سىمسىز كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى

سىمسىز كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى

سىمسىز كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسىدە سۈرەتلىك سـىگنال سىمىنى تېجەپ، خـالىغانچە مــۇقىملاشتۇرۇپ ئۈستەل كومپيۇتېرى ياكى خاتىرە كومپيۇتېرغا ئۇلاش جــەريـــانـى ئـارقـىـلـىـق ئـاددىـيــلاشــتـۇرغىلى، ئىشلەتكۈچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىشىلتىشچانلىققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سىمسىز كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى
خەنزۇچە نامى 无线显示设备

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىمسىز شەكىل ئارقىلىق كۆرسىتىش ئېغىزىدا سۈرەتنى كۆرسىتىدۇ. تېخنىكا قاتلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقىنىمىزدا، نۆۋەتتە بۇنى ئىككى خىل يول ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.

1-خىل ئۇسۇل: سۈرەتلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش. ئۇنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى بولسا سۈرەت يەتكۈزۈش ئېغىزى ئاۋۋال سۈرەت ئېقىمىنى پىرېسلاپ  سانلىق مەلۇمات يوللانمىسى شەكلىدە قوبۇللاش ئېغىزىغا سىمسىز ھالەتتە يوللاپ بېرىدۇ. قوبۇللاش ئېغىزى سانلىق مەلۇمات يوللانمىلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قايتىدىن بىرلەشتۈرۈپ، يەنە پىرېسلاپ سۈرەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. نۆۋەتتە بۇ خىل ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىدىغان لايىھەلەر بىر قەدەر كۆپ، نىسبەتەن ۋەكىل خاراكتېرىغا ئىگە بولغىنى UWB تېخنىكىسى ياكى WIFI تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ.

 2-خىل ئۇسۇل: سۈرەتلىك ئېقىمنى بىۋاسىتە يوللاش. بۇ خىل ئۇسۇلدا سۈرەتلەرگە قارىتا پىرېسلاش ۋە پىرېسنى يېشىش جەريانىغا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. لىنىيە ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدۇ. بىراق، تېخنىكا قىيىنلىقى يۇقىرى بولىدۇ. نۆۋەتتە نىسبەتەن ۋەكىل خاراكتېرىغا ئىگە بولغىنىWHDI  تېخنىكسىدۇر. 

سىمسىز كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسىنى تاللاپ سېتىۋېلىشتىكى مۇھىم ئامىللارنى تۆۋەندىكىچە كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

سۈرەتنى ئاستىلىتىش

UWB ۋەWIFI  نىڭ سىمسىز سۈرەت تېخنىكىسىنى قوللانغاندا، ئاۋۋال سۈرەتنى پىرېسلاپ  قايتا يەتكۈزۈپ، ئاخىرىدا پىرېسلانغان سۈرەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقتىن، بۇ جەرياندا ۋاقىت ئىسراپ بولۇپ، سۈرەتلەرنىڭ ئاستىلاپ كېتىدىغانلىغىدەك بىۋاسىتە سەۋەبنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

WIFI سىمسىز سۈرەت تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەندە پىرېسلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئېھتىياج بولمايدۇ ھەمدە سۈرەت ئېقىمىنى پىرېسلاش، پىرېستىن يېشىش ۋاقتىنى تېجەپ قالىدۇ. تۈپ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سۈرەتنىڭ ئاستىلىشىنى يېتەرلىك ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بىراق سۈرەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ كەڭ بەلباغدا ئىگىلىنىشى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. نۆۋەتتە سىمسىز دائىرىلىك قىلىنىپ چىقىلىشىWHDI  تېخنىكىسى ئارقىلىق تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

يوللاش ئارىلىقى 

سىمسىز مۆلچەرلەشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىدىن بىرى دەل يەتكۈزۈش ئارىلىقىدۇر. يەتكۈزۈش ئارىلىقى يەنە كۆرگىلى بولىدىغان يەتكۈزۈش ئارىلىقى ۋە توساقىلىق يەتكۈزۈش ئارىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. كۆرگىلى بولىدىغان يەتكۈزۈش ئارىلىقى مەنا جەھەتتىن ئابونىتنىڭ كۆرۈش ئارىلىقى دائىرىسىدىكى كۆرگىلى بولىدىغان سىمسىز يەتكۈزۈش ئۈسكۈنىسى شەرتى ئاستىدىكى قوبۇللاش ئېغىزى قوبۇللايدىغان ئارىلىقدۇر. گەرچە ھەممىسى سىمسىز تېخنىكا بولسىمۇ، بىراق ئائىلىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىمچىلىقى بار.

