ئاقاقىيا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاقاقىيا خىل چاتقالسىمان تىكەنلىك دەرەخنىڭ مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىدىن قاتقانماددا بولۇپ، «ئاقاقىيا» نامى بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. دانىچە شەكىللىك، رەڭسىز ياكى سۇس سېرىق بۇلۇپ يېرىم سۈزۈك تېنى قاتتىق چۈرۈك، پۇرىقى سۇس،تەمى قېرىق كېلىدۇ. پۇرچاق ئىلىسىدكى ئاكاتسىيە دېگەن بىر خىل چاتقالسىمان تىكەنلىك دەرەخ بۇلۇپ مېۋىسىنى يوپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ يېغۋىلىندۇ. ھىندىستان، سۇدان، سىنگال قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
ئشلىتىش ئۇسۇلى
1. ئانار گۈلى، ئانار پوستى، ئاقاقىيا، ئەنجىباھار، بەللۇت 10 گرامدىن ئېلىپ، قايناتما تەييارلاپ ئىچسە، خۇن تەۋرەشكە شىپا بولىدۇ.
2. ئاقاقىيا، رۇسۇت، ئەنجىباھار، جۇۋىنا، قارا ھېلىلە 60 گرام، شېكەر 20 گرام، سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە، ئەزالاردىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.
3. ئاقاقىيانى زەيتۇن يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، باشقا چاپسا چاچنى قارايتىدۇ
سۇپۇپى ئەنجىباھار، مەجۇنى ئاقاقىيا
ئاشقازان، ئۈچەي ۋە ئۆپكە جاراھەتلىرى؛ بۇرۇن قاناش، ئۆپكە سىلىدىكى قاناش، كىندىك چىقۇقى، خۇن تەۋرەش، قانلىق ئىچى سۈرۈش، مەقئەت چىقىپ قېلىش، بالىياتقۇ چىقۇقى، بوۋاسىر، ھەر خىل جاراھەتلەر، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، چىش مىلىكى قاناش، چىش مىلىكى بوشاپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاقاقىيا كىسلاتاسى، K,Ca, Mg قاتارلىق مادىلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى) [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.