ئوۋ ئىتى

ئوۋ ئىتى

ئوۋ ئىتى (do khyi، ئىنگلىزچە: Tibetan Mastiff)، يەنە بىر نامى شىزاڭ ئوۋ ئىتى، يوغان ئىت تۈرىگە تەۋە بۇلۇپ، تەن شەكلى چوڭراق بىر خىل ۋەھشىي ئىت بۇلۇپ، رەڭگى كۆپىنچە ئالتۇن رەڭلىك، سېرىق رەڭ، قارا رەڭ (ساپ قارا رەڭ ئەمەس، كۆكرەك، ئاياغلىرى سەل ئاق تۈكلۈك) قاتارلىقلار بار، ئەسلى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن چىقىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئوۋ ئىتى
ئىنگلىزچە نامى Tibetan Mastiff
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئىت ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 藏獒
تارقالغان رايونلار چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى سوغۇق بەلباغ
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى گۆشخورلار تۈكۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئىت ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوۋ ئىتىئوۋ ئىتىنىڭ خاراكتېرى قەيسەر، ھاكاۋۇر، كۈچى كۈچلۈك، ھەرىكىتى چاققان، چەبدەس، چىدامچانلىقى ناچارراق بولغاچقا، كۈچۈكلەر قورامىغا يەتمىگۈچە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارراق بولىدۇ. بۇ تۈردىكىلىرىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، زېمىن ئېڭى كۈچلۈك، خوجايىنىغا ئىنتايىن سادىق، دائىرىسى ئىچىدە ناتونۇش ئادەمگە نىسبەتەن كۈچلۈك دۈشمەنلىك بۇلۇپ، ئىگىسى ۋە ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى قوغداشقا ماھىر.

تۈكلىرىنىڭ رەڭگى

ئوۋ ئىتى1. پۈتۈن بەدىنى ساپ قارا قارا ئارىلاش يۇڭ، بويۇن، كۆرەك قىسمىدا داڭلىق ئازراق ئاق داغ بار بولىدۇ.

2. قوڭۇر قىزىل: قىزىل ياكى چىلان رەڭ تۈكلۈك بولۇپ، بىر قىسىم يېنىك تۈكلىرى قارا پارقىراق.

3. تۆمۈر قاپلىغان ئالتۇت رەڭلىك: قارا دۈمبىلىك، سېرىق پۇتلۇق، ئىككى كۆزىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدە ئىككى سېرىق مىس كەبى نوقتىسى بار (ياكى قارا دۈمبە، قىزىل پاچاق، ئىككى كۆزى ئۈستىگە ئازراق قوڭۇر قىزىل رەڭلىك ئىككى تىبەت ئوۋ ئىتىنىڭكىگە ئوخشاش يۇمىلاق نۇقتىسى بار).

4. ئاپئاق: دۈمبىسىنىڭ رەڭگى قاردەك ئاق بولىدۇ، قار ئوۋ ئىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

5. سېرىق ئىتى: (قىزىل ئوۋ ئىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تۈكىنىڭ رەڭگى سېرىق، سارغۇچ قوڭۇر رەڭ، ئالتۇن رەڭلىك ھەم سېرىق.

6. كۈلرەڭ.

7. گۈل رەڭگى رەڭ ئوۋ ئىتى، ئىككى خىلدىن ئارتۇق رەڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بېشى 

ئوۋ ئىتىئوۋ ئىتىنىڭ باش قىسمى كەڭ، شۇنچە زور ۋە ساغلام. باش سۆڭىكى قىسمى قېلىن، قامەتلىك، ئارقا گەجگە سۆڭىكى روشەن ۋە ئېنىق باشلىق چوققا. ئارقا گەجگە سۆڭىكى بىر باشقا چىقمىغان چوققا قىسمى بىلەن پۈتۈن ئۇچىدىكى نىسبىتى تەكشى باشلىق چوققىسى بار، بىر قىسىم جايلىرى باش ئۈستى ئۆلچىمى سەل قىسقا.

كۆز قىسمى

كۆز قىسمى ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بۇلۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك، كۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى قېنىق-سۇسلۇقى قارامتۇل قوڭۇر رەڭ، باشقا رەڭلىكلىرىمۇ بولىدۇ. كۆپ قىسمى گەۋدىلىك ئەمەس، كۆز ئارىلىقى مۇۋاپىق، تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ھەم سەل يانتۇ، ئاساسلىق ئۈچ بۇرجەك كۆز تىپلىق، يەنە بىر قىسىم كۆز ئالمىسى بادام قاپاق ئاستىغا يوشۇرۇنغان، تۆۋەنكى كۆز تېگى قىزىل بۇلۇپ، ئاسما كۆز دەپ ئاتىلىدۇ.

قۇلاق قىسىمى 

ئۆلچەملىك قۇلىقىنىڭ شەكىلى يۇملاق ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك، قۇلىقى تەبىئىي تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، قۇلىقى بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يېقىنلىشىدۇ.

پاسپاللۇم قېلىن، قۇلىقى چوڭ، ئىككى قۇلىقىنىڭ ئارىلىقى كەڭرەك.

ناچار قۇلاق تىپى: بەزى پاسپاللۇم تال كىچىك، ئارىلىقى بەك تار، قۇلاقلىرى يېرىم ئېگىلگەن، پاسپاللۇم ئالدىغا قاتارلىقلار بار.

