لىسۇ مىللىتى

لىسۇ مىللىتى

لىسۇ مىللىتى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋۇمەنلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى لىسۇ مىللىتى
تىلى لىسۇ تىلى
خەنزۇچە نامى 傈僳族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لىسۇ مىللىتىلىسۇ مىللىتى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋۇمەنلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان ھەمدە چوڭ جەھەتتىن تارقىلىپ ماكانلىشىش، كىچىك جەھەتتىن توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشتەك ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن. 

لىسۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزى توقۇغان كاناپ رەختتە كىيىم كىيىدۇ. ئاياللار ئۇچىسىغا ئوڭ يېنىدىن ئىزمىلىنىدىغان كالتە چاپان ۋە كۆڭلەك كىيىدۇ، بېشىغا قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك ئۈنچە-مەرۋايىت، شۇنداقلا بېزەكلەرنى تاقاشقا ئامراق. بوينىغا رەڭلىك مارجانلار ئۆتكۈزگەن تىزىق مارجان ئاسىدۇ. ئەرلەر ئادەتتە قىسقا كەمزۇل ۋە شىم كىيىدۇ. بەزى ئەرلەر كۆك رەختنى بېشىغا ئورىۋالىدۇ، سول بېقىنىغا پىچاق ئاسسا، ئوڭ بېقىنىغا يا ئوقى خالتىسى ئاسىدۇ. لىسۇلارنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسەن ئىككى خىل، بىرى، ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، شەكلى ياغاچ قۇتىغا ئوخشاپ كېتىدۇ؛ يەنە بىرى، بامبۇك قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ئالدى بىلەن يانتۇلۇققا20—30 تال ياغاچ قوزۇق تىكلىنىپ، ئۈستىگە تاختاي يېيىلىدۇ ۋە ئەتراپى چىتلىنىدۇ. ئۆينىڭ ئۆگزىسى پاخال ياكى ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىلىدۇ، ئۆينىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا بىر ئوتخانا قويۇلىدۇ، بۇ خىل ئۆي «سەكسەن پۇتلۇق ئۆي» دەپ ئاتىلىدۇ. لىسۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى قوناق ۋە قارا بۇغداي، ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. 

لىسۇ مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن يېڭى يېزىقىنى قوللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى كۆپ ئىلاھلىق دىنغا، تەبىئەتكە چوقۇنىدۇ، ساكرامېنتالىزمغا ئىشىنىدۇ.

لىسۇ مىللىتى ئۇلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇپ، ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئىنتايىن مەزمۇت ۋە رىتىملىق. لىسۇ مىللىتى ئېيىق، يولۋاس، مايمۇن، يىلان، قۇش ۋە ھەرە دېگەندەك نۇرغۇن جەمەتكە ئايرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھايۋانلار يەنە ئاشۇ جەمەتلەرنىڭ چوقۇنىدىغان ئوبيېكتى—تۇتېمى ھېسابلىنىدۇ. جەمەتلەر ئۆز جەمەتى ۋە قورۇقىنىڭ كوللېكتىپ يەرلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، بازاردا مالنى مالغا ئالماشتۇرىدۇ. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، لىسۇ مىللىتى ئىپتىدائىي ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تاشلاپ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويدى . [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#