غەيرەت قىل ھىندىستان

«غەيرەت قىل ھىندىستان»شىمىت ئامىن(Shimit Amin) رېژىسسورلىق قىلغان ، شارۇلخان باش رول ئالغان ھىندىستان فىلىمى . بۇ فىلىم ھىندىستاندىكى بومباي ، ئاۋىسترالىيىدىكى برىسبېن ، مېلبورنى قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنغان .
ئۇيغۇرچە نامى غەيرەت قىل ھىندىستان
باش رولچى شارۇلخان
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2007-يىلى
رېژىسسور شىمىت ئامىن(Shimit Amin)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 加油印度
باشقا نامى ئىشەنچ
ئىشلەنگەن ئورۇن ھىندىستان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غەيرەت قىل ھىندىستان

(ئەسكەرتىش :ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ كوماندىسى ھەقىقەتەن 2003 - يىلى مۇسابىقىدە ئەنگىلىيە فىدىراتسىيەسى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرىدە چېمپىيون بولغان ، شۇ مۇسابىقە سەۋەبلىك بۇ فىلىمنى ئىشلىگۈچى ئىجادىيەتكە ئىلھام ئالدى ، لېكىن بۇ توپ كوماندىسى ئەزەلدىن ھېچقانداق دۇنيا چېمپىيونى قولغا كەلتۈرمىدى .)

كابىرخان(شارۇلخان رولدا)ئىلگىرى ھىندىستان ئەرلەر چوماق توپ كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ئىدى . ئۇلار دۇنيا لوڭقىسى چوماق توپ مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، پاكىستان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى ، ئۇ  جازا توپنى كىرگۈزەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ھىندىستان كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى  . شۇڭا ئۇ دۆلىتىدىكىلەر تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىندى ، دۆلىتىدىكىلەر ئۇنى قورقۇنچاق، ئاسىي دەپ مەسخىرە قىلدى ، ئۇ ئەلەم بىلەن  ئانىسى ئېلىپ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى .

يەتتە يىلدىن كېيىن ، كابىرخان  ترېنېرلىق گۇۋاھنامىسىنى قولغا كەلتۈردى ، ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ  كوماندىسى تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇ دۆلەتكە كۈچ چىقىرىدىغان پۇرسىتىم كەلدى دەپ قاراپ  ، ۋەتەنگە قايتىپ تەكلىپكە بىنائەن  ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ كوماندىسىغا تېرىنىر بولدى .

ئۇ تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرىنى كۆرگەندىلا  كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى ، ئۇ كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا ھىندىستانلىق دەپ تونۇشتۇرماي بەلكى ئۆز يۇرتىنى تونۇشتۇرغانلىقىدىن نارازى ئىدى . شۇڭا ئۇ كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ قايسى يېرىدىن كەلگەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھازىر پەقەت ھىندىستانلىق سالايىھىتى بىلەن  ھىندىستان كوماندىسى ئۈچۈن مۇسابىقىغە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

كابىرخان كوماندا ئەزالىرىغا يۇقىرى ئۆلچەم قويدى ، تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك ، تاكـتىـكا  تەرەپلەردە ياخشى يېتەكچىلىك قىلدى , لېكىن ئايرىم كوماندا ئەزالىرى بۇنداق ئۇسلۇبقا قارشى ئىدى . ئۇلار بىرلىشىپ پۈتۈن كوماندا ئەزالىرىنى ئىمزا قويۇشقا دەۋەت قىلىپ ھىندىستان چوماق توپ بىرلەشمىسىنىڭ تېرىنىرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. كابىرخان بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ، ئىستىپا بېرىش قارارىغا كېلىپ ، كوماندا ئەزالىرىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يىغىلىشقا تەكلىپ قىلدى . يىغىلىش ۋاقتىدا بىر قىز بالا بىر ئوغۇلنىڭ ئەدەپسىزلىكىگە ئۇچرىغاندا پۈتۈن كوماندا ئەزالىرى چىداپ تۇرالمىدى ، شۇنىڭ بىلەن قىزلار بىر توپ ئوغۇللار بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتتى . بۇ ئۇرۇشۇس پۈتۈن كوماندىنىڭ يىغىلىش كۈچىنى ئىلگىرى سۈردى . قىزلار ترېنېرنىڭ داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى .  

 ئەسلىدە پۈتۈشكىنى بويىچە ئاياللار كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتنىشالمايتتى، لېكىن بارلىق ئەر كوماندا ئەزالىرى قىزلارغا توپ كالتىكىنى كۆتۈرۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى ، چوماق توپ بىرلەشمىسى ئەمەلدارلار قىزلارنىڭ جاسارىتى كۆرۈپ قايىل بولدى ھەمدە  ئاياللار كوماندىسىنىڭ دۇنيا  لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىغا قوشۇلدى .تېخى بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، يەنە بىر توسالغۇ كەلدى ، ھىندىستان چوماق توپ ئەرلەر كوماندىسىنىڭ ترېنېرى«ئاياللار كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە تەجرىبىسى كەمچىل ، خۇددى بىر توپ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشايدۇ » دەپ قاراپ ، ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ . كابىرخان ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنكار قىلىش ھەمدە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ كوماندىسى بىلەن ھىندىستان ئەرلەر چوماق توپ كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشۈشكە ۋەدىلىشىدۇ ، ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ كوماندىسى يەڭسىلا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ . نەچچە كۈندىن كېيىن ، مۇسابىقە باشلاندى , ئەرلەر كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئېلىپ ، تېز ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ، ئۇدا ئۈچ توپ كىرگۈزدى ،نۇ خىل ئەھۋال قىزلارنىڭ روھىنى چۈشكۈنلەشتۈرمەي  ئەكسىچە ، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ كېيىنكى يېرىم مەيداندا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ، بىر قېتىم  جازا توپىنى كىرگۈزۈپ ۋە  يىراق ئېتىپ كىرگۈزۈپ ئارقا -ئارقىدىن نومۇر ئالدى .  لېكىن ۋاقىت توشۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۇتتۇرۇپ قويدى . 

