تۇتانقامۇننىڭ قەبرىسى

تۇتانقامۇننىڭ قەبرىسى

قەبرە تىلغا ئېلىنسا، ھەمىشە قاراڭغۇ، سىرلىق قورقۇنچلۇق قاتارلىق ھالەتتە كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلىنىدۇ. تۇتانقامۇننى (TUtan Khamum) قەبرىسى تېخىمۇ شۇنداق، ئۇنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئادەمنى قورقۇنچ باسىدۇ، يېشىلمەي كىلىۋاتقان سىرلار، ئاڭلىسىلا كىشىنى بۇرۇقتۇرما قىلىدىغان ئەپسۇن، بەلكى تۇتانقامۇن بىلەن بىللە مەڭگۈ يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ تۇرۇشى مۇمكىن.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نىل دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كىچىك بىر قاقاس جىلغىنىڭ مەنزىرىسى بەك يىقىملىقمۇ ئەمەس، ئەمما ئۇ يەرگە دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان چوڭ سىرلار يوشۇرۇنغان. چۈنكى بۇ يەر قەدىمكى مىسىرنىڭ 62 نەپەر فېرىئونى دەپنە قىلىنغان يەر بولۇپ، قەبرىلەر تاغ شەكلىنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇن ياسالغان ئىنتايىن خىلۋەت، شۇڭا كەسىپ سىرتىدىكى خادىملارنىڭ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن يېرىنى بايقىشى ئىنتايىن قىيىن. «جىلغا ئىگىسىنىڭ ھىماتىغا تايانغان»، بۇ يەر شۇ سەۋەبتىن ئەڭ ھۆرمەتلىك، ئەڭ سەلتەنەتلىك نام بىلەن «پادىشاھ جىلغىسى» دەپ ئاتالغان.

پادىشاھ جىلغىسىدىكى فېرىئوبلارنىڭ گۆرلىرى كۆزلىرى گەرچە ياسىغان چاغدا ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يوشۇرۇن قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا خەۋەرنى ئاڭلاپ يىتىپ كىلەلىگەن كىپەن ئوغرىلىرى تەرىپىدىن كولاپ ئېچىلىپ، بۇلاپ قاق سەنەم قىلىپ قويۇلغان. بۇنداق ھالەت ھەمىشە كىيىن يېتىپ كەلگەن ئارخېئولوگلارنى قاتتىق ئېچىندۇرغان. ئارخېئولوگلارنىڭ تىرىشىپ ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە، 1922-يىلى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ھەم خوشال قىلىدىغان بىر زور ئارخىئولوگىيەلىك بايقاش قولغا كەلتۈرۈلدى، يەنە قەدىمقى مىسىرنىڭ 18-خانلىقىنىڭ فىرېئونى تۇتانقامۇننىڭ كىپەن ئوغرىلىرى تەرىپىدىن بۇلانماي ساقلىنىپ قالغان قەبرىسى قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقتى.

بۇ قىتىمقى زور ئارخىئولوگىيەلىك بايقاشنىڭ باشلامچىسى ئەنگىلىيەلىك ئارخېئولوگ خوۋارد كارتېر، كارتېرىنىڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بەزىبىر ۋەيران بولغان تاش چىلتىللىرىنىڭ تېگىدە، تۇتانقامۇننىڭ گۆرگە تۇتاشقان تاش پەلەمپەيلىرىنى بايقىغان، پەلەمپەرلەردىن مىڭىپ چۈشكەندە، گۆر ئىچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى رەتلىك بولۇپ، كارىدۇر، دالان، جەسەت ساندۇقى بۆلۈنمىسى، يان بۆلمە ۋە ئىسكىلاتتىن تەشكىل تاپقانلىقى بايقالغان. گۆر ئىچى تېمىنىڭ رەڭگى چىرايلىق، نەقىشلىرى ئېنىق تام رەسىملىرى خۇددى تىرىكتەكلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ھەرخىل ھەشەمەتلىك ۋە نەپىس، كۆتۈرۈپ تۈگەتكۈسىز ھەمدەپنە بۇيۇملىرى ھەرقايسى بۆلۈملەرگە قويۇلغان. ئارخېئولوگلارنىڭ ئىزدىمەكچى بولغىنى قەبرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى-فېرېئوننىڭ جەسەت ساندۇقى قويۇلغان بۆلۈمى ئىدى. 

