بىئوپەردە سىستېمىسى

بىئوپەردە سىستېمىسى

ھەقىقى يادرولۇق ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈزۈلۈشلىرى ياكى ھۈجەيرە ئاپپاراتىرىنىڭ ھەممىسى پەردىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ بىئوپەردە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل بىئوپەردىلەرنىڭ ئورىلىشىدىن ھاسىل بولغان ھەر خىل ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسيسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولماستىن، بەلكى ئۆز ئارا زىچ باغلىنىپ تۇرىدىغان بىر پۈتۈن گەۋدىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلاردىن ھاسىل بولغان بۇ خىل تۈزۈلۈش سىستېمىسى- بىئوپەردە سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بىئوپەردە سىستېمىسى
خەنزۇچە نامى 生物膜系统

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىئوپەردە سىستېمىسىھەقىقى يادرولۇق ھۈجەيرىلەرنىڭ ھۈجەيرە پەردىسى، يادرو پەردىسى، پلازما ئىچكى تورى، گولگى تەنچىسى، خوندرىئوسۇم، ۋاكۇئۇلا، خلوروپلاست، ئېنزىم، ئېرىتكۈچى تەنچە قاتارلىق تۈزۈلۈشلەر ياكى ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى پەردىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بىئوپەردە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل بىئوپەردىلەرنىڭ ئورىلىشىدىن ھاسىل بولغان ھەر خىل ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسيسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولماستىن، بەلكى ئۆز ئارا زىچ باغلىنىپ تۇرىدىغان بىر پۈتۈن گەۋدىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلاردىن ھاسىل بولغان بۇ خىل تۈزۈلۈش سىستېمىسى- بىئوپەردە سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بىئوپەردە سىستېمىسى ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىلەردە ئالاھىدە بار بولغان سېستىما بولۇپ، تىرىك ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەر خىل ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ھۈجەيرىدىكى بىئوپەردىلەر تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بىر قەۋەتلىك بىئوپەردە ۋە قوش قەۋەتلىك بىئوپەردە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

 بىئوپەردىلەرنى ئورنىغا ئاساسەن يەنە، پلازما پەردىسى ۋە ئىچكى پەردىلەر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

ھۈجەيرىدىكى بىئوپەردىلەرنىڭ خىمىيۋى تەركىبى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ ئاقسىل، ياغ ۋە ئاز مىقداردىكى قەنتلەردىن تەركىب تاپىدۇ. بىراق، ئوخشمىغان بىئوپەردىلەرنىڭ تەركىبىىدىكى بۇ ئۈچ خىل ماددىنىڭ مىقدارىدا خېلى چوڭ پەرق بولىدۇ. بەزى بىئوپەردىلەرنىڭ تەركىبىدە فوسفاتىد بولغاندىن باشقا يەنە خولېستېرىن بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ھايۋان ھۈجەيرىلىرىدە بولىدۇ، لېكىن ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرى بىلەن باكتېرىيە ۋە كۆك يۈسۈن قاتارلىق ئىپتىدائى يادرولۇق ھۈجەيرىلىرىدە بۇنداق ئەھۋال مەۋجۈت بولمايدۇ. خولېستېرىننىڭ ئاساسلىق رولى پەردىلەرنىڭ ئاقۇچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

بىئوپەردىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن ياغنىڭ نىسبىتى پەردىلەرنىڭ فۇنكىسىيسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن، فۇنكىسيسى ئەۋج ئالغان پەردىلەردە ئادەتتە ئاقسىلنىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.

ھۈجەيرىدىكى ھەر خىل بىئوپەردىلەر تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسىيسى جەھەتتە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئۆز ئارا باغلىنىپ تۇرىدۇ.

 تۈزۈلۈش جەھەتتىكى باغلىنىشى

ھەر خىل بىئوپەردىلەرنىڭ تۈزۈلۈش جەھەتتە بەلگىلىك ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە بولىدۇ. يەنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئۆز ئارا باغلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، پلازما ئىچكى تورى ھۈجەيرە ئىچدىكى تورسىمان ھالەتتىكى پەردە تۈزۈلۈشىگە قاراپ ئىگە بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرە پەردىسى، يادرو پەردىسى ۋە خوندرىئوسوم پەردىسى بىلەن بىۋاستە باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئالىملار يەنە پلازما ئىچكى تورىنى گولگى تەنچىسىگە ئايلىنالايدۇ، پلازما ئىچىكى تورى، گولگى تەنچىسى ۋە ھۈجەيرە پەردىسى قاتارلىقلار بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئۆز ئارا ئايلىنالايدۇ.

