ۋاكۇئۇم

ۋاكۇئۇم

ۋاكۇئۇم دېگىنىمىز، بەلگىلەنگەن بوشلۇق ئىچىدە بىر ئاتموسفېرا بېسىمىدىن تۆۋەن بولسا گاز ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ، بىر خىل فىزىكىلىق ھادىسە.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ۋاكۇئۇم
تۈرى بوشلۇق ھالىتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 真空
ئالاقىدار پەن فىزىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاكۇئۇمۋاكۇئۇم دېگىنىمىز، بەلگىلەنگەن بوشلۇق ئىچىدە بىر ئاتموسفېرا بېسىمىدىن تۆۋەن بولسا گاز ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ، بىر خىل فىزىكىلىق ھادىسە. « بوشلۇق » تا مۇھىت بولمىغاچقا ئاۋازىنى يەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى  يەتكۈزۈش ۋاكۇئۇمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئـەمـەلىيەتتە ۋاكۇئۇم تېخنىكىسىدا، ۋاكۇئۇم سىستېمىسى ئاتموسفېرا نىسبەتەن ئېيتىلغان بۇلۇپ، بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ماكان ئىچىدە بىر قىسىم ماددىلار چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ بېسىمى بىر ئۆلچەملىك ئاتموسفېرا بېسىمىدىن كىچىك بولسا، ئادەتتە بۇ بوشلۇق ۋاكۇئۇم ياكى ۋاكۇئۇم ھالەت دەپ ئاتىلىدۇ.

ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان مەھسۇلات ياساش جەريانىدا مەلۇم باسقۇچقا چوقۇم دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان ۋاكۇئۇم ئىشلىتىلىش زۆرۈر، مەسىلەن: يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، قاتتىق دېسكا، كۆزەينەك ئەينىكى. تەجرىبىخانا ۋە زاۋۇت كارخانىلاردا ۋاكۇئۇم ياساش ئۇسۇلى بولسا ھاۋا پومپىسىدىن پايدىلىنىپ، ھىم بوشلۇق ئىچىدىكى ھاۋانى چىقىرىش ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە ۋاكۇئۇم ھاسىىل قىلىشتىن ئىبارەت. ۋاكۇئۇم تېخنىكىسىدا بېسىمىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكى بويىچە بۆلۈشكە بولىدۇ: 

1)ۋاكۇئۇم 

2)ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋاكۇئۇم  

3)يۇقىرى ۋاكۇئۇم 

4)ئۇلترا يۇقىرى ۋاكۇئۇم 

ئاساسلىق ئۇقۇم

ۋاكۇئۇم سۆز مەنبەسى بويىچە بىر بوشلۇق، يەنى ھېچنېمە يوق بوشلۇق. سانائەت ۋە ۋاكۇئۇم ئىلمىدىكى ۋاكۇئۇم بولسا قاچا ئىچىدىكى بېسىم ئاتموسفېرا بېسىمىدىن تۆۋەن بولغاندا، ئاتموسفېرا بېسىمىدىن تۆۋەن بولغان قىسىمى ۋاكۇئۇم دەپ ئاتىلىدۇ، قاچىدىكى بېسىم كۈچى مۇتلەق بېسىم دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر خىل كۆز قاراش بولسا، ئومۇمەن بېسىم كۈچى ئاتموسفېرا بېسىمىدىن تۆۋەن بولغان قاچا ئىچىدىكى بوشلۇق ۋاكۇئۇم دەپ ئاتىلىدۇ. 

بۇ ھېچقانداق ماددىي زەررىچىلەر مەۋجۇت بولمىغان بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن ھېچ نەرسىسى بولمىغان ماكان مەۋجۇت ئەمەس. فىزىكىدا ۋاكۇئۇم ئەمەلىيەتتە بىر پارچە توختىماي تەۋرىنىپ تۇرىدىغان ئېنېرگىيە دېڭىزى. شۇ ئېنېرگىيە يۇقىرى نۇقتىسىغا يەتكەندە، ئېنىرگىيە جۈپ-جۈپ ئاساسىي زەررىچىگە ئۆزگىرىدۇ، شۇ ئېنېرگىيە دولقۇن ئويمىنىغا يەتكەندە، جۈپ-جۈپ ئاساسىي زەررىچە يوقىلىپ، ئېنېرگىيىگە ئايلىنىدۇ.

1. ۋاكۇئۇمدا قۇتۇپ مەۋجۇت. شۇڭا ۋاكۇئۇم سىممېترىك بولمايدۇ. لېكىن بۇنداق غەيرىي مۇتاناسىپلىق نىسبەتەن قىسمەن بۇلىدۇ، نىسپىي ئومۇمىي جەھەتتىن ھەم سىممېترىك بۇلىدۇ، بۇنداق ئايلىنىش ۋاكۇئۇمدا بۇ خۇسۇسىيەتنى ھاسىل قىلغان. 

2. ۋاكۇئۇمنىڭ ھەربىر قىسمى ۋاكۇئۇمنىڭ بارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ۋاقىت بولسا بوشلۇققا نىسبەتەن ئېيتىلغان، ۋاقىت، كونكرېت بوشلۇقتىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

ۋاكۇئۇمئالەم كېمىسى ئوربىتىسى تەمىنلىگەن ۋاكۇئۇم ۋە مىكرو ئېغىرلىق كۈچى مۇھىتى بولسا بىر غەزىنە، كىشىلەرنى يەر يۈزىدە ئېرىشىش تەس بولغان ئىلمىي تەجرىبە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى، يەر يۈزىدە ئېلىپ بېرىش تەس بولغان ئىلمىي تەجرىبە،يەر يۈزىدە ئىشلەپچىقىرىش تەس بولغان ماتېرىيال، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە دورا بىلەن تەمىنلەيدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#