تەيفېڭ بورىنى

تەيفېڭ بورىنى

تەيفېڭ بورىنى شىمالىي تىنىچ ئوكياننىڭ غەربىدىكى كۈچلۈك تروپىك بەلباغ بورىنى (سىكلونى) دىن ئىبارەت. قاتتىقلىق دەرىجىسى بويىچە ئالتە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ: تروپىك بەلۋاغ تۆۋەن بېسىمى، تىروپىك قارا بورىنى، كۈچلۈك تروپىك شتورمى، تەيفېڭ بورىنى، كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى

ئۇيغۇرچە نامى تەيفېڭ بورىنى
چەتئالچە نامى Typhoon
ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بۇزغۇنچىلىق كۈچى
خەنزۇچە نامى 台风
ئورنى ئىسسىق بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغدىكى ئوكيان يۈزى
ھاسىل بولۇش سەۋەبى تروپىك بەلۋاغ سىكلونى تېمپېراتۇرا تەسىرىدە چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىنتىلىشدىن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەيفېڭ بورىنىتەيفېڭ بورىنى شىمالىي تىنىچ ئوكياننىڭ غەربىدىكى كۈچلۈك تروپىك بەلباغ بورىنى (سىكلونى) دىن ئىبارەت. خەلقئارالىق بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا : ئەڭ چوە شامال كۈچى 6-7 بالغا يەتسە ېروپىك بەلباغ تۆۋەن بېسىمى؛ 8-9 بالغا يەتسە تروپىك بەلباغ بورىنى؛ 10-11 بالغا يەتسە كۈچلۈك تروپىك بەلباغ بورىنى؛ 12 بالدىن يۇقىرى تەيفېڭ بورىنى دەپ ئاتىلىدۇ؛ تەتفىڭ بورىنى __ تۆۋەن كەڭلىكتىكى دېڭىز يۈزىدە نەم، ئىسسىق ھاۋانىڭ مەركەزگە قاراپ ھەرىكەت قىلىشى، يەرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلانغاندىكى ئېغىش كۈچىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ھاۋانىڭ چوڭ قاينىمىدىن ئىبارەت. تەيفېڭ بورىنىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 200-1000 كىلومېتىر، ۋېرتىكال دائىرىسى 10-15 كىلومېتىر كېلىدۇ. تەيفېڭ بورىنىنىڭ سىرتىدا شىددەتلىك بوران-چاپقۇن پەيدا بولسا، تەيفېڭ بورىنىنىڭ مەركىزى (كۆزى) تىپتىنىچ بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ياقىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تەيفېڭ بورىنى فىلىپپىننىڭ شەرقىدىكى تروپىك بەلباغ ئوكيان يۈزىدىن كېلىدۇ. ئۇ كۆپىنچە 5-10 ئايدا پەيدا بولىدۇ. تەيفېڭ بورىنى بۇزغۇنچىلىق كۈچى زور، ئاپەت خارەكتېرلىك ھاۋارايىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 

ئىلگىرى دۆلىتىمىز ئادىتدە 26 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىق بەلباغ دېڭىز يۈزىدە تروپىك بەلباغ سىكلونى (Tropical cyclones) تەيفېڭ بورىنى بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى بويىچە ئالتە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ: تروپىك بەلۋاغ تۆۋەن بېسىمى، تىروپىك قارا بورىنى، كۈچلۈك تروپىك شتورمى، تەيفېڭ بورىنى، كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى. 1989-يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تروپىك بەلباغ سىكلونى نامى ۋە دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى.

تروپىك بەلۋاغ تۆۋەن بېسىمى

7 ~ 6 بال شامالتروپىك بەلۋاغ تۆۋەن بېسىمى (ئىسسىق بەلۋاغ تۆۋەن ھاۋا بېسىمىنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى) تروپىك بەلۋاغ سىكلونى بىر خىلى. تروپىك بەلۋاغ سىكلونى كۈچى ئەڭ ئاجىز تەۋە دەرىجىسى (ئەڭ چوڭ شامال كۈچى سائىتىگە 62 كىلومېتىر ياكى تۆۋەن)، تروپىك بەلۋاغ تۆۋەن بېسىمى — تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى، شۇندىلا ئەڭ ئاخىرى غايىپ بولدۇ.

ئىسسىق بەلباغ بورىنى

8 ~ 9 بال شامالئىسسىق بەلباغ بورىنى بولسا تروپىك بەلباغ سىكلونىنىڭ بىر خىلى. — مەركىزى ئەتراپىدىكى ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 8 ~ 9 بال (m/s 17.2 ~ 24.4) ئىسسىق بەلباغ سىكلونى، تروپىك بەلۋاغ بوران-چاپقۇن پەيدا بولۇشى ئاۋال بىر ئاجىز ئىسسىق بەلباغ قاينىمى مەۋجۇت (تروپىك بەلۋاغ تۆۋەن بېسىمى)، بىراق ئىسسىق بەلباغ بورىنى بولسا كىشىلەرگە مول تاتلىق سۇ، ئىسسىق بەلباغ بورىنى جۇڭگو دېڭىز بويى، ياپونىيە دېڭىزى بويى، ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي كۆپ مىقداردا يامغۇر ئېلىپ كېلىدۇ، تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ رايونلارنىڭ ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى، بۇ رايونلارنىڭ تاتلىق سۇ تەمىنلەش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

