ئۇيغۇرلاردىكى ئات بەيگىسى

ئۇيغۇرلاردىكى ئات بەيگىسى

ئۇيغۇرلاردىكى ئات بەيگىسى-ئۇيغۇر خەلقىدە قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئەۋلادتىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چەۋەندازلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى. 

ئۇيغۇرچە نامى ئۇيغۇرلاردىكى ئات بەيگىسى
تۈرگە ئايرىلىشى تەنتەربىيە پائالىيىتى
خەنزۇچە نامى 赛马

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇرلاردىكى ئات بەيگىسىئۇيغۇرلاردىكى ئات بەيگىسى-ئۇيغۇر خەلقىدە قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئەۋلادتىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چەۋەندازلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى. خەلق ئارىسىدا <ئەر قانىتى ئات> دېگەن تەمسىل بار. بۇ ئاتنىڭ بۇ مىللەت ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى شەرقتە بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ، غەربتە ئېرتىش دەرياسى، بالقاش كۆلىنىڭ بويلىرى، تاشقى موڭغۇلىيە ئەتراپلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق كەڭ زېمىندا تارقاق، كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇلار ئاساسلىقى چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق ۋە قوشۇمچە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچقا، ئاتتىن ئايرىلالمايتتى. ئات ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش قورالىنىڭ بىرى. ئوۋ ئوۋلاش، يىراق جايلارغا خەۋەر يەتكۈزۈش، جەڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ھامان يۈگۈرۈك ئاتلارنى تاللاشقا توغرا كېلەتتى. ھەر قېتىملىق ئات چاپتۇرۇش جەريانىدا تەبىئىي ھالدا بەيگە ئېلىپ بېرىلاتتى. ئەينى زاماندا، ھۇنلارنىڭ مۇنتىزىم ئاتىلىق قوشۇنىنىڭ ئاتلىرىمۇ سان-ساناقسىز ئاتلارنى بەيگىگە سېلىش ئارقىلىق تاللانغان، قەدىمكى زامانلاردىكى پادىشاھلارمۇ ئۆزىنىڭ ئېتىنى بەيگىگە سېلىش ئارقىلىق نام چىقارغان. ئۇلاردا ھەتتا كۈيئوغۇل تاللاشتا مەخسۇس بەيگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇزۈپ چىققانغا قىزىنى بېرىش ئادەتكە ئايلانغان. 

<تۈرك قامۇسى> دا <قەدىمكى تۈركىي قوۋملار دىنىي ئەنئەنىلىرىگە ئۇيغۇن قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملىرىدا ئات بەيگىلىرىگە كەڭ سورۇن تەييارلىغانلىقى، ئۇلار بالىلار تۇغۇلغاندا 265 كىلومېتىرلىق بىر بەيگە تەييارلىغانلىقى، بۇ بەيگىگە ئاياللارنىڭمۇ قاتقاشقانلىرى تارىخىي مەلۇماتلاردىن بىلىندى> دەپ يېزىلغان. 

11-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى نىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا <ئارغۇن ياۋا ئايغىر بىلەن ئۆي بايتىلىدىن تۇغۇلغان، ئات بەيگىسىدە كۆپىنچە مۇشۇنداق ئاتلار ئۈزۈپ چىقىدۇ>، <شوخ ئېتىم تېزلىك بىلەن چاپتى، بەيگىدە ئۈزۈپ چىقتى>، <قىز بىلەن چېلىشما، تۇغمىغان بايتالغا چېپىشما> دەپ نەقىل كەلتۈرۈلگەن. خەلقئارا تۈركشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، گېرمانىيەلىك ئالىم گابائىن خانىم ئۆزىنىڭ <قوچو ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تارىخى> ناملىق ئەسىرىنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى بابىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتچىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق يازىدۇ: <ئۇيغۇرلار ئات بېقىشقا تولىمۇ ھەۋەسكار ئىدى. دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئات تۇرىدىغان ئېغىلى بولاتتى، ئۆيلىرىنىڭ تېگى تاختايلىق بولۇپ گىلەم سېلىناتتى>. 

مىلادىيە 1003-يىلى شەمسۇل مانى غەرب ھەققىدە يازغان <قابۇسنامە> نىڭ 18-بابىدا <ئاتقا مىنمەك، شىكار قىلماق ۋە چەۋگەن ئوينىماق پادىشاھ ۋە ئەھلى ھۆكۈمەت ئىشىدۇر. خۇسۇسەن يىگىتلىك ۋە ياشلىق ۋاقتىدا ھەر قانداق ئىشنىڭ ئەندىزىسى ۋە تەرتىپى بولىدۇ. ھەمىشە شىكارغا بارماق توغرا ئەمەس، بىر ھەپتىدە ئىككى كۈن شىكار قىل، كىچىك ئاتقا مىنمە، كىچىك ئاتقا مىنسەڭ سەت كۆرۈنۈپ قالىسەن، شەھەرگە ھەم شىكارغا بارغاندا، شوخ ئاتقا مىنگىن، سېنى ھوشيار قىلىدۇ. شىكاردا تولا ئات چاپما، شىكار ئارقىدىن ئات چېپىش توغرا كەلسە، ئۇ ۋاقتىدا ئۆز كۈچۈڭنى ئايىما> دېيىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، <ئوغۇزنامە> دىمۇ بەيگە ھەققىدە سۆزلەنگەن. يۇقىرىدىكى تارىخىي بايانلاردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، تۈركىي تىللىق خەلقلەر تارىختىن بۇيان ئاتتىن ئايرىلىپ باقمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەنئەنىۋى تەنھەركەتلەردە تۇرمۇش مۇھىتىغا ئۇيغۇن بولغان ئات ئۈستىدىكى پائالىيەتلەر خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلار تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۈچۈن ئەنئەنىۋىلىشىپ قالغان. شۇڭا، ئات بەيگىسى نوقۇل ھالدىكى ھەرىكىتىمىز بولماستىن، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن كېيىنكى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى. 

شۇنداقلا، ئەڭ قەدىمكى ئات ئۈستىدىكى تەنھەرىكەت تۈرىدۇر. جۇڭگودا، خەلقئارادا <غەربىي دىيار> ئاتلىرى داڭلىق بولۇپ، ئۇنىڭ نەسىللىرى ئىلى، قارا شەھەر بارىكۆلدە تېپىلىدۇ. تارىختىكى ئات بەيگىلىرىنى قەبىلە، يۇرت ئاقساقاللىرى پۈتۈنلەي ھۆددىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن. ئات بەيگىسىنىڭ كۆلىمى قەبىلە، يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە، چارۋىسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ بەلگىلەنگەن. كىچىك كۆلەمدىكىلەرگە ئادەتتە 10 نەچچە چوڭ كۆلەمدىكىسىگە 20000، 300 ئات قاتناشقان بەيگىدە ئۈزۈپ چىققانلارغا قارا مالدىن بىر قانچىنى مۇكاپات بېرىدىغان تۈزۈم بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#