 ئاۋىسترالىيىگە كەلگەندىن كېيىن ، قىزلار بىرىنچى مۇسابىقىدىلا يېڭىلىپ قالدى . تېرنىر ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ، كېيىنكى مۇسابىقىلەردە توپنى ياخشى ئوينىشىغا تۈرتكە بولدى . قىزلار ئارقا-ئارقىدىن  ئەنگلىيە كوماندىسى ،ئىسپانىيە كوماندىسى، يېڭى زېلاندىيە كوماندىسى ، جەنۇبىي ئافرىقا كوماندىسىنى يەڭدى .  ئەڭ قەبىھ ئارگېنتىنا كوماندىسىغا دۇچ كەلگەندە ، ئۇلاردىنمۇ قەبىھ بولۇش ئۇسۇلى بىلەن يەنە بىر قېتىم غەلبە قىلدى .يېرىم ھەل قىلۇچ مۇسابىقىدە ، كابىرخانغا ئەدەپسىزلىك قىلغان بىندىيا چوڭ رول ئويناپ ، بۇكوماندا ئاخىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى . 

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ھارپىسىدا ،  « گاللاكەچلىك زىياپىتى» ئۆتكۈزۈلدى ئەترەت ئەزالىرى ھەممىسى ئۆزىنىڭ مىللىيچە كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىپ  قاتناشتى ، ئۇلار بارلىق رىقابەتچىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى . زىياپەت ئارىلىقىدا تېرىنىر پىرىتى ۋە  كومالنى چاقىرىپ چىقىپ ئەتە ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرىدىغانلىقىنى چۈنكى ئۇلار شەخسىي مۇسابىقە ئېلىپ بېرىپ ، بىر - بىرىگە پاس بەرمەيۋاتقانلىقىنى ، ناۋادا بۇ قىلمىش داۋاملاشسا ئەتە چوقۇم ئۇتتۇرىدىغانلىقىنى دەيدۇ . .

مۇسابىقە نەتىجىسى 2؛2 بولۇپ ، نۇقتا توپ ئېتىشقا توغرا كەلدى . ھىندىستان ئالدىدىكى ئىككى توپنى كىرگۈزەلمىدى ، لېكىن كەينىدىكى ئۈچ توپ پۈتۈنلەي كىردى ھەم قارشى تەرەپنىڭ ئۈچ توپى پۈتۈنلەي توسۇپ قېلىندى ، شۇنىڭ بىلەن ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ كوماندىسى غەلبە قىلدى .

Vidya Malvade ... Vidya Sharma

Sagarika Ghatge ... Preeti Sabarwal

Chitrashi Rawat ... Komal Chautala

Shilpa Shukla ... Bindia Naik

Tanya Abrol ... Balbir Kaur

Anaitha Nair ... Aliya Bose

Shubhi Mehta ... Gunjan Lakhani

Seema Azmi ... Rani Dispotta

Nisha Nair ... Soimoi Kerketa

Sandia Furtado ... Nethra Reddy

Arya Menon ... Gul Iqbal

Masochon V. Zimik ... Molly Zimik

Kimi Laldawla ... Mary Ralte

Kimberly Miranda ... Rachna Prasad

Nichola Sequeira ... Nichola Sequeira

Raynia Mascarenhas ... Raynia Fernandes

كابىرخان

شارۇلخان رولدا

ئىلگىرى ھىندىستان ئەرلەر چوماق توپ كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ئىدى .پاكىستان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەندە ، ئۇ  جازا توپنى كىرگۈزەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ھىندىستان كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى  . 

ئۇ ئەلەم بىلەن  ئانىسى ئېلىپ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى .ھازىر ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ كوماندىسىنىڭ تېرنىرى بولۇپ ، ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ كوماندىسىنى چىمپىيون قىلىپ چىقتى .



ۋىديا شارما

ۋىديا ۋالمادې رولدا

ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى









پىرىتى

ساگارىكا چاتگې رولدا

ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ، ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا توپ ئۇرۇش پۇرسىتىنى كامولغا ئۆتىنىپ بېرىدۇ .








كومال

چىتراشى رولدا

ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ، ئەڭ مۇھىم پەيىتتە پىرىتىغا پاس بېرىدۇ








بىندىيا نايك

شىلپا شۇكلا رولدا 

ھىندىستان ئاياللار چوماق توپ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ، كابىرخاننىڭ تېرىنىر بولىشىنى خالىمايدۇ . كېيىن كابىرخاننىڭ ئەڭ ياخشى تېرنىر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    75%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    25%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#