دۈمبە

ئوۋ ئىتىنىڭ كۆكسى كەڭ ھەم چوڭقۇر، بولۇپمۇ ئالدى پۇتى ئارىلىقى چوڭ، بېلى تۈز، ئۇزۇن ھەم توم بولۇپ، جۇغى كېلىشكەن.

بەزى تىبەت ئوۋ ئىتىنىڭ بېلى ئۇزۇن لېكىن توم، ئىككى پۇتىنى ئارىلىقى كەڭ بولسىمۇ، كۆكرىكى تېيىز بولىدۇ؛

بەزىلىرىنىڭ كۆكرىكى چوڭقۇر، بېلى توم بۇلۇپ لېكىن قىسقا.

بوينى 

ئوۋ ئىتىنىڭ بوينى كۈچلۈك، ئەگمە شەكىللىك بولۇپ، مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان. بەلكىم 

بويۇن ئاستى چوقۇم ئاسما ۋە گۆش ساقىلى بار.

گەۋدىسى

قوش مۈرە جىپسىلاشتۇرۇلغان، غول مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان. ئالدى پۇتى تۈز ھەم توم، ئۆرە تۇرغاندا يېنىك دەرىجىدە يانتۇ. تىنى قاۋۇل، كەڭ، مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان.

قۇيرۇقى 

ئوۋ ئىتىنىڭ قۇيرۇقى ئوتتۇرا ھال ئۇزۇن، ئۇزۇنلۇقى ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئوشۇق بوغۇمى ۋە دۈمبە قىسمىنىڭ رەڭگى بىر سىزىق، ئادەتتە «جۇخار گۈلى قۇيرۇقى»، يانتۇ جۇخار گۈل ۋە تۈز تەكشى جۇخار گۈل دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.

1. يانتۇ جۇخارگۈل: قۇيرۇق تۈكلىرى ئۇزۇن، چىڭ تۈرۈلگەن، توم.

2. تۈز تەكشى جۇخارگۈل: قۇيرۇق تۈكلىرى ئۇزۇن، قۇيرۇق تۈۋى چىڭ توم، دۈمبىسى تۈز، قارىماققا چوڭ كۆرۈنىدۇ.

3. ئورغاق قۇيرۇق: قۇيرۇق تۈكلىرى ئۇزۇن، قۇيرۇقى تۈرۈلىدۇ، لېكىن چىڭ تۈرمىلەكلەنمەيدۇ. مەسىلەن: ئەگرى شەكىللىك ئورغاقتەك.

يۇڭ-تېرە

ئوۋ ئىتىيۇڭلىرى قېلىن ھەم ئۇزۇن بولۇپ، قىش پەسلىدە ياز پەسلىدىكىدىن تېخىمۇ قويۇق، تىۋىت ۋە قاتتىق تۈك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئالاھىدە تارقاق بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق پىسا تۈكلۈك: تەگلىك قەۋىتى بىلەن قاپلانغان تۈكلىرى قىسقا، قويۇق ھەم يۇمشاق، قوي يۇڭىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ؛ تېنى تۈكلۈك سىرتقى قەۋىتى بولسا ناھايىتى يىرىك، كۆپىنچىسى يىپەك كەبى يۇمشاق بولمايدۇ. 

بويۇن قىسمى ياپيېشىل يوغان تۈكلۈك، بويۇن تۈكى ئۇزۇن ھەم زىچ ئورالغان پۈرمە ياقىلىق شەكىللىك، باش قىسمى يۇمىلاق قىسقا يۇمشاق ياتما تۈكلۈك. 

پۇت-قول ۋە قورساق تەرەپ تۈكى بىرقەدەر قىسقا، تۈكلىرى يۇمشاق. 

ئۇخلاش

ئوۋ ئىتىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئاساسىي جەھەتتىن سەھەر سائەت ئىككىگە بىر قەدەر مەركەزلەشكەن.

ئۇزۇقلۇق 

ئوۋ ئىتىئوۋ ئىتىنى كۆزەتسە شۇنى بايقىغىلى بولدۇكى، ئۇلارنىڭ نەرسە يەۋاتقان ۋاقىتى بىر قەدەر چېچىلاڭغۇ، شۇنداقلا دائىم ئاچ بۆرىدەك بولۇپ، ئوخشاش تۈردىكى يېمەكلىك ئۈچۈن كەسكىن تالىشىدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ.

تىبەت ئوۋ ئىتى بىز ئىنسانلارغا ئوخشاش ياز پەسلىدە سۇنى كۆپ ئىچىدۇ، قىش پەسلىدە بولسا ئازراق سۇ ئىچىدۇ.

تۈك تاشلىشى 

ئوۋ ئىتى پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر، تۈك تاشلاش ۋاقتى پەسىلنىڭ  ئۆزگىرىشىگە قاراپ بولىدۇ، تۈك تاشلاش ۋاقتى ھەر يىلى 5-ئايدىن باشلاپ، بەش ھەپتە ۋاقىت ئۈزۈل-كېسىل تۈك تاشلاپ ئالماشۇرىدۇ، ئىسسىق يازغا ماسلىشالايدۇ. ھالبۇكى، تۈكلىرى يەنە ھەر يىلى 9-ئايدىن 12-ئايغىچە ھاۋاغا ماسلىشىپ، قەھرىتان قىش پەسلىگە لايىقلىشىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#