ئوسسېتلار
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئوسسېتلار شىمالي كاۋكاز رايونىدىكى مىللەت بولۇپ ئۆزلىرىنى ئالان، ئىرون، دەپ ئاتىشىدۇ. خىرىستان دىنى پراۋوسلاۋىيە مەزھىپىدە.شەرق-غەرب تارىخىدا ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئالانلار دەپ خاتىرىلەنگەن،گرۇزىيە تارىخىدا ئوساملار دىيىلگەن، روسىيە تارىخىدا ياۋروپا ساملىرى دەپ خاتىرىلەنگەن. 2010-يىلى 7-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا ئوسسېتلارنىڭ نوپۇسى 718مىڭ .
2010-يىلى 7-ئايدىكى سىتاتىسكىغا قارىغاندا ئوسسېتلارنىڭ 718مىڭ ئاھالىسى بولۇپ، رۇسىيەدە 612مىڭ. ئاساسلىق رۇسىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ شىمالىي ئوستىيە ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى (سانى 500مىڭدىن ئارتۇق، جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ 65%نى ئىگللەيدۇ) ۋە گىرۇزىيە جۇمھۇرىيتىىدىكى جەنۇبىي ئوسسېت ئاپتونۇم ئوبلاستى(سانى 100مىڭدىن ئارتۇق، ئوبلاست ئاھالىسىنىڭ 85%نى ئىگەللەيدۇ)غا، بىرقىسمى گرۇزىيە، روسىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ باشقا ئوبلاستلىرىغا تارقالغان.
ئوسسېتلار ياۋروپا ئىرقى كاۋكاز تىپىغا تەۋە بولۇپ، ھىندى ياۋروپا تىللىرى سېستىمىسى، ئىران تىللىرى ئائىلىسى، شەرقى شىمالى ئىران- ساك تىل تۈركۈمىگە تەۋە ئوسسېت تىلىنى قوللىنىدۇ. ئەسلى گىرىك ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقى بار ئىدى، 1923-يىلى لاتىن يېزىقىغا ئۆزگەرتكەن، 1938-يىلى شىمال ئوسسېتلىرى سلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئېلىپبەگە كۆچكەن، جەنۇب ئوسسېتلىرى گرۇزىيە يېزىقىنى قوللانغان، 1954-يىلىدىن باشلاپ ئومۇمەن سلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقىنى قوللىنىپ كەلمەكتە.
ئوسسېتلارنىڭ %80 ئاھالىسى خىرىستان دىنى پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ، كاباردى بالكار جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدىغان دىگور رايوندىكى ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىگە ئىتىقاد قىلىدۇ.
ئوسسېتلار دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر شۇنداقلا تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى گىرىك تارىخلىرىدا، مىلادىدىن كېيىنكى رىم ئىمپىرىيىسى تارىخلىرىدا ئوسسېتلارنىڭ نامى دائىم تىلغا ئېلىنىپ تۇرغان. ئوسسېتلار ئولتۇراقلاشقان كاۋكاز رايونى تارىختىكى چوڭ ئىمپىرىيەلەر مۇقەررەر ئۆتىدىغان يول بولغاچقا تارىختىن بېرى گاھ پېرسىيەنىڭ ، گاھ ئازەر-تۈركلەرنىڭ، گاھ ئارمەنلەرنىڭ ياكى گىرۇزىيەنىڭ بىر قسىمى بولۇپ كەلگەن. ئوسسېتلار مىلادى 7-ئەسىردە گىرۇزىنلارنىڭ تەسىرىدە خىرىستان دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ھازىرقى شىمالى ئوسېتىيەدە كىچىك شەھەر دۆلىتىدىن بىر نەچچىنى قۇرغان. 10-ئەسىردىن كېيىن ئوسسېتلارنى زىمىنى ھازار، سالجۇق، خارەزىم، تىمۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەر قۇرغان ئىمپىرىيەلەرنىڭ قولىدا بولغان، 16-ئەسىردىن باشلاپ ئىران سەفەۋى خانلىقى ۋە تۈركمەنلەر قۇرغان قاجار خانلىقىنىڭ قولىدا بولغان. 1767-يىلى شىمالى ئوسېتىيە رۇسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنىغا ئايلانغان ۋە رۇسلارنىڭ بۇ رايوندىكى ئاساسلىق ئىتىپاقدىشى بولۇپ قالغان.
1917-يىلىدىن كېيىن ئوسسېتلارغا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىلگەن. 1944-يىلى ئوسسېتلارغا خوشنا بولغان ئىنگۇشلار سوۋېت دۈشمىنى دەپ قارىلىپ سۈرگۈن بولغاندا ئەسلىدە ئىنگۇشلار ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم زىمىن ئوسسېتلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن. 1991-يىلى ئوسسېتلارنىڭ ئاپتونومىيە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ شىمالى ئوسېتى ئالان جۇمھۇرىيىتى ۋە گىرۇزىيەگە قاراشلىق جەنۇبى ئوسېتى ئاپتونۇم ئوبلاستى قۇرۇلغان. 2003-يىلى جەنۇبى ئوسېتى ۋەقەسىدىن كېيىن جەنۇبى ئوسسېتلار مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ۋە رۇسىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئىلگىرى تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى ئوسسېتلار ئاساسلىق دېھقانچىلىقنى كەسىپ قىلغان، قوناق، ئاپتاپپەرەس، كۆكتات، خەمەكلىك ئۆسۈملۈكلەر، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى تېرىغان؛ تاغلىق رايونلاردىكى ئوسسېتلار چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، قوي، كالا، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى باققان. ئۇلارنىڭ ياغاچ ئويمىچىلىق، تاش ئويمىچىلىق، مىتال پىششىقلاش قاتارلىق قول-ھۈنەرۋەنچىلىكى كۆزگە كۆرۈنگەن. ئوسسېتلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆيلىرى كۆپىنچە تاش پارچىلىرى ئارقىلىق سېلىنغان، تاغلىق رايوندىكى يېزا ئۆيلىرى ئاساسەن قىيالىقلارغا سېلىنغان. ئاساسلىق بولكا ۋە ئۇماچ ئىستىمال قىلىدۇ، قوي گۆشى كاۋىپى ۋە سوغۇق سەي يىيىشكە ئامراق. خەلق ئارىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت كەڭ تارقالغان. [1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.