موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى

13- ئەسىردە چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى موڭغۇل قوشۇنىنى باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋرۇپادىكى كەڭ رايۇنلارغا ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلۈملىك ھەربىي يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنى باشلىدى.

نامى موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى
ۋاقتى 1219-يىلى
باشقا ئاتىلىشى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربكە يۈرۈشى
خەنزۇچە نامى 蒙古帝国西征

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى 13- ئەسىردە چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى موڭغۇل قوشۇنىنى باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋرۇپادىكى كەڭ رايۇنلارغا ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلۈملىك ھەربىي يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنى، يەنى چىڭگىزخاننىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى (1219-1223)، باتۇنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى (1236-1242)  ۋە ھىلاكۇنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنى (1253-1260) قوزغىدى. بۇ بىر قاتار يىراققا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى شۇ رايۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي تارىخى تەرەققىياتىغا ۋە شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالاقىسىگە زور تەسىر كۆرسەتتى.

موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇللارنىڭ ئاقساقىلى تېمۇچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، موڭغۇل خانلىقىنى قۇردى، چىڭگىزخان دەپ ئاتالدى. چىڭگىزخاننىڭ كۆپ يىل جان كۆيدۈرۈپ ئىگىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئىپتىدائى ھالەتتە ياشاۋاتقان موڭغۇللار شىددەت بىلەن راۋاج تېپىپ ۋە زورىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋە غەربتىكى نۇرغۇن ئەللەر بىلەن پەيدىنپەي سودا ئالاقىسى ئورناتتى. شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا خارەزىم دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىسلام دۆلىتى پەيدا بولغان ۋە گۈللەنگەنىدى. بۇ دۆلەت دەسلەپتە سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، كېيىن مۇستەقىل بولغانىدى. 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالاۋۇددىن مۇھەممەد تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە بۇ دۆلەتنىڭ چېگرىسى شەرقىي شىمالدا سىر دەرياسىغا، شەرقىي جەنۇبتا ھىندى دەرياسىغا شىمالدا ئارال دېڭىزى بىلەن كاسپى دېڭىزىغىچە، غەربىي شىمالدا ئەزەر بەيجانغىچە، غەربتە باغداتقىچە، جەنۇپتا ھىندى ئوكيانغىچە باراتتى. خارەزىملىكلەر موڭغۇلىيىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربكە بارىدىغان سودا يولىدا دائىم  پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇراتتى. 1218- يىلى ئالاۋۇدىن مۇھەممەتنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن چىڭگىزخان غەربكە ماڭغۇزغان كارۋاننى قىرغىن قىلىش، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتەك ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك ۋەقەسى يۈز بەردى. چىڭگىزخان شۇ ۋەجىدىن 1219- يىلى كۈزدە 2000 كىشىلىك مۇڭغۇل قوشۇنىغا  قۇماندانلىق قىلىپ، ئېرىتىش دەرياسى بويىدىن ئاتلىنىپ، خارەزىم قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنى قوزغىدى.

   بىرىنچى قېتىملىق غەربكە يۈرۈش ئۇرۇشى 

بۇ چاغدا خارەزىم ھۆكۈمدارلىق گۇرۇھى ئىچىدە قاتمۇقات زىدىيەتلەر مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ گەرچە 400 مىڭ كىشىلىك خىل قوراللانغان قوشۇنى بولسىمۇ، دۈشمەنگە مەركەزلىك ھالدا قارشىلىق كۆرسەتمەستىن، قوشۇنلىرىنى پارچىلاپ مۇداپىئە كۆردى. نەتىجىدە موڭغۇل قوشۇنى ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ يەڭدى. ئالاۋۇدىن مۇھەممەد يېڭىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن كاسپى دېڭىزىدىكى بىر كىچىك ئارالغا قېچىپ بېرىۋالدى، ئۇۇزۇن ئۆتمەي كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئوغلى جالالىدىن ئاستانىگە قايتىپ بېرىپ، قوشۇن تەشكىللەپ قارشىلىق كۆرسەتتى. 1221- يىلى موڭغۇل قوشۇنى بۇ شەھەرنى زور بەدەل تۆلەپ ئىشغال قىلدى، ئاندىن كېيىن ئامۇ دەريسىنىڭ قېشىنى بۇزۇپ شەھەرگە سۇ قۇيۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى ئاۋات شەھەر بىردەمدىلا سازلىق ماكانغا ئايلىنىپ كەتتى. چىڭگىزخان خارەزىمنى يوقاتقاندىن كېيىن سەركەردىلىرىدىن جەبە نويۇن بىلەن سۇبۇتاينى 20 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ، خارەزىمنىڭ قالدۇق قوشۇنىنى قوغلاشقا بۇيرۇدى. موڭغۇل قوشۇنلىرى ئارقىدىنلا تاشقى كاۋكازغا كىرىپ تۈركلەرنىڭ پولگۋۇچ قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلدى. روسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى پولگۋۇچلارغا ياردەم بېرىپ موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 1123- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى كالكا دەرياسى بويىدا موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنى بىلەن قانلىق جەڭ قىلدى، موڭغۇل قوشۇنلىرى جەڭدە غەلىبە قىلدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن چاغاتاي، ئوڭداي، تۆلۈلەر موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنلىرىنى باشلاپ، كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى يايلاقنى بويلاپ موڭغۇلىيىگە قايتتى.