كۈچلۈك تروپىك شتورمى

10 ~ 11 بال شامالكۈچلۈك تروپىك شتورمى تروپىك بەلباغ سىكلونىنىڭ بىر خىل . كۈچلۈك تىروپىك شتورمى (STS،sewere tropical storm) تۆۋەن مەركىزىگە يېقىن جايدىكى ئەڭ چوڭ ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 24.5 ~ 32.6 m/s، ئاستىنقى قەۋەت مەركىزىگە يېقىن جايدىكى ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 10 ~ 11 بال، تروپىك بەلۋاغ سىكلونى يېقىن مەركىزى ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 10 ~ 11 بال،  (24.5 ~ s/m 32.6)، ئىسسىق بەلباغ بورىنى چىققان ۋاقتىت كۈچلۈك ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى دەپ ئاتىلىدۇ. كۈچلۈك ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى داۋاملىق كۈچىيىپ تەيفېڭ بورىنى شەكىللىنىدۇ.

تەيفېڭ بورىنى

12 ~ 13 بال شامالتەيفېڭ بورىنى تروپىك بەلباغ سىكلونىنىڭ بىر تۈرى. دېڭىز-ئوكيان مېتېئورولوگىيىسى ئۈستى، دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى تەبىرى بويىچە: تروپىك بەلۋاغ سىكلونى مەركىزىنىڭ داۋاملىق شامال سۇرئىتى 12 بالدىن 13 بالغىچە (يەنى ھەر سېكۇنتتا 32.1 مېتىردىن 41.4 مېتىغىچە). تەيفېڭ بورىنى (typhoon) ياكى قارا بوران (hurricane) دەپ ئاتىلىدۇ، قارا بوران نامىنىڭ ئىشلىتىشى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ۋە شەرقىي تىنچ ئوكيان؛ ھەم شىمالىي تىنچ ئوكيان غەربىي قىسمى (ئاسمان ئېكۋاتورى شىمالى، خەلقئارا ۋاقىت لىنيەسىنىڭ غەربى، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 100 گرادۇس شەرقى)، مەنىداش ئىشلىتىلدىغىنى تەيفېڭ بورىنى، تەيفېڭ بورىنى داۋاملىق كۈچىيشى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى دېيىلىدۇ.

كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى

14 ~ 15 بال شامالكۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى (STY)، مەركىزى ئەتراپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى شامال كۈچى 14 ~ 15 بال (50.9 ~ 41.5 m/s) تروپىك بەلباغ سىكلونىنى كۆرسىتىدۇ. كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى داۋاملىق كۈچىيتىپ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئاجىز بولسا تەيفېڭ بورىنى بولۇپ قالىدۇ، كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى دائىم قوشۇلۇپ يۈز بەرگەندە چېلەكلەپ قۇيغاندەك ياغقان قاتتىق يامغۇر، چوڭ دېڭىز تاشقىنى، چوڭ دېڭىز شاۋقۇنى يۈز بەرگەن چاغدا ئادەم كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تالاپەت پەيدا قىلىدۇ. كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى كەڭ رايونلاردا يېتەرلىك يامغۇر سۈيى ئېلىپ كىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھۆل - يېغىن سىستېمىسى، كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى دائىم ھەر خىل بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئېغىر تەبىئىي ئاپەت.

ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى

16 بال شامالئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى (ئىنگلىز تىلىدا: Super Typhoon، جۇڭگۇ مېتېئورولۇگيىە ئىدارىسى قىسقارتىپ SuperTY، شياڭگاڭ رەسەتخانىسى قىسقارتىپ SuperT ئىشلىتىدۇ) تروپىك بەلباغ سىكلونى ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىسى. شامال سۈرئىتى سېكونتىغا 51.0 m/s. ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى شامال ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 300 كىلومېتىردىن ئاشقاندا بارغانلا يەردە، ئەسكى تامنى ئۆرۈگەندەك ئاسان ئۆرۈۋېتىش، بۇ بىۋاسىتە ئىنسانلارغا كەلتۈرگەن غايەت زور ئېنېرگىيە، بۇ خىل شامال كۈچى قۇرۇقلۇقتا ئاز ئۇچرايدۇ، بۇزغۇنچىلىق كۈچىنىڭ زور. دېڭىزدا دېڭىز دولقۇنى 14 مېتىر ئېشىپ كەتكەن ياكى يۇقىرى بولغان ئىنتايىن زور دولقۇن، ئاسماننى كۆپۈك قاپلىغان، كۆرۈنۈش دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئەھۋال. شۇڭا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنىنىڭ شامال كۈچى روشەن، تېخىمۇ چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئېغىر ئاپەت خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىق، دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر تەبئىي ئاپەتلەرنىڭ بىرى.

