋەندىكىدەك جامائەت مەنپەئىتى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ھاۋالە جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسى بولىدۇ: 

(1) نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش؛ 

(2) ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش؛ 

(3) مېيىپلارنى يۆلەش؛ 

(4) مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەنئەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛

(5) داۋالاش-سەھىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ 

(6) مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش؛

(7) باشقا ئىجتىمائىي جامائەت پاراۋنلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش. 

61-ماددا دۆلەت جامائەت پاراۋنلىقى ھاۋالىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. 

62-ماددا جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنىڭدا ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنى بەلگىلەشتە جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا ئالاقىدار باشقۇرۇش ئورگانلىرى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگىنى دېيىلىدۇ) نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش لازىم. 

جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسى دېگەن نام بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ. 

جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى جامائەت پاراۋنلىقى ھاۋالىسى پائالىيەتلىرنى قوللىشى لازىم.

63-ماددا جامائەت پاراۋنلىقى ھاۋالىسىنىڭ ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلكىنى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنى جامائەت پاراۋانلىقىدىن باشقا مەقسەتتە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 

64-ماددا جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسىدە ھاۋالە تەپىتىشى قويۇلۇشى لازىم.

ھاۋالە تەپتىشى ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە بەلگىلىنىدۇ. ھاۋالە ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنمىگەنلىرىنى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى بەلگىلەيدۇ. 

65-ماددا ھاۋالە تەپتىشى ئۆز نامى بىلەن ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەرز قىلىشقا ياكى باشقا قانۇنىي ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق. 

66-ماددا جامائەت پاراۋنلىقى ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغۇچى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە بولمايدۇ.

67-ماددا جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورگان ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقىغا دائىر ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋاللىرى ۋە مال-مۈلۈك ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى لازىم.

ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ھەمد مال-مۈلۈك ئەھۋالى ئۈستىدىن ئاز دېگەندە يىلدا بىر قېتىم دوكلات قىلىشى، ھاۋالە تەپتىشىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىشى ھەمدە ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشى لازىم.

68-ماددا جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغان ياكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا ئىقتىدارسىز قالغاندا، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنى ئۆزگەرتىدۇ.

69-ماددا جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسى ۋۇجۇدقا چىققاندىن كېيىن، ھاۋالە تەسىس قىلىنغان چاغدا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغان ئەھۋال كېلىپ چىقسا، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ھاۋالە مەقسىتىگە ئاساسەن، ھاۋالە ھۆججەتلىرىدىكى ئالاقىدار ماددا-تارماقلارنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. 

70-ماددا جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسى توختىتىلغاندا، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە توختىتىلغان كۈندىن ئېتىبارەن 15 كۈن ئىچىدە ھاۋالىنىڭ توختىتىلىش سەۋەبى ۋە توختىتىلغان كۈننى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشى لازىم. sfsef 

71-ماددا جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسى توختىتىلغاندا، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە تەييارلىغان ئېنىقلاش دوكلاتى ھاۋالە تەپتىشى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ ھەمدە ئۇنى ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئېلان قىلىدۇ. 

72-ماددا جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسى توختىتىلغاندا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ھوقۇقى تەۋە ئادەم چىقمىسا ياكى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈك ھوقۇقى تەۋە ئادەم ئالاھىدە بەلگىلەنمىگەن ئىجتىمائىي ئامما بولسا، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى ئىلگىرىكى جامائەت پاراۋانلىقى مەقسىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىشى ياكى ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى شۇ مەقسەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتلىرىغا ياكى باشقا جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالىسىگە يۆتكەپ بېرىشى كېرەك. 

73-ماددا جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، ھاۋالە قىلغۇچى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ياكى پايدا ئالغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

7-باب قوشۇمچە قائىدە 

74-ماددا بۇ قانۇن 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#