كورلا شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم

ئەسلى ئاساسى 1977-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق 3- ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلغان ئورنى كورلا شەھەر باش ئەگىم يولىدا ئىدى.


ئۇيغۇرچە نامى كورلا شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم
قۇرۇلغان ۋاقتى 1977-يىلى 9-ئاي
خەنزۇچە نامى 库尔勒市职业中专

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

ئەسلى ئاساسى 1977-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق 3- ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلغان ئورنى كورلا شەھەر باش ئەگىم

 يولىدا ئىدى. 1979-يىلى 10 ئايدا كورلا شەھىرىگ ئۆتكۈزۈلگەن. مەكتەپ نامى كورلا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن ھەم كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارسىنىڭ رەھبەرلىكىگە تەۋە بولغان. 1989-يىلى 9-ئايدا تۇنجى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنپىنى قوبۇل قىلىپ، 1995 يىلى 5 ئايدا كورلا شەھەرلىك ئىككىنچى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە كورلا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ساقلاپ قېلىپ، بىر مەكتەپ، ئىككى خىل ۋىۋىسكىلىق، ئادەتتىكى مائارىپ بىرلەشتۈرۈلگە ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. 1994-يىلى 6 ئايدا كورلا شەھەرلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، كورلا شەھەرلىك كەسپىي 

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىنغان. ئىككى مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئادەتتىكى مائارىپدىن ئايرىلىپ چىقىپ، مەخسۇس ئۇنىۋېرسال كەسپىي مەكتەپكە ئايلانغان. 1995 يىلى 6 ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن كورلا شەھەرلىك كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم بولۇپ قۇرۇلغان. كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا ساقلاپ قېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدىن كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپى ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا يۈزلەنگەن. 1996 يىلى 2-ئايدا بۇ مەكتەپ دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا قىلىپ بېكىتىلگەن.

 ئوقۇتۇشتا خەنزۇتىلى، ئۇيغۇرتىلى قوللىنىلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مانتيورلۇق، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى رېمونت قىلىش، ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىش، كومپيۇتېر قوللىنىش، مىھمانخانا خىزمەتچىلىكى، كىيىم-كېچەك تىكىش، ئاشپەزلىك، بالىلار پېداگوگىكىسى قاتارلىق 20 كەسىپ تەسىس قىلىنغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 83783 كۋدرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 9310 كۋادرات مېتىر بولۇپ، كومپيۇتېرخانا، تىل ئاڭلاش ئۆيى، ئېلېكتر، مانتيورلۇق تەجرىبىخانىسى، كىيىم تىكىش ئۆيى، ھۆسن تۈزەش ئۆيى، پارنىك قاتارلىق بىر يۈرۈش تەجرىبە پراكتىكا مەيدانى ۋە مەكتەپ تەۋەلىكىدىكى كارخانا ۋىنچىڭ شىركىتى بار. 1998-يىلى مەكتەپ ھازىر بار بولغان ئون نەچچە كەسىپنى تۈرلەر بويىچە ماشىنىسازلىق، مۇلازىمەت، شەھەر قۇرۇلۇش سەنئىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كەسىپكە ئايرىغان. شۇ يىلى 6-ئايدا كورلاش شەھەرلىك ئەمگەك ئىدارىسى بۇ مەكتەپتە كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدار يېتىشتۈرۈش مەركىزىنى قۇرغان. 9 ئايدا بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسى تۇرمۇش كاپالىتى ۋە قايتا ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بۇ مەكتەپنى بايىنغۇلىن ئوبلاست قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق تەربىيىلەش مەركىزى قىلىپ بېكىتكەن. 1999-يىلى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 77 نەپەرگە، ئوقۇۇغۇچى 635 نەپەرگە يەتتى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#