تەيفېڭ بورىنىخەلقئارا ئادەتكە ئاساسەن، ئۇنىڭ مەركىزى ئەتراپىدىكى ئەڭ چوڭ شامال كۈچى بۈلۈنىشى:

تروپىك بەلۋاغ تۆۋەن بېسىمى (Tropicaldepression)، ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى 6 ~ 7 بال، (17.1 ~ 10.8 m/s)؛

تىروپىك قارا بورىنى (Tropicalstorm)، ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى 8 ~ 9 بال، (17.2 ~ 24.4 m/s)؛

كۈچلۈك تروپىك شتورمى (Severe tropical storm)، ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى 10 ~ 11 بال، (24.5 ~ 32.6 m/s)؛

تەيفېڭ بورىنى (Ty-phoon)، ئەڭ چوڭ شامال تېزلىكى 12 ~ 13 بال، (32.7 ~ 41.4 m/s)؛

كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى (severe typhoon)، ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى 15 ~ 14 بال، (41.5 ~ 50.9 m/s)؛

ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى (Super Typhoon)، ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى ≥ 16 بال، ( ≥ 51.0 m/s).

 تەيفېڭ بورىنى تۈرگە ئايرىش شامال دەرىجىسى       شامال سۈرئىتى ( m / s ) 
 تروپىك بەلۋاغ تۆۋەن بېسىمى 6 ~ 7 بال 17.1 ~ 10.8 m/s 
 ئىسسىق بەلباغ بورىنى 8 ~ 9 بال   m/s 17.2 ~ 24.4
 كۈچلۈك تروپىك شتورمى    10 ~ 11 بال 32.6 ~ 24.5 m/s
 تەيفېڭ بورىنى     12 ~ 13 بال  41.4 ~ 32.7 m/s
 كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى  14 ~ 15 بال      41.5 ~ 20.9 m/s 
 ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى   ≥ 16 بال  ≥ 51.0  m/s

تەيفېڭ بورىنى دەرياسى تروپىك بەلۋاغ دېڭىز يۈزى، ئۇ يەر ھارارەت، ئىسسىقلىق يۇقىرى، كۆپ مىقداردىكى دېڭىز سۈيىنى پارغا ئايلىنىپ ھاۋاغا بىر تۆۋەن ھاۋا بېسىم مەركىزى شەكىللەندۈرگەن. ھاۋاغا بولغان ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ۋە يەر شارى ئۆز ھەرىكىتى ئېقىپ كىرگەن ھاۋا يەنە بىر سائەت ئىستىرىلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىدىغان ھاۋا قاينىمى  ئايلىنىپ كىتىدۇ، ئۇ تروپىك بەلباغ سىكلونىدىن ئىبارەت. پەقەت تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە قاراپ تروپىك بەلباغ سىكلونى بارغانسېرى كۈچلۈك بۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا تەيفېڭ بورىنى شەكىللىنىدۇ. 

تەيفېڭ بورىنىتەيفېڭ بورىنى مەنبەسى، ئۇ دائىم دېڭىز رايونىدا تەيفېڭ بورىنى چىقىپ، يەر شارى بويىچە تەيفېڭ بورىنى ئاساسلىقى  سەككىز دېڭىز رايونىدا يۈز بېردۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىمالىي يېرىم شاردىكى شىمالىي تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىي قىسمى بېنگال قولتۇقى ۋە ئەرەب دېڭىزى بەش دېڭىز رايونى، جەنۇبىي يېرىم شاردىكى جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىسمى، جەنۇبىي ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسىمدىكى ئۈچ دېڭىز رايونى. ھەر يىلى تەيفېڭ بورىنى يۈز بېرىش سانى ۋە يەر شارى تەيفېڭ بورىنى ئومۇمىي سانىنىڭ پىرسەنتلىك رايون تارقىلىش خەرىتىسى بولىدۇ. دۇنيا بويىچە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 62 تەيفېڭ بورىنى پەيدا بولىدۇ، ئوكيان غەربىي قىسمىدىكىدىن ئوكيان شەرقىي قىسمىدا يۈز بەرگەن تەيفېڭ بورىنىغا قارىغاندا خېلىلا كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە غەربىي شىمال تىنىچ ئوكيان دېڭىز رايونىدا ئەڭ كۆپ (%36 نى يۇقىرى)، جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكيان ۋە شەرقىي جەنۇبىي تىنچ ئوكياننىڭ ھازىرغىچە تېخى بايقالمىغان، تەيفېڭ بورىنى ھاسىل قىلغان غەربىي شىمال تىنچ ئوكياندىكى تەيفېڭ بورىنى مەنبەسى يەنە ئۈچ نىسپىي مەركەزلەشكەن رايون: فىلىپپىننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز، گۇئام يېقىن دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. جەنۇبىي دېڭىزدا شەكىللەنگەن تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو ئەتراپىدا تەسىرى زور.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#