 ئىككىنىچى قېتىملىق غەربكە يۈرۈش ئۇرۇشى

چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويدى. 1235- يىلى موڭغۇللار قۇرۇلتىيى (قەبىلىلەر كېڭىشى يىغىنى) كېيىۋروسكنى بويسۇندۇرۇش نىشانى قىلىپ، يەنە بىر قېتىم غەربكە يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلدى. 1236 – يىلى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى باتۇر باشچىلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، يايىك دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن ئۆتۈپ، غەربكە يۈرۈش قىلدى. موڭغۇل قوشۇنى شۇ يىلى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا يېتىپ بېرىپ، بۇلغارلارنى يەڭدى. ئاندىن روسىيە تۈزلەڭلىكىگە كىرىپ مۇسكىۋا، روستوۋ، تۋېر، ۋىلادىمىر قاتارلىق شەھەرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئىشغال قىلدى، كېيىن يەنە كېيۋىنىمۇ ئالدى، روسىيىنىڭ قەدىمكى پايتەختى ۋەيران قىلىندى. 1241- يىلى ئەتىيازدا موڭغۇل قوشۇنى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ھۇجۇمغا ئاتلاندى. بىر قوشۇن بولۇتاي قۇماندانلىقىدا پولشاغا ھۇجۇم قىلدى، 3-ئايدا كىراكوۋنى ئىشغال قىلدى. موڭغۇل قوشۇنلىرى غەلبىسېرى ئىلگىرىلەپ سىلېزىيىگە بېسىپ كىردى، 4- ئايدا لېگىنىردا پولشا قوشۇنى، گېرمان قوشۇنى ۋە تېۋتون ئاتلىق پولكىدىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە ئارمىيىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. 6- ئايدا چېغ تەۋەسىگە بۆسۈپ كىردى. ئورىلىم شەھىرىدە يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ، ۋىنگرىيىدە باتۇنىڭ چوڭ قوشۇنى بىلەن ئۇچراشتى. يەنە بىر يولدىكى قوشۇن غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ باتۇ قۇماندانلىق قىلغان ئاساسىي كۈچى بولۇپ، بۇ قوشۇن كارپات تاغلىرىدىن ئېشىپ ۋېنگرىيىگە كىردى. ۋە تۆتىنچى ئايدا ۋېنگرىيە قوشۇنىنى يېڭىپ پىيۇرت شەھىرىنى ئېلىپ، ۋيناغا تەھدىت سالدى، ۋېنگرىيە پادىشاھىنى تاكى ئادرئاتىك دېڭىزىغىچە قىيىن ئەھۋالدا قالدۇردى. پەقەت 1242- يىلى 2- ئايدا موڭغۇل خاقانى ئوگدايخاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەندىلا باتۇ ئاندىن قوشۇنلىرىنى شەرقكە ئېلىپ قايتتى. باتۇ شەرقى ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلىپ، يېرىم يولدىن ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قايتىپ كەلدى ۋە ساراينى پايتەخت قىلىپ، قىپچاق خانلىقىنى (يەنى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى) قۇردى.

ئۈچۈنچى قېتىملىق غەربكە يۈرۈش ئۇرۇشى 

1251- يىلى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى مۆڭكۈ تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ موڭغۇلىيە خاقانى بولدى. 1253- يىلى مۆكۈ ئىنىسى ھىلاكۇنى چوڭ قوشۇنغا قۇماندان قىلىپ تەيىنلىدى، ئۇنى موڭغۇلىيىدىن يولغا چىقىپ، 3- قېتىملىق غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئىرانغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئەۋەتتى. غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن توسالغۇسىز ئىلگىرىلەپ، ئىراننىڭ مازاندىران رايۇنىنى تېز سۈرئەتتە ئىشغال قىلدى، ئارقىدىنلا ئىككى دەريا ۋادىسىغا بېسىپ كىردى. 1258- يىلى باغداتنى ئېلىپ خەلىپە مۇستاسىننى ئۆلتۈرۈپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنى يوقاتتى. ئۇلار باغداتتا توپتوغرا يەتتە كۈن ئوت قويۇپ، قىرغىن قىلىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ بۇ مەدەنىيەتلىك قەدىمكى شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. ھىلاكۇ شۇ يىلى تەبەرىستاننى پايتەخت قىلىپ، بويسۇندۇرۇلغان زېمىنىدا ئىلىكخان خانلىكىنى قۇردى. 1259- يىلى ھىلاكۇ داۋاملىق غەربكە يۈرۈش قىلىپ، سۈرىيىگە بېسىپ كىردى ۋە 1260 يىلى 4- ئايدا دەمەشىقنى ئىشغال قىلدى. 9- ئايدا مىسىر قوشۇنى دەمەشىقنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى ئايزۇلۇتتا مۇڭغۇل قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش دولقۇنىنى ئاخىر تىزگىنلىدى. 

موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋرۇپا رايۇنلىرىغا زور بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تۆمۈر تاپىنى يەتكەنلىكى جايلار خارابىلىككە ئايلاندى، بىھېساب پۇقرالار پاجىئەلىك قىرغىنچىلىققا دۇچار بولدى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بىراق، موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنلىرى ئاسىيا-ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ چېگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوبېيكتىپ جەھەتتە شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈردى. غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى چەت ئەللەردىن ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇلاپ ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن ھۆنەرۋەن ئۇستىلار شەرققە ئېسىل قول سانائەت ھۈنەر سەنئىتىنى تارقاتتى. 13- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ۋېنتىسيىلىك سودىگەر ماركوپولونىڭ جۇڭگوغا ساياھەتكە كېلىپ تۇرۇپ قالغانلىقى ئەينى ۋاقىتتىكى شەرق- غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ گەۋدىلىك بىر مىسالىدۇر.  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#