سۈيدۈڭ بازىرى

سۈيدۈڭ بازىرى
سۈيدۈڭ بازىرى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قورغاس ناھىيەسىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان.
ئۇيغۇرچە نامى سۈيدۈڭ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 20.5 كۋدرات كىلومېتىر
تېلېفون رايۇن نومۇرى 0999
خەنزۇچە ئاتىلىشى 水定镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىى
نوپۇسى 37008 ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى F

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۈيدۈڭ بازىرىسۈيدۈڭ بازىرى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قورغاس ناھىيەسىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان. سۈيدۈڭ بازىرىدا جەمئىي تۆت كەنت، توققۇز مەھەللە، 4 باشلانغۇچ مەكتەپ بار، پۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 20.5 كۋدرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 10350 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2 مودىن ئاز.

سۈيدۈڭ بازىرىدا 12663 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 37008 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 29042 ئادەم، شەھەر-بازار نوپۇسى 7966 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەت ئاھالە نوپۇسى 25467 ئادەم، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %69 نى ئىگەللىگەن، ئاساسلىقى خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق، مانجۇ قاتارلىق 13 مىللەت ئولتۇراقلاشقان. 

سۈيدۈڭ بازىرىسۈيدۈڭ بازىرىنىڭ تۆت ئەتىراپىنى زىچ چۆرىدىگەن شېكەر زاۋۇتى، پاختا-چىگە شىركىتى، تۇراقلىق نۇر كىراخمال زاۋۇتى، كۆكتات توپ سېتىش بازىرى قاتارلىق باشلامچى كارخانىلار، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش، تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، پائال يېتەكلەپ ، دېھقانلارنىڭ بازىرىنى يېتەكچى قىلىپ، باشلامچى كارخانىلارنى چۆرىدەپ، بازا قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتقان. سۈيدۈڭ بازىرىدا كارخانا دېھقانلارنىڭ بازىسى بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى شەكىللەنگەن.

سۈيدۈڭ بازىرىدا ئادەم كۆپ، يەر ئاز، چارۋا-مال ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق يوللارنىڭ بىرى، بورداقچىلىق، سىيىر باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلەرنى يېتەكلەشنى چىڭ تۇتۇپ، تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋىچىلىقى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام بويىچە تەرەققىي قىلغان. ئىككى نەپەر مال دوختۇرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، باشقا يېزا-بازاردىن ئىككى نەپەر مال دوختۇرى تەكلىپ قىلىپ، تۇرۇشلۇق كەنت، ئائىلىلەرگىچە بېرىپ، چارۋا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ، چارۋا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى % 100 تاماملىغان، توڭلىتىلغان ئسپېرما بىلەن 60 تۇياق مالنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ۋەزىپىنىڭ %13 نى تاماملىغان. كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن 3 مىليون يۈەن چارۋىچىلىق قەرز سوممىسى ئاجىرتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرۈتكە بولغان.

سۈيدۈڭ بازىرى2008-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، قورغاس ناھىيەسىنىڭ سۈيدۈڭ بازىرىدا، مېھرى-شەپقەت كۈچ ئۇلاش ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن، 3000 يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب ۋە ئۆگىنىش بويۇملىرىنى، سۈيدۈڭ بازىرى سامۇي جاڭزا كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.

بۇ قېتىمقى كۈچ ئۇلاپ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى 2006-يىلىدىكى مۇلازىمەت سۇدا بازارلىق پىدائىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چېن ۋېيجىن ئوتتۇرغا قويغان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى پىدائىيلىرى چېن جۈۋەن جۈۋەن، ۋاڭ جىيېۋي، سۈييىڭ قاتارلىقلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، كۆپ قېتىم مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ، زىيارەت قىلىش ئەھۋالىنى جۇڭگو پىدائىيلار تورى ئارقىلىق، شەندۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىچىلار ۋە مېھرىبان زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىن ھەدىيە قىلىشىغا ئېرىشكەن. بۇ پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي قىممىتى 4000 يۈەن بولغان ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشياسى، 300 دىن ئارتۇق كىيىم-كېچەككە ئېرىشكەن، 241 تال كىتاب بار بولغان «مېھرى-شەپقەت كۆۋرۈكى كۇتۇپخانىسى» قۇرۇلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#