 فۇنكىسىيسى جەھەتتىكى باغلىنىشى

ھۈجەيرىدىكى ھەر خىل بىئوپەردىلەر فۇنكىسيسى جەھەتتىمۇ بەلگىلىك باغلىنىشچانلىققا، ئېنىق ئىش تەقسىماتىغا ئىگە بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئۆز ئارا زىچ باغلىنىپ تۇرىدۇ. ھەر خىل بىئوپەردىلەر ئۆز ئارا ماسلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن ھۈجەيرىدىن ئىبارەت بۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى نازۇك « ھاياتلىق ماشىنىسى » نى سىجىل، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئايلاندۇرالايدۇ. مەسىلەن، ئاجرالما ئاقىسللار رىبوسومدا سىنتېزلانغاندىن كېيىن، ھۈجەيرە پەردىسىگە بىۋاستە توشۇلماستىن، بەلكى پلازما ئىچكى تورى ۋە گولگى تەنچىسى ئارقىلىق توشۇلىدۇ. يەنى، پلازما ئىچكى تورى ____ گولگى تەنچىسى ____ ھۈجەيرە پەردىسى ____ ھۈجەيرە سىرتىدىن ئىبارەت يۆنىلىش بويىچە توشۇلىدۇ. ئاجرالما ئاقسىللار سىنتېزلىنىش، پىششىقلاپ ئىشلىنىش ۋە قوشۇلۇش جەريانىدا كۆپ مىقدارىدا ئېنىرگىيگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ئېنىرگىيىنى خوندرىئوسوم تەمىنلەيدۇ.

  • ھۈجەيرە پەردىسى بىئوپەردە سىستېمىسىدىكى مۇھىم بىر خىل بىئوپەردە بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرىنى نىسپى مۇقىم بولغان ئىچكى مۇھىتقا ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ھۈجەيرە بىلەن مۇھىت ئوتتۇرسىدا ماددىلارنىڭ توشۇلۇشى، ئۇچۇرلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ۋە ئېنرگىينىڭ ئالمىشىشى جەريانىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ھۈجەيرە پەردىسنىڭ بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
  • ھۈجەيرىلەردىكى نۇرغۇن مۇھىم خىمىيۋى رىئاكسىيلەرنىڭ ھەممىسى بىئو پەردىلەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
  • ھۈجەيرىلەردىكى بىئوپەردىلەر ھۈجەيرىلەرنى ھەر خىل ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىغا ئوخشاش كىچىك دائىرە ۋە خانىلارغا ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىدە بىر-بىرىگە دەخلى يەتكۈزمىگەن ئاساستا بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل خىمىيۋى رىئاكسىيلەر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

بىئوپەردىلەرنى تەتقىق قىلىش نەزەرىيە جەھەتتىنلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەمەلىيەت جەھەتتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

سانائەت جەھەتتە

سانائەتتە، ھازىر بىئوپەردىلەرنىڭ ھەر خىل فۇنكىسيلىرى سۈنئي تەقلىد قىلىشنىڭ مۇھىم ئوبىيكتىغا ئايلاندۇرماقتا. كىشلەر بىئوپەردىلەرنىڭ تاللاپ ئۆتكۈزۈشچانلىق فۇنكىسيسىگە تەقلىد قىلىپ، تاللاپ ئۆتكۈزۈش ئىقتدارىغا ئىگە پەردە تۈزۈلۈشلىرىنى لايىھەلەپ دېڭىز سۈيىنى ئىچىشكە بولىدىغان تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇپ، يەر شارىدا تاتلىق سۇ كەمچىل بولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ياكى پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

يېزا ئىگىلىك جەھەتتە

كىشلەر دېھقانچلىق زىرائەتلىرىنىڭ سوغۇققا ، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە شورغا بەرداشلىق بېرىش مىخانىزمىنى بىئوپەردىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسىيسى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىپ ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ سورتلىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئاشلىق يېتىشمەسلىكتىن ئىبارەت بۇ يەر شارى خاراكتېرلىك مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە .

مېدىتسنا جەھەتتە

مېدىتسىنادا سۇنئى ئۇسۇللار ئارقىلىق بىرىكتۈرۈلگەن پەردىلىك ماتېرياللارنى ئادەمنىڭ كېسەل بولغان مەلۇم ئەزاسىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ ، ئادەمنىڭ نورمال فىزىئولوگىيلىك فۇنكىسيسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. 

قىسقىسى، بىئوپەردە قۇرۇلۇشى، ئېنزىم قۇرۇلۇشى، ئېچىتىش قۇرۇلۇشى، ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى ۋە گېن قۇرۇلۇشىدىن قالسا زور ئىستقبالى بولغان بىئولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە بىر يېڭى ساھەسىدىن ئىبارەت.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#