UWB تېخنىكىسى بولسا يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ قىسقا بولغان بىر خىل سىمسىز تېخنىكا، تۈز سىزىقتىكى يەتكۈزۈش ئارىلىقى نىسبەتەن قىسقا بولۇپ. توساقلىق يەتكۈزۈش كار قىلمايدۇ.UWB سىمسىز كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى نۆۋەتتە پەقەت قىسقا ئارىلىقتا توختاپ تۇرۇپ يەتكۈزۈش بىلەن چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

WIFI تېخنىكىسى سۈرەتنى ئەڭ كىچىك دەرىجىدە ئاستىلىشىش ۋە ئەڭ ئەلا پەرقلەندۈرۈشكە ھەمدە بەش مېتىرغىچە بولغان دائىرىدە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، سۈرئەت 1.5 سېكۇنت كەينىگە سۈرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۆلچەملىك ئېنىقلىقتا كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئىشخانا مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بارالايسىز؛ ئۇنىڭ 30 مېتىر ئەتراپىدىكى يەتكۈزۈش ئارىلىقىنىڭ UWB تېخنىكىسىنىڭكىدىن كۆپ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.

WHDI تېخنىكىسىنىڭ يەتكۈزۈش ئارىلىقى نىسبەتەن ئۇزۇن بولۇپ، سۈرەتلەرنى پەرىقلەندۈرۈشچانلىغى1920*1080  دىن، يەنى  1080P/60 دىن يۇقىرى بولىدۇ، سۈرەتلەرنى قىلچىمۇ ئاستىلاتمايدۇ. بۇ ئۇنىڭ پىرېسلىمايدىغان تېخنىكا ئالاھىدىلىكى ۋە ئىلغار بولغانMIMO  ئانتېننا لاھىيسى (ئانتېننا سىمى) نىڭ بولغانلىقىدۇر.

سىمسىز مەشغۇلات ئارقىلىق كونتروللاش

سىمسىز كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى سېتىۋالغان ئىشلەتكۈچىلەر سىمسىز كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۇلاش ئېغىزى ئارقىلىق كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسنى چېتىپ مەشغۇلات قىلالايدۇ. بۇ سىمسىز مۆلچەرلىيەلەيدىغان كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ بىر مۇھىم نىشانى. ئەلۋەتتە ئەگەر سىزنىڭ سىمسىز كۆرسىتىش ئۈسكۈنىڭىزنىڭ سېزىمچانلىق ئىقتىدارى بولسا سىمسىز مەشغۇلات ئارقىلىق كونتروللاش مەسىلىسى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ .

UWB تېخنىكىسى كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسنىڭ سىمسىز مەشغۇلات كونتروللىرىنى قوللايدۇ، بىراقUWB  تېخنىكىسىنىڭ كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى سۈرەتلەرنى ئاستىلىتىش بولمىغان ئالدىنقى شەرتى ئاستىدىلا رولى بولىدۇ. ئوخشاشلا WIFI كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسىمۇ ئوخشاش مەسىلىگە يولۇقىدۇ.

WHDI تېخنىكىسى بولسا كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسنىڭ سىمسىز كونتروللاش تېخنىكىسىنى يېتەرلىك قوللايدۇ. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ تېخنىكا ئايرىم زاۋۇتلارنىڭ كونتروللىقىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەممە WHDI  تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسنى قوللاۋەرمەيدۇ. شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنى  تاللىغاندا يېتەرلىك ساۋاتقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

