ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۈچلۈك كۈن نۇرى ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق شارائىتتا ئۇزاق مۇددەت مەشغۇلات قىلىش، ئىچكەن سۇيۇقلۇقى ئاز بولۇش، ئىچى سۈرۈپ ياكى قاتتىق تەرلەپ سۇ يوقىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: تەرلەش، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، بەزىلەردە ئىچى سۈرۈپ كېتىش، ئۇسساش، باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلىشىپ، يۈز تېرىسى قارىداپ، تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ قىزىتىش، قاتتىق بىئارام بولۇش، سۈيدۈك يوقىلىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، بەزىدە ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: قىزىلگۈل، ھەمىشىباھار، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى، ئەنجۈر شىپا تېنى، ئاق لەيلى، ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقى، تەرەنجىبىن 20 گىرامدىن، سېرىق ھېلىلە، قارىئۆرۈك 21 گىرامدىن. سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇدا نەمدە تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 50 گىرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 30 گىرام، سىركە 5.0 لىتىر، ئاق شېكەر بىر كىلوگرام، سۇ تۆت كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 5 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.