قەشقەرنىڭ يەر تۈزۈلۈشى

 قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ زېمىنى كەڭ بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى ۋە پامىر ئېگىزلىكى، قاراقۇرۇم تېغى، قۇرۇمتاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ گېئو مورفولوگىيەلىك بۆلەكنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەرنىڭ يەر تۈزۈلۈشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ زېمىنى كەڭ بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى ۋە پامىر ئېگىزلىكى، قاراقۇرۇم تېغى، قۇرۇمتاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ گېئو مورفولوگىيەلىك بۆلەكنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى دېڭىز يۈزىدىن 1000-1500 مېتىرغىچە ئېگىز بولغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي تۈزلەكلىك رايونلاردىن ئىبارەت، شەرقى تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ، قالغان ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان. شىمال تەرىپىدە غەربىي جەنۇبى تەڭرىتاغ ئالدىدىكى تارماق تاغ تىزمىسى-كەلپىن تېغى بار، غەرب تەرىپىدە پامىر ئېگىزلىكى، جەنۇب تەرىپىدە قۇرۇمتاغ ۋە قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسى بار. ۋىلايەت تەۋەسىدە دۇنيا بويىچە 2-ئېگىز چوققا، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئېگىزچوققا چوگىر چوققىسى بار، ئۇ دېڭىز يۈزىدىن 8611 مېتىر ئېگىز، مۇز تاغ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 7540 مېتىر ئېگىز. ۋىلايەتنىڭ يەر شەكلى ئومۇمىي جەھەتتىن جەنۇبىي ۋە غەربىي قىسمى ئېگىز، شىمالى ۋە شەرقىي قىسمى پەس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ۋە نىسپىي ئېگىزلىك پەرقى بويىچە تۈزلەڭلىك رايون، پەس تاغلىق رايون، ئوتتۇراھال ئېگىز تاغلىق رايون ۋە ئېگىز تاغلىق رايون، قۇملۇق رايوندىن ئىبارەت تۆت گېئو مورفولوگىيەلىك بىرلىككە ئايرىلىدۇ.

تۈزلەڭلىك رايون

  بۇ ئاساسەن تاغ تىزمىلىرىدىكى تاغ ئېتىكى رايونى ۋە دەريا ۋادىسىدىكى تىنما تۈزلەڭلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 1000-1500 مېتىرغىچە ئېگىز، نىسپىي ئېگىزلىك پەرقى نەچچە ئون مېتىردىن ئاشمايدۇ. ئاساسلىقى قەشقەر دەرياسى ۋادىسى، كۈسەن دەرياسى ۋادىسى، يەكەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونىغا جايلاشقان. بۇ يەرلەر كۆپىنچە بوستانلىق، ئوت-چۆپلۈك بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي، غەربى قىسمى ئېگىز، جەنۇبىي، شەرقىي قىسمى پەس، بۇ ئاساسلىقى ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان رايون.

 پەس تاغلىق رايون

  بۇ دېڭىز يۈزىدىن 1500-2500 مېتىرغىچە ئېگىز بولغان تاغلىق رايوندىن ئىبارەت بولۇپ، نىسپىي ئېگىزلىك پەرقى 50-200 مېتىرغىچە كېلىدۇ. بۇ ئاساسەن غەربىي، جەنۇبى تەڭرىتاغدىكى تاغ ئالدى رايونلاردىن ئىبارەت. بۇ رايونلار ئاساسەن قەشقەر شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ شېكەركۆل، ئاچال رايونلىرىغا جايلاشقان، بۇ يەردە ئاتۇش تېغى، كەلپىن تېغى قاتارلىقلار بار.

ئوتتۇراھال ئېگىز تاغلىق رايون ۋە ئېگىز تاغلىق رايون

  دېڭىز يۈزىدىن 2500-3000 مېتىرغىچە بولغان جايلار ئوتتۇراھال ئېگىز تاغلىق رايونغا كىرىدۇ، ئۇ قۇرۇمتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى تاغلىق رايونغا تەۋە. ئاساسلىقى پوسكام، قاغىلىق ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقتاش–چىپان ئەتراپلىرىغا جايلاشقان. بۇ رايونلارنىڭ شىمالىي قىسمى تارىم ئويمانلىقى بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە سېرىق توپىلىق يېپىنچا قاتلىمى بار.

  دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان جايلار ئېگىز تاغلىق رايونلارغا كىرىدۇ، ئۇ قۇرۇمتاغ تىزمىسى ۋە قاراقۇرۇم ئاساسىي تاغ تىزمىسىغا تەۋە بولۇپ، قاغىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان. بۇ رايوننىڭ يەر شەكلى كەسمىسى چوڭقۇر بولۇپ، سۇ سىسىتېمىسى تەرەققىي قىلغان، تاغلىرى تىك بولۇپ، كۆپىنچە 5000 مېتىردىن ئاشىدىغان چوققىلار بار، چوققىلاردا يىل بويى قار ئېرىمەيدۇ.

 قۇملۇق رايون

  بۇ رايون دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 1100 مېتىر ئېگىز بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇملۇق رايوننىڭ بىر قىسمىغا تەۋە. ئاساسلىقى ئىككى رايونغا  ئايرىلىدۇ.

 1) بۇغرا قۇم چۆللۈكى. بۇ يەكەن ناھىيەسىنىڭ شىمالى، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. يەر شەكلى ئومۇمىي جەھەتتىن غەرب تەرىپى ئېگىز، شەرق تەرىپى پەس بولۇپ، يەر يۈزىنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى %1.3 كېلىدۇ.

  2) تەكلىماكان قۇملۇق رايونى. بۇ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە ۋە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ رايونغا قۇم بارخانلىرى تارقالغان، كۆپىنچىسىدە قۇملۇق ۋە شامالدا يىمىرىلگەن تۆپىلىك قاتارلىق مورفولوگىيەلىك لاندشافت شەكىللەنگەن، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى ئاز ئۆسىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#