ئۇيغۇرچە نامى تۇمشۇق بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 473.2 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吐木秀克镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئونسۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 11 مىڭ 226 كىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇمشۇق بازىرىتۇمشۇق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە، تەڭرىتاغ تۆمۈر چوققىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، قۇمئېرىق دەرياسى شىمال، شەرقتە توخۇلا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ساۋاپچى چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى قۇمئېرىق دەرياسى ئارقىلىق جىگدە چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن بازار يېرىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپى ئېگىز، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پەس، تار شەكىللىك بەلباغسىمان تارقالغان، ئونسۇ ناھىيەسى مۇقەددەس دەرەخ باغچىسىغا تۇتىشىدىغان مۇھىم جاي. پۈتۈن بازارنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 33 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 24 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 473.2 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . پۈتۈن بازاردىكى چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 39 كىلومېتىر، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى چېگراسىغا تۈز سىزىق ئارىلىقى پەقەت 60 كىلومېتىر. پۈتۈن بازاردىكى تەۋەلىكىدە ئون مەمۇرىي كەنت، 40 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، ھازىرقى نوپۇسى 2390 ئائىلە، 11 مىڭ 226 كىشى بولۇپ، ئۇيغۇرلار . قىرغىز، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق بەش مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار % 95 تىن ئاشىدۇ.

1958-يىلى تۇمشۇق گۇڭشېسى بۇلۇپ  قۇرۇلغان، 1984-يىلى يېزىغا ئۆزگەرتىلگەن . ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن 29 كىلومېتىر كېلىدۇ. يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن ياڭاق، ئۆرۈك قېقى، نوقۇت قاتارلىقلار بار. تەۋەسىدە "قۇرمىش ئاتام مازىرى ناملىق مەنزىرىسى گۈزەل ، داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بار. يېزا تەۋەسىدە ئاپتونوم رايون ھەمكارلىقىدا ياسالغان يېڭىشەھەر سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ۋە ساۋاپچى چارۋىچىلىق فېرمىسى بار. 

تۇمشۇق بازىرىيېزىغا قاراشلىق ئون كەنت ئاھالە كومىتېتى : تۇمشۇق كەنتى، يۇقىرىقى تاغاق كەنتى، تۆۋەنكى تاغاق كەنتى ، يۇقارقى توقاي كەنتى، تۆۋەنكى توقاي كەنتى، كۈز كەلدى كەنتى، يۇقىرىقى سېرىم كەنتى، تۆۋەنكى سىرىم كەنتى، لەڭگەر كەنتى، پاۋانلا كەنتى.

تۇمشۇق بازىرىقۇرمىش ئاتام مازىرى ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1700 مېتىر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 مو، «  باياۋاندىكى مەرۋايىت » دەپ ئاتالغان. بۇ چەكسىز بولغان بوستانلىق، سۇ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ، قويۇق دەرەخ سايىسى، قۇشلار  ۋىچىر - ۋىچىر سايرىشىپ تۇرىدۇ، گۈزەل ۋە سىرلىق بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#