قان تۈكۈرۈش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قان تۈكۈرۈش بولسا نەپەس يوللىرى ۋە ىۆپكۈنۈڭ قانىشىدىن چىققان قاننىڭ يۆتەل ۋاستىسى بىلەن ئىغىز بوشلىغىدىن چىقىرلىشىدىن ئىبارەت. قان تۈكۈرۈش ىۆز ىالدۈغا ىايرۈم كېسەللۈك بولماستۈن بەلكۈ كۆپلۈگەن كېسەللۈكلەردە ىۈپادۈلۈنۈدۈغان ىورتاق ىالامەت. قان تۈكۈرۈشنى يۇتقۇنچاق، ئىغىز بوشلىغى، بۇرۇن قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قانىشىدىن پەرىقلەندۈرۈش كىرەك.ئىغىز بوشلىغىدىن چىققان قاننىڭ قان تۈكۈرۈش ياكى قان قۇسۇش ئىكەنلىگىنى بەزى بىمارلار ئۆزى ئىيتىپ بىرەلمەيدۇ. بەزىدە دوختۇرلارمۇ ئىنىقلاشتا قىينىلىدۇ. شۇڭا ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ پەرىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
قان كېسەللىرى تەسىرى
ئاققان كېسىلى، قايتا ئىشلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن كىلىپ چىققان قان ئازلىق قاتارلىقلارداكۆرلىدۇ. كىلىنىك ئىپادىسى ياشلاردىكى قان تۈكۈرۈشنىڭ بولىشى كۆپۈنچە ئۆپكە سىلىنىڭ ئىپادىسى. كانايچە كىڭىيىش، رىماتىزىم خارەكتىرلىك يۈرەك قىپى ياللۇغى، ئىككى قاپقاق كىلاپان تارىيىش قاتارلىق كېسەللىردە كۆرلىدۇ. كۆپ مىقداردىكى قان تۈكۈرۈش ئۆپكە كامارلىشىش، كانايچە كىڭىيىپ كىتىش، سوزۇلما ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىغى، كانايچە مەنبەلىك ئۆپكە راكى قاتارلىقلاردا كۆرلىدۇ. قان تۈكۈرگەن بىمارلارنىڭ سىل كېسەللىك تارىخى بولىدۇ. مەسىلەن ؛سىل كېسەللىگى، كانايچە كىڭىيىپ كىتىش، ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە راكى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىغى، يۇرەك كېسەللىگى قاتارلىقلار. قاناشتىن بۇرۇن بىماردا يۇتقۇنچاق قىسىم قىچىشىش، كۆكرەك چىڭقىلىش، يۆتۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. قاننىڭ رەڭگى ئوچۇق قىزىل رەڭدە بولۇپ تۈكۈرۈك ئارقىلىق چىقىدۇ. تۈكۈرگەن قان ئىشقار خارەكتىرلىك بولۇپ قانغا بەلغەم ۋە قان يىپچىلىرى ئارلاش كىلىدۇ. يۇتۇپ تاشلاش بولمىسا قارا مايلىق تەرەت بولمايدۇ. دائىم قانلىق بەلغەم بولىدۇ. ئەگەشمە ئالامىتى قان تۈكۈرۈش بىلەن قىزىتمىنىڭ بولىشى ئۆپكە سىلى، ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىغى قاتارلىقلارداكۆرلىدۇ. قان تۈكۈرۈش بىلەن كۆكرەك ئاغرىشنىڭ بولىشى چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە تىقىلمىسى، كانايچە مەنبەلىك ئۆپكە راكى قاتارلىقلاردا كۆرلىدۇ. قان تۈكۈرۈش بىلەن يىرىڭلىق بەلغەمنىڭ بولىشى ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىغى، كانايچە كىڭىيىپ كىتىش، ئۆپكە كامارلىشىش قاتارلىقلاردا كۆرلىدۇ. قان تۈكۈرۈش بىلەن تىرە شىللىق پەردىلەردە قاناشنىڭ بولىشى تارقىلىشچان قاناش قىزىتمىسى، قان زەرداپ كېسىلى، رىماتىزىم كېسىلى قاتارلىقلاردا كۆرلىدۇ. قان تۈكۈرۈش بىلەن سىرىقلىق چۈشۈشنىڭ بولىشى چوڭ بۆلەكلىك ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە تىقىلمىسى قاتارلىقلاردا كۆرلىدۇ. سوراپ تەكشۈرۈش مەزمۇنلىرى قان تۈكۈرىۋاتقان بىمارنىڭ ئالدى بىلەن قان تۈكۈرۈش تارىخى، سەۋەبى، ۋاختى ، يىشى، قاننىڭ رەڭگى، مىقتارى، يۆتەل ۋە بەلغەم تۈكۈرۈشنىڭ بار يوقلىغى، بەلغەم مىقتارى، پۇرىغى، خارەكتىرى قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلىغى، قىززىش، كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكىرىش قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلىغى، نەپەس قىيىنلىشىش بولسا ئۇنىڭ دەرجىسى، داۋاملىشىش ۋاقتى، بەدەن ئورنى ئۆزگىرىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى تەپسىلى سوراش لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.