كارولىنسكا ئىنستىتۇتى

كارولىنسكا ئىنستىتۇتى

كارولىنسكا ئىنستىتۇتى شىۋىتسىيەدىكى داڭلىق تېببىي ئىنستىتۇت. 1810-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكخولمغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى كارولىنسكا ئىنستىتۇتى
قىسقاتىلغان نامى KI
مەكتەپ تۈرى تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى
توربېكىتى http://www.ki.se
تەۋە دۆلەت شىۋېتسىيە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 卡罗林斯卡学院
قۇرۇلغان ۋاقتى 1810-يىلى
ئادرېسى شىۋېتسىيە ستوكخولم
ئىنگىلىزچە نامى Karolinska Institute
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 3600 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كارولىنسكا ئىنستىتۇتىكارولىنسكا ئىنستىتۇتى شىۋىتسىيەدىكى داڭلىق تېببىي ئىنستىتۇت. 1810-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكخولمغا جايلاشقان.

ئىنستىتۇت بىلەن ھەمكارلاشقان كارولىنسكا ئىنستىتۇتى دوختۇرخانىسى شىۋىتسىيەدىكى ئەڭ چوڭ تەتقىقات-تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ بىرى. پۈتۈن دۆلەتتىكى %30 مېدىتسىنا تەربىيىسى ۋە %40 مېدىتسىنا ئىلمىي تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئىنستىتۇت ياۋروپادىكى تەتقىقات خاراكتېرلىك مەكتەپلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى.

كارولىنسكا ئىنستىتۇتىسولنا مەكتەپ رايونى:

ھۈجەيرە ۋە مولېكولا بىئولوگىيىسى

ئىرسىيەت ئىلمى ۋە بىئولوگىيە ئۇچۇر ئىلمى تەتقىقات مەركىزى

مۇھىت تېببىي ئىلمى ئىنستىتۇتى

ئۆگىنىش، ئۇچۇر ئىلمى، باشقۇرۇش ئىلمى ۋە ئېتكا

تېببىي بىئو-خىمىيە ئىلمى ۋە بىئو-فىزىكا ئىلمى

تېببىي تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى

مىكروبىئولوگىيە ۋە ئۆسمە بىئولوگىيە ئىلمى مەركىزى

نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىلمى

فىزىئولوگىيە ۋە فارماكولوگىيە

كارولىنسكا مەكتەپ دوختۇرخانىسى ۋە داندېرريدس (Danderyds)دوختۇرخانىسى-شىمالىي كارولىنسكا ئىنستىتۇتى:

كلىنىكا نېرۋا ئىلمى

داندې دوختۇرخانىسى

دوختۇرخانا

مولېكۇلا تېبابىتى

ئۆسمە پاتولوگىيەسى

ئاممىۋىي ساغلاملىق ئىلمى

تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى

ئانا-بالىلار ساغلاملىقى

خۇددىنگې (Huddinge) مەكتەپ رايونى ۋە سودېر (Söder) دوختۇرخانىسى

بىئولوگىيە ئىلمى

تاشقى كېسەللەر ئىلمى

كلىنىكا تەتقىقات مەركىزى

كلىنىكا ئىلمى

تېببىي تەجرىبىخانا ئىلمى ۋە پەن-تېخنىكىسى

تېببىي ئوزۇقلۇقشۇناسلىق ئىلمى

تېبابەت

مىكروبىئولوگىيە، پاتولوگىيە ۋە ئىممۇنولوگىيە

نېرۋا پەن-تېخنىكىسى

ئودونتولوگىي

پەرۋىش ئىلمى

سودېر دوختۇرخانىسى

كارولىنسكا ئىنستىتۇتىكارولىنسكا ئىنستىتۇتى ھەر يىلى دۇنياۋى تېببىي مەتبۇئاتلاردا 4000 مىڭدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ، غول ھۈجەيرە، نېرۋا ھۈجەيرىسى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە ئۆسمە تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا ماڭىدۇ.

يېرىم ئەسىردىن بۇيان، 9 مىليون شېۋىتسىيەلىكنىڭ تېببىي ئۇچۇرى چوڭ بىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا خاتىرلىنىپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ تېببىي ساھەدىكى تەتقىقات ئاساسى قىلىنىپ كەلدى. بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان دەل كارولىنسكا ئىنستىتۇتى. بۇنىڭدىن باشقا كارولىنسكا ئىنستىتۇتى شىۋىتسىيەنىڭ %43 تېببىي تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى كلىنىكىلىق مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەيدىس كېسىلىنىڭ ۋاكسىنىسى

كارولىنسكا ئىنستىتۇتىبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەيدىس كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىليونغا يېتىدۇ، ئەيدىس ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا تەخمىنەن 40 مىليونغا يېتىدۇ، بۇنىڭ %70 ئافرىقىدا. دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق تەتقىقات ئورگىنى شىۋىتسىيە كارولىنسكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىچە، ئۇلار يېقىنقى ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىسىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىۋېتىپتۇ.

بۇ تەتقىقات تۈرى يەتتە يىل بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، كلىنىكىلىق تەجرىبىلەردىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ خىل ۋاكسىنا ئەملەنگەن 40 پىدائىي ئىچىدە، %97 كىشىدە ئەيدىس ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئىنكاسى كۆرۈلگەن. نۆۋەتتە، بۇ ۋاكسىنا تانزانيەدىكى 60 پىدائىيغا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. تەجرىبىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇنىڭ نەتىجىسىمۇ شىۋىتسىيەدىكى تەجرىبە نەتىجىسىگە ئوخشاش بولغان.

نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش

كارولىنسكا ئىنستىتۇتىكارولىنسكا ئىنستىتۇتى ياۋروپادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېببىي ئىنستىتۇت، شۇنداقلا خەلقئارا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىلمىي تەتقىقات سەۋىيەسى ۋە نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تېببىي ئىلىم مۇكاپاتىنى باھالاپ تارقىتىش بىلەن دۇنياغا داڭلىق. ئىنستىتۇتنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى «تەتقىقات، تەلىم-تەربىيە، ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىق سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش».

كارولىنسكا ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، نوبېل مۇكاپاتىنى باھالىغۇچىلار ئادىللىق بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس تېببىي ئىلىم نەتىجىلىرىنى تاللاش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى، چۈنكى ئۇلار چوقۇم نوبېل مۇكاپاتىنىڭ نوپۇزىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك، دېدى. ئۇ يەنە، بۈگۈنگە قەدەر تېببىي ئىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر 31 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەنلەرمۇ بار، دېدى.

نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە تېببىي ئىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر

1955-يىلى: خۇگو زېئورېل (Hugo Theorell؛ 1982-يىلى ~ 1903-يىلى)؛

1967-يىلى: راگنار گرانىت (Ragnar Granit؛ 1991-يىلى ~ 1900-يىلى)؛

1970-يىلى: ئۇلف ۋون ئېئۇلېر (Ulf von Euler؛ 1983-يىلى ~ 1905-يىلى)؛

1981-يىلى: تورستېن ۋىئېسېل (Torsten Wiesel، 1924؛ 1924-يىلى)؛

1982-يىلى: سۇنې بېرگستروم (Sune Bergström؛ 2004-يىلى ~ 1916-يىلى)؛[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#