ئېلېكترون ئۇرۇشى

ئېلېكترون ئۇرۇشى

2-دۇنيا ئۇرۇشىدا، رادىئو ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى ئارمىيىدە كۆپلەپ ئىشلىتىلدى. ئىككى تەرەپ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى كاردىن چىقاردى ياكى ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۆزىنىڭ ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېلېكترون ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

نامى ئېلېكترون ئۇرۇشى
تۈرى ھەربىي ئىشلار كۈرىشى
خەنزۇچە نامى 电子战

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلېكترون ئۇرۇشى2-دۇنيا ئۇرۇشىدا، رادىئو ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى ئارمىيىدە كۆپلەپ ئىشلىتىلدى. ئىككى تەرەپ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى كاردىن چىقاردى ياكى ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۆزىنىڭ ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېلېكترون ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ئېلېكترون ئۇرۇشىدا يېتەكلەش ۋە يېتەكلەشكە قارشى مەزمۇنلار كۆپەيدى ھەم بۇ قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى، ھاۋا ئۇرۇشى ۋە دېڭىز ئۇرۇشىدىكى قوماندانلىق، خەۋەرلىشىش، رازۋېدكا، نىقابلىنىش، ھاۋا مۇداپىئەسى، ھاۋا ھۇجۇمى، پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىش قاتارلىق جەڭ ساھەلىرىگە سىڭىپ كىردى.

ئېلېكترون ئۇرۇشىنىڭ دائىرىسى رادار ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش، رادىئو خەۋەرلىشىش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش، فوتو ئېلېكتر ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش، سۇ ئاۋازى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئېلېكترونلۇق رازۋېدكا قىلىش، كاشىلا سېلىش، يوقىتىش ۋە رازۋېدكا قىلىشقا، كاشىلا سېلىشقا، يوقىتىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئېلېكترون ئۇرۇشىرادىئو خەۋەرلىشىش قارشىلىق كۆرسىتىش ئېلېكترون ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ دۈشمەنلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئادەتتىكى رادىئو خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مەخسۇس خەۋەرلىشىشكە قارشىلىق قىلىش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىدىغان، رادىئو خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى ئېلېكتروماگنىت كۈرىشى. بۇ رادىئو خەۋەرلىشىشنى رازۋېدكا قىلىش، ئۇنىڭغا كاشىلا قىلىش ۋە رازۋېدكا قىلىشقا، كاشىلا قىلىشقا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، روسىيە فىدراتسىيەسى ئارمىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ يىرىك ھەربىي گۇرۇپپىسىنى قورشىۋالىدۇ، روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ خەۋەرلىشىشكە كاشىلا سېلىش قىسىملىرى قورشاۋدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ خەۋەرلىشىشىگە كۈچلۈك كاشىلا سالغاچقا، ئۇلارنىڭ گىتلېر باش قوماندانلىق شتابى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئاخىر ھەممىسى ئەسىرگە چۈشىدۇ.

ئېلېكترون ئۇرۇشىئېلېكترون ئۇرۇشى، ئەمەلىيەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ پەن-تېخنىكا رىقابىتى بولۇپ، ئۇنى كۆرگىلى بولمايدۇ، بىراق، ھازىرقى زامان ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشى، مەغلۇپ بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئېلېكترونلۇق قارشىلىشىش قىسىملىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ئېلېكترون ئۇرۇشى تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى قۇردى، بەزىلىرى يەنە باش قوماندانلىق شتابى ۋە ھەرقايسى قىسىم تۈرلىرىدە ئېلېكترون ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىش ئاپپاراتلىرىنى قۇردى. 

 ھازىر ئېلېكترون ئۇرۇشى ئالەم بوشلۇقىغا كېڭىيىپ، بوشلۇق ئوربىتىسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئېلېكترونلۇق رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھلىرىغا تەتبىقلىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ رادار، خەۋەرلىشىشكە دائىر ئاخباراتلىرى رازۋېدكا قىلىنىدىغان بولدى. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر يەنە ئېلېكترونلۇق كاشىلا قىلىش سۈنئىي ھەمراھى، توسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھ ۋە سۈنئىي ھەمراھقا قارشى سۈنئىي ھەمراھ، يەنە توسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھقا تاقابىل تۇرىدىغان يالغان سۈنئىي ھەمراھنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/24821.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#