مولوس تۇڭگۇ دەرىخى

مولۇس توڭگۇ دەرىخى

مولوس تۇڭگۇ دەرىخى يەنە شام مېۋىلىك دەرىخى، توغاچ، قارا تۇڭگۇ دەرىخى دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. يالمانقۇلاق ئائىلىسىگە تەۋە. 

مولوس تۇڭگۇ دەرىخى، ھىندى ئاليۇرتېس دەرىخىنىڭ ئۇرۇقدىشى بۇلۇپ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى 20 مېتىر كېلىدۇ. قوۋزۇقى قېنىق كۈلرەڭ، مالايسىيا، ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى، يەنە كۆپىنچە ئىسسىق بەلۋاغ دۆلەتلىرىدە  ئۆستۈرۈلىدۇ، جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ، خەينەن ئارىلى، گۇاڭشى ۋە يۈننەن قاتارلىق جايلىرىدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. رەسىم سىزىدىغان بوياق قىلىشقا بۇلىدۇ.


ئۇيغۇرچە نامى مولوس تۇڭگۇ دەرىخى
تارقالغان رايونلار جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ، خەينەن، گۇاڭشى ۋە يۈننەن قاتارلىق جايلار
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى سۈتلۈك ئوت تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئاليۇرتېس دەرىخى ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 石栗
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى يالمانقۇلاق ئائىلىسى
تۈرى مولوس تۇڭگۇ دەرىخى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مولوس تۇڭگۇ دەرىخى قوۋزۇقى قېنىق كۈلرەڭ، سىلىق بولغان تېيىز يېرىقچىلىرى بار. يۇمران شاخلىرى زىچ كۈل رەڭلىك بۇلۇپ قوڭۇر رەڭلىك يۇلتۇزسىمان تۈكچىلىرى بار، سوقىچاق خەنجەر شەكلىدە، يوپۇرمىقى يۇمىلاق بۆرەك شەكىللىك، قويۇق بۇلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 14 ~ 20 سانتېمىتىرغىچە ،كەڭلىكى 7 ~ 17 سانتىمىتىرغىچە بۇلىدۇ، ئۇچى قىسقا ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى كەڭ شىنا شەكىللىك ياكى دىقماق، تېيىز يۈرەكسىمان، پۈتۈن گىرۋەكلىك، ئىككى تەرپىدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان يوپۇرمىقى تۈكسىز بۇلىدۇ، تۆۋەن تەرپىدىكى شالاڭ ئۆسكەن يۇپۇرماقلىرى يۇلتۇزسىمان تۈكلۈك ياكى تۈكى يوق؛  يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6 ~ 12 سانتېمىتىرغىچە، ئۇچىدا ئىككى تال ياپىلاق بەز تەنچىسى بار. ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە بولغان، ئوخشاش تەرتىپ ياكى غەيرىي تەرتىپلىك گۈل رېتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 ~ 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ گۈل كاسىسى ئېچىلغاندا، ئۇششاق تۈكچىلەر قاپلايدۇ، گۈل بەرگىسى ئۇزۇنچاق يۇمىلاق شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 6 مىللېمىتىر، سۈت ساغۇچ  رەڭلىك، ئاتىلىقى 15 ~ 20 دانە بۇلىدۇ. مېۋىسى شار شەكىللىك ياكى سەل قىيپاش يۇمىلاق شارسىمان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 5 ~ 6 سانتېمىتىر، ئۇرۇقى شارسىمان، ئۇرۇق پوستى قاتتىق، چېچەكلەش مەزگىلى ئايدىن 4-ئايدىن 10-ئايغىچە بۇلىدۇ. 

مولوس تۇڭگۇ دەرىخى تېرىش ۋە قەلەمچە تىكىش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. 

تېرىپ كۆپەيتىش 

مولۇس دەرىخىمولوس تۇڭگۇ دەرىخىنىڭ كۆپىيىشى مۇرەككەپ بولۇپلا قالماستىن، ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقتىمۇ  ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىخلىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس، قەلەمچە قىلىپ تىكىپ كۆپەيتىش ھەم تۇتۇش نىسبىتى تۆۋەن، يىلتىز ماسلىشىشچانلىقى ئاستا. ئېلىمىز كەشىپ قىلغان غەيرىي پروبىركىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆسۈملۈك يېتىشتۈرۈش، تېز كۆپەيتىش تېخنىكىسنى قوللانغاندا ئادەتتىكى تېخنىكىنى يېڭىپ، بارلىق كەمچىلىكلەرنى تۈگەتكىلى بۇلىدۇ، بۇ تېخنىكىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن كەڭ، مەشغۇلاتى ئاددىي، ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تۆۋەن، كۆپىيىش كوئېففېتسېنتى يۇقىرى، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇدا تېز كۆپەيتىش قاتارلىق ئەۋزەللىككە ئىگە، ئۆسۈملۈكنى تېز كۆپەيتىش ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسىنىڭ يېڭى سىستېمىسى ناھايىتى ئاسان كەسىپلەشتۈرۈلدى ۋە زور پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ تېخىنكا تەننەرخنى تېجەيدۇ، ئۆسۈملۈكنى كۆپەيتىشكە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆسۈملۈكنى غەيرىي پروبىركىدا كۆپەيتكەندە ئۈنۈمى يۇقىرى بۇلىدۇ، تېز كۆپەيتىش تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش ئارقىلىق مولوس تۇڭگۇ دەرىخىنى كۆپەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ، قىسقا مۇددەتلىك ئىچىدە سانى كۆرىينەرلىك ئاشىدۇ.