ئارخىئولوگىيە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى جەسەت ساندۇقى بۆلۈمىسىنى ئىزدەۋاتقاندا، رەڭگى غۇۋا بىر تام كارتېرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن تام ئۆرۈۋېتىلگەن، دەرۋەقە فېرىئوننىڭ جەسەت ساندۇقى ئاشۇ يەرگە قويۇلغان ئىكەن. 4 قەۋەت ياغاچتىن ياسالغان سىرتقى جەسەت ساندۇقىنى، ئالتۇن قەغەز چاپلانغان 3 قەۋەت ياغاچتىن ياسالغان ئىچكى جەسەت ساندۇقىنى ئىچىپ، 7 قەۋەت قاتمۇقات توسالغۇنى بۆسۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئارخىئولوگىيە خادىملىرى ئاندىن فېرىئون مومىيانىڭ ھەقىقىي چىرايىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان. ئۇنىڭ يۈزىگە بىر پارچە ساپ ئالتۇن نىقاب تاقاپ قويۇلغان، روھىي ھالىتى خاتىرىجەم، پوتۈن بەدىنى ئالتۇن ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتىلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تەڭداشسىز ئىززەت-ئابرويىنى نامايان قىلغان.

بۇ 19 ياشلىق فېرېئون مومىياسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەرگە ئىككى تۆرەلمىنىڭ مومىياسى قويۇلغان.

DNA نى تەكشۇرۇپ ئۆلچەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ فېرېئونىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلدە ۋاقىتلىق ئۆلۈپ قالغان قوشكېزەك قىزلىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇ كۈچلۈك پاكىت كۆپ يىللاردىن بۇيان كىشلەرنىڭ فېرىئون تۇتاتقاموننىڭ ئەۋلادى بولغان بولمىغانلىقى توغرىسىدىكى گاڭگىراشلىرىنى تۈگەتكەن، بۇ بىر جۈپ تۆرەلمىنىڭ نېمە ئۈچۈن جەسەت ساندۇقىغا سىلىپ قويۇلغان توغرىسىدىكى قاراشلار ئەزەلدىن بىردەك بولماي كەلگەن، بەزىلەر فېرىئوننىڭ پەرزەنتىلىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي يىنىدا تۇرغانلىرىنىڭ ھەمراھ بولۇشنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن بولغان دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر بۇ بىر جۈپ تۆرەلمە مەلۇم بىر مەقسەت تۈپەيلىدىن گۆرگە سېلىپ قويۇلغان، فېرىئوننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن باشقا بىر دۇنيادا يېڭى ھاياتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا سىموۋل قىلىنغان دەپ پەرەز قىلىنغان، گەپ گەرچە شۇنداق دىيىلسىمۇ، ئەمما بۇ بىر جۈپ قوشكىزەكنىڭ سالاھىيىتى، سىموۋول مەسىلىسى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش ھېچقاچان توختاپ قالغىنى يوق. بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا پەقەت ئالاقىدار ئادەملەرلا پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن، بارلىق يەكۈنلەر پەقەت پەرەزدىن ئىبارەت. 

تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن ئۇچۇر چەكلىك بولمىغانلىقتىن كېيىنكىلەرنىڭ ياش تۇرۇپلا بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەن بۇ فېرىئوننىڭ بالدۇر ئۆلۈش سەۋەبى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى تولىمۇ ئاز، ئارخىئولوگىيە خادىملىرى ئۇنىڭ مومىياسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەندە ئۇنىڭ باش قىسمىدا ئىككى يەردە تارتۇق بارلىقىنى بايقىغان، بىر يەردىكىسى ئۇ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ساقىيىپ كەتكەن، يەنە بىر يەردىكىسى ئۇنى ئۆلەر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان، ئاچقۇچلۇق ئامىل-قاتتىق ئۇرۇلۇشتىن كېيىنكى سوزۇلما جارائەت بولۇشى مۇمكىن، كېيىن مىسر ئالىملىرى تەكشۇرۇش ئارقىلىق، فېرىئوننىڭ ئۆلۈشى سول پۇت سۆڭىكى سۇنغاندىن كېيىنكى جارائەتنىڭ سېسىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ھەرخىل ئالامەتلەرگە ئاساسەن ،تۇتاتقامون قەسلەپ ئۆلتۇرۇلگەن دەپ پەرەز قىلىنغان، يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇقەرەر ئاساسىي بار. يىل دەۋرى بەك ئۇزاق ، تارىخىي ماتىرىياللاردىكى خاتىرىلەر ۋە دەلىل-ئىسپاتلار چەكلىك بولغانلىقتىن، كىيىنكىلەرنىڭ تەتقىقاتىدا ھامان چالا قالىدىغان يەرلەر بولىدۇ، ئەگەر بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىلگىرىلەش ۋە ئىسپاتلاشقا ئېرىشمەكچى بولساق، تېخىمۇ كۆپ ماددى ئىسپاتلارنىڭ بايقىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

قۇشكېزەك تۆرەلمە مومىياسىنى ھەمدەپنە قىلىشتىكى مەقسەت، تۇتاتقاموننىڭ سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىشىدىكى سەۋەب كېشىنى گاڭگىرىتىدۇ، گەرچە بۇ ئىككى سىر تا بۈگۈنگىچە ئېچىلمىغان بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ چوڭ گۇمانلار كىشىلەرنىڭ خىيالىنى ئەسىر قىلىشى مۇمكىن.

1922-يىلى ئارخىئولوگلار ئەترىتى گۆرنىڭ ئىچىگە كىرىپ تەكشۇرگەندىن كېيىن، 1929-يىلغىچە بولغان 8 يىل ئىچىدە تۇتاتقاموننىڭ قەبرىسى بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ئالاقىسى بار 22 ئادەم ئىلگىرى-كىيىن غەيرىي نورمال ھالدا ئۆلگەن. ئارخىئولوگىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇلار گۆرگە كىرىشتىن ئىلگىرى تامغا ئويۇپ قويۇلغان «كىمكى فېرىئوننىڭ خاتىرىجەملىكىنى بۇزسا، قانىنتىنى كېرىگەن ئەزرائىل شۇنىڭ بېشىغا قونىدۇ»، «مەن تۇتاتقاموننىڭ قوغدىغۇچىسى، مەن قۇملۇقنىڭ يالقۇنى بىلەن ئۇ كىپەن ئوغۇرلىرىنى قوغلايمەن» دېگەندەك ئەپسۇن تۈسى ئالغان سۆزلەرنى كۆرگەن، ئەمما بۇ قېتىمقى زور بايقاشنى كۆرگەن ئارخىئولوگلار ئەترىتى ئەزالىرى خوشاللىقنىڭ تۈرۈتكىسدە ئەتراپتىكى ھەممىگە ئېتىبارسىز قارىغان، ھېچكىممۇ بۇ سۆزلەرنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىسىنى ئويلاپ كۆرمىگەن، ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئارخىئولوگىيە ئېكىسپىدىتسىيەسىگە كىرىشپ كەتكەن، غەلبىنىڭ تاڭ نۇرى قەبرىستانلىقتىكى قاراڭغۇنى تارقىتىۋەتكەن. 

شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە، تېراگېدىيە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋە ئاندىن ئارخېئولوگىيە ساھەسى ۋە ئاخپىرات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ كۈچەپ موبالىغە قىلىشى ۋە تەشۋىق قىلىشى بىلەن، «فېرىئوننىڭ ئەپسۇن» ۋەقەسى كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ ھەممە ئادەم بىلىپ كەتكەن. كىشىلەردە بۇنىڭغا نىسبەتەن قىزىقىش ۋە گاڭگىراش پەيدا بولغان ، ئۇنىڭ پۈتۈن جەريانىنى بىلىشكە تەققازار بولغان. ئەجەبا ئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئەپسۇن كۈچىنى كۆرسىتىپ، باقىي دۇنيادىكى سىرلىق كۈچ ئىشنىڭ يۆنىلىشىنى تىزگىنلەۋاتامدۇ؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ، لېكىن ئالىملار بۇنداق دەپ قاراشنى توغرا تاپمىدى ھەم مۇناسىپ ئىلمىي چۈشەندۇرۇشلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالىملار بەزى فېرېئونلارنىڭ قەبرىسىدىن نەچچە مىڭ يىل ھايات كەچۈرەلەيدىغان بىرخىل ئەجەللىك باكتىرىيەنى بايقىغان ، ئەگەردە ئادەم ئۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانسا دەرھال ئۆلىدۇ، گۆرگە كىرگەن بەزى ئارخىئولوگىيە ئەترىتىنڭ ئۆلۈشىنى بەلكى بۇنىڭ بىلەن ناھايىتى زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، گۆر ئىچىدە ساقلىنىپ تۇرغان زەھەرلىك گاز بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىر نەچچە يىل ھىم ئېتىلىپ تۇرغان گۆر ئىچىدە، ھەرخىل جانلىقلارنىڭ چىرىپ پۇرىقى ئۆزگىرىشىدىن چىققان پۇراق شۇنىڭدەك جەسەت زەھىرى قاتارلىق زەھەرلىك گازلار ئارىلىشىپ، ئاسانلىقچە سېزىۋالغىلى بولمايدىغان خىمىيەلىك ھادىسە پەيدا بولغان، قاتتىق قوغدىنىش تەدبىرى قوللانماي گۆرگە كىرگەن ئارخىئولوگىيە ئەترىتى خادىملىرى ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان، ۋېرۇس ئۇلارنىڭ تېنىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، بايقاش ھەم ئالدىنى ئىلىش شۇنداق تەسكە توختىغان، يەنە بەزى ئالىملار تەتقىق قىلىپ، قەدىمكى مىسىرلىقلار زەھەرلىك دورىلارنى ياساشقا ناھايىتى ماھىرلىقىنى بايقىغان. ئۇلار فېرىئون مومىياسىنڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەبرە ئىچىگە مەخپىي ھالدا زەھەرلىك دورىلارنى سىلىپ قويۇپ، زەھەرلىك دورا ئۈنۈمنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ سىرتتىن قەبرە ئىچىگە كىرگۇچىلەرنى قورقۇتقان دەپ قارىغان، يەنە بىرخىل ئېھتىماللىق قەبرە ياسىغان ماتىرىياللار رادىيۇ ئاكتىپلىققا ئىگە بولۇپ، زور مىقداردىكى رادىيەتسىيە مىقدارى قەدىمكى قەبرىگە كىرىپ چىققان بەزى ساغلام ئادەملەرنى كېسەلگە موپتىلاىلغان ھەتتا ئۆلۈمگە ئىلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن. تېخىمۇ چۈشىنىكسىز يېرى شۇكى ، گەرچە فېرىئون ئەپسۇنى راستقا ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بىر ئادەم ئەنگىلىيەلىك ئارخىئولوگ خوۋارد كارتېر تاكى 60 نەچچە يېشىدا كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانغا قەدەر ،ئىزچىل ھالدا ساق-سالامەت ياشىغان. ئۇنىڭ نورمال ھايات-مامات ئوربىتىسى «ئەپسۇن» دىن ئىبارەت قاباھەتلىك چۈشنى بۇزۇپ تاشلىغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئالىملارمۇ چۈشەندۇرۇپ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/3352/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#