سىمسىز سۈرەت ئالماشتۇرۇش

سىمسىز كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى سېتىۋالغان ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسى تەلەپ-ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سىمسىز تېخنىكىسىنىڭ ئۆزلىرىگە تېخىمۇ تېز بولغان ئىشلىتىش ئۈنۈمى بېرەلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا سىزدىكى سىمسىز كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ سىمسىز توردا ئوخشاش بولمىغان كۆرۈنمە مەنبەلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ-يوق؟ بۇ ئىنتايىن ھالقىلىق مەسىلە. بۇ خىل سىمسىز توردا سۈرەتلەرنى ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان ئىقتىدارنى ۋاقتىنچە سىمسىز سۈرەت ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى، دەپ ئاتايمىز. ئىشلەتكۈچىلەر بىر قانچە خىل سىمسىز سىگنال تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالغان ۋاقىتتا بۇ خىل تەلەپ ئېھتىياج تەبىئىي ھالدا نامايان بولىدۇ. شۇڭا ھازىر بۇ مەسىلىنى ئويلانغىنىمىز بالدۇرلۇق قىلمايدۇ. بەلكىم، كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاز بولمىغان مەبلەغلەرنى تېجەپ بېرىشى مۇمكىن.

UWB  تېخنىكىسى نۆۋەتتە ئوخشىمىغان UWB سىگنال تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرىدە يېتەرلىك ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالمايدۇ، پەقەت تارقىتىپ قوبۇل قىلىشتەك ئىزچىل ئۇلىنىشنى قىلالايدۇ. ناۋادا ئىشلەتكۈچى ئىككى دانە UWB  سىگنال تارقىتىش ئۈسكۈنىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا PC  ۋە كۆك نۇرلۇق DVD  غا چاتسا، UWB  ئېكرانى سىمسىز توردا سۈرەتلەرنى بىۋاسىتە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالمايدۇ. ناۋادا ئىشلەتكۈچى كۆرۈۋاتقان كۆك نۇرلۇقDVD  دىكى مەزمۇنلارنى PC دىكى مەزمۇنلارغا ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياج تۇغۇلسا، ئۇنداقتا بىردىن بىر ئامال شۇكى ئاۋۋال كۆك نۇرلۇق DVD دىكى UWB سىگنال تارقىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ شىفىر ئۇچۇرلىرىنى يۇيۇۋېتىپ، قايتىدىن PC دىكى UWB سىگنال تارقىتىش ئۈسكۈنىسىدىكى شىفىرلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئۇلىغاندا ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ. 

WIFI تېخنىكا نەزەرىيەسىدە سىمسىز كۈرۈنمىلەرنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بىراق، نۆۋەتتە بازارلىرىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۈرۈنمىلەرنى ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۇچراتقىلى بولمايۋاتىدۇ.WHDI تېخنىكىسىدىكى 1.0 WHDI ئۆلچىمىدە مۇشۇنداق كۈرۈنمىلەرنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ئاللىقاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

دائىرىلەرنىڭ دېيىشىچە WHDI تېخنىكىسىدا بىرسى تارقاتسا بىرسى قوبۇللايدىغان، بىرسى تارقاتسا كۆپى قوبۇللايدىغان، كۆپى تارقىتىپ بىرسى قوبۇللايدىغان ۋە كۆپى تارقىتىپ كۆپى قوبۇللايدىغان ئىقتىدار تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇ خىل ئىقتىدار ئىلگىرىكى قىزىق نۇقتا ئىقتىدارلىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىنلاشقان.

بىرسى تارقىتىپ كۆپى قوبۇللاش دېگىنىمىز، كۆپلىگەن WHDI قوبۇللاش ئېغىزلىرى ئوخشاش ۋاقىتتا بىرWHDI   سىگنال تارقىتىش ئۈسكۈنىسى تارقاتقان ئاۋاز، سۈرەت مەزمۇنلىرىنى يېتەرلىك قوبۇللىيالايدىغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ.

كۆپى تارقىتىپ بىرى قوبۇللاش دېگىنىمىز، بولسا، بىرWHDI  قوبۇللاش ئېغىزى كۆپلىگەن WHDI سىگنال تارقىتىش ئۈسكۈنىسى تارقاتقان كۆرۈنمىلەرگە قارىتا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

كۆپى تارقىتىپ كۆپى قوبۇللاش بولسا بىرى تارقىتىپ كۆپى قوبۇللاش ۋە كۆپى تارقىتىپ كۆپى قوبۇللاشنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدۇر.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#