ئۇرۇق تاللاش

جەنۇبتا مولوس تۇڭگۇ دەرىخىنىڭ  كەڭ كۆلەمدە تەرەققىياتقا ئېرىشكىنى يوق، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى شۇكى، جەنۇبتا تېمېپراتۇرا يۇقىرى، ھاۋاسى نەم، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى قىسقا، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مولوس تۇڭگۇ دەرىخى ئەلا سورتلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تەلەپ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. مولوس تۇڭگۇ دەرىخىنىڭ سورت تاللاش ۋە سوغۇققا بولغان ئېھتىياجى تۆۋەن.

مولوس تۇڭگۇ دەرىخى ياۋا ئۆستۈرۈلگەن دەرەخ يېنىدا ۋە شالاڭ دەرەخلىك ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ. ئاپتاپنى خالايدۇ، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، تۇپراققا بولغان تەلىپى ئانچە قاتتىق ئەمەس، پەقەت كۈن نۇرى يېتەرلىك بولسىلا، يەر ئاستى سۇ ئورنى تۆۋەن بولغان جايدىمۇ ئۆسىۋېرىدۇ، بولۇپمۇ تېرىلغۇ تۇپراق قاتلىمى قېلىن ھەم يېڭى ئېچىلغان يەرلەردە بىر قەدەر ياخشى ئۆسىدۇ.

مولۇس توڭگۇ دەرىخىتېرىش؛ 

ئوغۇت باشقۇرۇش؛ 

شاخلارنى رەتلەش، پۇتاش؛ 

مېۋىلەرنى شالاڭلىتىش؛

 زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەللىكنى داۋالاش؛ 

دەرەخلەرنى قوغداش؛ 

فۇجيەن، تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، گۇئاڭشى، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكە ۋە رايونلارغا تارقالغان. يەنە ئاسىيا ئىسسىق بەلباغ رايونى، سۇبتروپىك بەلباغ رايۇنى قاتارلىق جايلارغىمۇ تارقالغان. مولوس تۇڭگۇ دەرىخى مالايسىيا، ھاۋاي تاقىم ئارىلى، يەنە كۆپىنچە ئىسسىق بەلۋاغ دۆلەتلىرىدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. 

دورىلىق قىممىتى 

دەرەخ  راك پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يالمانقۇلاق ئائىلىسىگە تەۋە بۇلۇپ، بۇ خىل سورتنىڭ پارلىنىشچانلىقى كۈچلۈك ئەمەس، شاخ-يوپۇرماقلىرى قويۇق، بىر قەدەر ياخشى بولغان مەنزىرە بۇلالايدۇ، سايە چۈشۈرۈش ۋە چاڭ-توزان سۈمۈرۈش ئۈنۈمى ياخشى، تەيفېڭ بورىنىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك.

ئىستېمال قىممىتى

ئاساسلىقى ئاچچىق-چۈچۈك راك بىلەن قورۇما قىلىشقا بۇلىدۇ. 

مەنزىرە قىممىتى 

مولوس تۇڭگۇ دەرىخىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تېز بولۇپ، شەھەر رايونى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ غولى تۈپتۈز، باراقسان ھەم قويۇق، ياخشى سايە چۈشۈرۈش ئۈنۈمى بار، شەھەرلەرگە كۆپلەپ تىكىش ئارقىلىق شەھەر مۇھىتىنى تېخىمۇ  گۈزەلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ. شۇڭا جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدا كۆپىنچە ھويلا-ئاراملارغا مۇشۇ دەرەخ تىكىلگەن. 

ئىقتىسادىي قىممىتى

مولۇس دەرىخىنىڭ ئىقتىسادى قىمىتىمولوس تۇڭگۇ دەرىخىنىڭ ئۇرۇقىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى قۇلۇلە قېپىغا ئوخشايدۇ، كۈلرەڭ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ زىننەت بۇيۇمى ياساشقا بۇلىدۇ. مولوس تۇڭگۇ دەرىخىنىڭ مېۋىسى تەركىبىدە ماي مىقدارى %65 ~ 70 بۇلىدۇ، مېۋە تەركىبىدىكى ماي مىقدارى يۇقۇرى. ياغ تارتىشقا بولىدۇ، سوپۇن، شام قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ خام ئەشياسى. بىئولوگىيەلىك دىزېل مېيى ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.[0]

مولوس تۇڭگۇ دەرىخى

مولوس تۇڭگۇ دەرىخى

مولوس تۇڭگۇ دەرىخى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#